خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتە، «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» دولقۇنى قوزغاپ، بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى ئۆز تەشۋىقاتىنىڭ «ئاۋازى» بولۇش ئۈچۈن ئىشقا سېلىشنى باشلىغانلىقى مەلۇم. دەرۋەقە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئاقىللار ئامبىرى تەتقىقاتچىلىرى ۋە تاراتقۇ خادىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى يىغىلىشى خىتاينىڭ ئۆز ئوبرازى ۋە تەسىرىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاقىللار ئامبىرى تەتقىقاتچىلىرى ۋە تاراتقۇ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋالغان ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ما شىڭرۈي سۆھبەتتە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ رايونىدىكى ۋەزىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن بېيىتىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئەمما ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم كۈچلەر شىنجاڭ ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئىككىلەنمەي «مەجبۇرىي ئەمگەك» ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قاتارلىق يالغانچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىشتۇر. »
ۋاھالەنكى، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ ئەپەندى خىتاينىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مەزكۇر ئىچكى-تاشقى تەشۋىقات تاكتىكىسىنى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ھەرىكىتى» دەپ كۆرسىتىپ، قارىشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«مېنىڭچە بۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تاشقى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى. بۇ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى تەشۋىقاتقا قارىتا ئىنتايىن ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق پىلان ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھازىر خەلقئاراغا بۇ خىل تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بەزى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن پاكىتلارنى يوشۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلاردا زور قايمۇقۇش تەسىرى پەيدا قىلىدۇ. ئېنىق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ ئۇنىڭ بىر تاكتىكىسىدۇر. »
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى زىيارەت ئۆمەكلىرىنى ۋە ساياھەت تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان تەشۋىقات تاكتىكىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىملىق ئاقىللار ئامبىرى تەتقىقاتچىلىرى ۋە تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتار، مالايسىيا، ئىران، ھىندونېزىيە، تۈركىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ مەقسىتى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە ناھايىتى روشەن گەۋدىلەنگەن. ما شىڭرۈي بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى دەۋردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پۈتۈنلەي، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز كۆپچىلىكنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئەڭ قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى خالايمىز. شۇنداقلا ساياھىتىڭلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان قارىشى ۋە تونۇشىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »
ياپونىيەدىكى شىزىئوكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Shizuoka University) ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس ئوخنوس چوگتۇ (ياڭ خەييىڭ) ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىمۇ نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتەك تەشۋىقات ھىيلىسىنى قوللانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھازىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش خىتاي ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىدۇر. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تەشۋىقاتىنى بار كۈچى بىلەن كېڭەيتىۋاتىدۇ. ئۇ ئىلغار ۋە يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتالمىش گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، گېرمانىيە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئاخبارات تاراتقۇ ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ھەتتا چەتئەل كوچىلىرىدا خىتايلارنى ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈپ، بۇ ساختا ئۇيغۇرلار ئارقىلىق چەت ئەللەردىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار، ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇستىلىق بىلەن پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىلدىكى پاكىتنى يوشۇرۇش ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىدىغان خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىگە بولغان تەسىرى خېلى چوڭ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. »
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە بۇ ھەقتىكى بارلىق پاكىتلارنى يېپىشقا ۋە ئۇنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
«ئەمەلىيەتتە يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئادەتتە ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى باشقىلارنىڭ سۆزلىشىگە يول قويمايدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولمىسا، ئۇنى ئىسپاتلاشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ھازىر دۇنيادىكى بارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا يول قويالامدۇ؟ ئۇيغۇرلارغا ئۆز ھېكايىلىرىنى سۆزلىشىگە يول قويالامدۇ؟ ھېچقانداق ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتتە ئاتالمىش تاراتقۇ مۇھاكىمە يىغىنىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۈبھىسىزكى، بۇ پەقەت خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئاتالمىش تەتقىقاتچىلار ۋە تاراتقۇلاردىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمەكلىرىنى يانتايىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە رەزىللىكلىرىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 9-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 21 دۆلەتتىن كەلگەن 26 تاراتقۇنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچقان. مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 8-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىرىدىن ما شىڭرۈي ۋە ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋالغان بۇ 26 تاراتقۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدىكەن.