خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.09.12
ئۇيغۇر دىيارىدىكى چاغان داغدۇغىسى ۋە خىتاي يوشۇرۇۋاتقان يۇقۇم ۋەزىيىتى
Yettesu

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ «باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى بىئارام قىلىدىغان كىيىم-كېچەكلەر» نى كىيىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا، خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» نامىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ھەر قايسى ماددىلىرىغا بولغان نارازىلىق ھەم ئەندىشىلەر ئىپادىلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئەسلىدىكى «دۆلەت خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن، خىتاي خەلقىنىڭ پىكرىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، «خىتاي خەلقىنىڭ روھىي كەيپىياتىغا زىيانلىق، خىتاي خەلقىگە ئازار بېرىدىغان كىيىنىش ۋە سۆز ھەرىكەتلەردە ئاممىنىڭ پىكرىنى ئېلىش» تەكىتلەنگەن.

چەت ئەللەردىكى مۇستەقىل تاراتقۇلاردىن «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ لايىھە مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى ياكى 5000 يۈەن جەرىمانە تۆلەش جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان. لېكىن قانۇن لايىھەسىدە كونكرېت قانداق كۆرۈنۈش ۋە سۆز-ھەرىكەتنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، دەپ قارىلىدىغانلىقى ئېنىق دېيىلمىگەن. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» دە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ نىشانى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قانۇننىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۇرۇنۇشىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى تېڭ بياۋ ئەپەندى، خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى.

تېڭ بياۋ ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خەلقئارا قانۇن تەرتىپكىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن تۈزۈش تەرتىپىگىمۇ خىلاپ بولغان بىمەنە قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: « ‹خىتاي خەلقىنىڭ روھىي كەيپىياتىغا زىيانلىق، خىتاي خەلقىگە ئازار بېرىدىغان كىيىنىش ۋە سۆز ھەرىكەتلەرنى چەكلەش› دېگەنلەرنىڭ ئۆزى قانۇن نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئىنتايىن بىمەنە ۋە كۈلكىلىك بىر مەسىلە. چۈنكى بۇنىڭدا ئەڭ ئەقەللىي بولغان پىكىر-قاراشلار، بىر قىسىم بەلگىلەر ۋە كىيىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاش ماددىي نەرسىلەر قانۇنسىزلىق، دېيىلگەن. بۇ زامانىۋى قانۇن ئېڭى ۋە قانۇن تەرتىپىگە پۈتۈنلەي قارشى بىر قىلمىش. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن تەرتىپىگىمۇ خىلاپ بىر قىلمىش.»

تېڭ بياۋ ئەپەندى يەنە شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى بۇ يولدا بارغانچە قەبىھلىشىپ، بارغانچە رادىكاللىشىپ ماڭماقتا. چۈنكى خىتاي ئىلگىرىمۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ داۋالغۇش خەۋپى، سىياسىي خەۋپ ۋە ئىقتىسادىي خەۋپلەرگە دۇچ كەلگىنىدە، ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىماي كەڭ ئاممىنىڭ مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى قوزغاش، «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، دىققەتنى باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قانۇنىي ئورنىنى مۇستەھكەملەپ كەلگەن ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يادرو قىلغان بۇ خىل سىياسىتى ئاللىقاچان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا.»

تېڭ بياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، دەل مۇشۇ بۇ خىلدىكى خىتاي مىللەتچىلىكى يادرو قىلىنغان رادىكال قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باستۇرۇلۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن.

تېڭ بياۋ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇ، شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى، دىنىي بەلگىلەر شۇنداقلا بىر قىسىم كۆز قاراش ۋە پىكىرلەرگە بولغان چەكلىمىلەرنى ھازىر ئەڭ رادىكال ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلماقتا. رايوندىكى ۋەزىيەت ھازىر ئاللىقاچان ئېغىر ھالدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈردى. ھالبۇكى، بۇ قانۇن بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تېخىمۇ ئېغىر ئازابلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن! »

ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارىتا چەت ئەللەردىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىچىدىمۇ قارشىلىقنىڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بۇ قانۇن لايىھەسى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. چۈنكى بۇ قانۇننىڭ مەزمۇندىن تارتىپ ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا قەدەر، ھەممىسىدىلا قانۇنىي تەرتىپلەرگە بولغان خىلاپلىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.»

خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، ھەرقانداق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىشى ئېنىق ئىكەن.

خۇ پىڭ يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ تېخىمۇ زور خەۋپتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ قەبىھ بولغان باستۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇن ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا باستۇرۇش ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئىدى.چۈنكى شىنجاڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاللىقاچان ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئېغىر بولغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلماقتا.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشتىن ئىلگىرى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» نى ماقۇللاپ، ياغلىق ئارتقان، ھىجابلانغان، ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ئاياللارنى؛ ساقال قويۇپ، ئوشۇقىنىڭ ئۈستىدە ئىشتان كىيگەن ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» دا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، ياغلىق ئارتىشى، 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، زىبۇ-زىننەتلەردىكى ئاي-يۇلتۇز بەلگىسى، ئىسلام دىنىي ئېتىقادى بويىچە ئۇيغۇر ئائىلىلەردە ساقلىنىۋاتقان قۇرئان ۋە جاينامازلار، ئائىلە سايمانلىرىدىكى ئىسلام دىنى بەلگىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى توتېم ئېتىقادى ئەكس ئەتكەن بۆرە ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن ئۆي سايمانلىرى، ھەتتا مەسچىتلەرنىڭ قۇببىلىرىدىكى ئاي-يۇلتۇز بەلگىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىپ يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.