HRW: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ چەكلىك زىيارىتىگە يول قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ نورماللاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.04
China-Passport-sayahet-doppa-pasport-uyghur-5 كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 3-فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى زىيارەت قىلىشىغا چەكلىك رەۋىشتە يول قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت گويا «نورمال» دەك بىر ئاممىۋى كۆرۈنۈش پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
Photo: RFA

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 3-فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى زىيارەت قىلىشىغا چەكلىك رەۋىشتە يول قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت گويا «نورمال» دەك بىر ئاممىۋى كۆرۈنۈش پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇننىڭ ئالدىدا، رايوندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىپ، چوڭ تۇتقۇندا چەتئەل بىلەن ئالاقىلەشكەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، يېقىندىن بېرى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق چەكلىمىلەر ئاستىدا چەتئەلگە چىقىشى ياكى چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار شەرتلەر ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويۇشقا باشلىغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت چەكلىمىسى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ، شۇنىڭدەك چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، نەچچە يىللاردىن بېرى خەۋىرىنى ئالالمىغان ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇشىغا قىسمەن يول قويغان بولسىمۇ، «ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ساياھەت چەكلىمىسىنى داۋاملىق شىنجاڭ ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە» ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى تەييارلىغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول (Yalkun Uluyol)، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ساياھەت كونترولى، ئۇنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. يالقۇن ئۇلۇيول 3-فېۋرال بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئىككى تۈرلۈك مەقسەتكە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يالقۇن ئۇلۇيول مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىسى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، ھەتتا ئاقلاش نىيىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.» يالقۇن ئۇلۇيولنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ساياھەت كونترولى ئارقىلىق يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش، ئۇلاردا «ئىشەنچسىزلىك» پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن. يالقۇن ئۇلۇيول، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىشەنچسىزلىك ئوتتۇرىغا چىقاردى» دەيدۇ.

ساقچى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا يولۇچىلاردىن ئىلگىرى ئايروپىلاندىن چۈشۈشنى بۇيرۇغان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 17-ئىيۇن، ئۈرۈمچى
ساقچى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا يولۇچىلاردىن ئىلگىرى ئايروپىلاندىن چۈشۈشنى بۇيرۇغان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 17-ئىيۇن، ئۈرۈمچى
REUTERS/Thomas Peter

«خىتاي: ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت قىلىشىدىكى ئېغىر چەكلىمە» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا خىتاينىڭ سىرتىدا ياشايدىغان 23 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى كۆرۈپ چىققان. دوكلاتتا، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، چەتئەللەردىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە 6 ئايغىچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى، بەزى ئۇيغۇرلار خىتايغا ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ گىراژدانى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى «مەھەللە كومىتېتى» ۋە ساقچىخانىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىگە بەرگەن ياكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قاتناشقان توي-تۆكۈنگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلماقتا ئىكەن. دوكلاتتا، چەت ئەلنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق بەلگىلىمە ھەم شەرتلەرنىڭ قويۇلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ساياھەت پىلانى، چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەكلىپنامىسى، شەخسى ئۇچۇرى، ئادرېسى، خىزمەت ئەھۋالى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى، شۇنداقلا «كاپالەتچى» تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى پائالىيىتى، تۇرۇشلۇق ۋاقتى قاتارلىقلارغا قاتتىق بەلگىلىمە قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر چەتئەلگە زىيارەتكە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى «گۆرۈگە» تۇتۇۋالىدىكەن. ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا، «كاپالەتچىسى» ياكى «ئائىلە ئەزالىرى» جازالىنىش خەۋپىگە دۇچار بولىدىكەن.

ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت بايانلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

مايا ۋاڭ 3-فېۋرال بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ دوكلات 2017-يىل دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇيغۇر رايونىغا بۇرالغاندىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.» مايا ۋاڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يەنە كۆپ خىل كىرىزىسكە پاتقان ھازىرقى دۇنيادا، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتى» گە دائىر بايانلىرىغا رىقابەت ئېلان قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۈشكۈللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. مايا ۋاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ھەر خىل ئامىللارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا يوچۇق يارىتىپ بېرىدىكەن. مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭلاشقا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بايانلارنى سېنزورلاش، مونوپول قىلىش ۋە بۇرمىلىشىغا ئىمكان يارىتىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭ رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان قىلمىشىغا قارشى چىققان ھەرقانداق ئۆكتىچىلىكنى ئەھمىيەتسىزلەشتۈرمەكتە.» مايا ۋاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر تەرەپتىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز قىلمىشىنى يېپىشى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولماقتا ئىكەن.

مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشتەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلىپ، ئاندىن ئۇ بۇنىڭغا قارىتىلغان ھەر خىل تەنقىدلەرنى ئۇتۇقلۇق رەۋىشتە نېيتراللاشتۇرۇش، بۇنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ شىنجاڭغا تۇتقان سىياسىتى ۋە دۇنيانىڭ ئىنكاسىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىسىڭىز، مەن ئۇنىڭ جاۋابكارلىقتىن ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق قېچىۋاتقانلىقىنى ئېيتالايمەن.»

ھالبۇكى، تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇيول، بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى يېپىش ياكى ئاقلاش مەقسىتىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يالقۇن ئۇلۇيولنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە كىرىشى ياكى چىقىشى ھەممەيلەندە بىر سوئال پەيدا قىلماقتا ئىكەن. يالقۇن ئۇلۇيول، مەزكۇر دوكلاتنىڭ «بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تەييارلىغانلىقىنى» نى بىلدۈردى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىجارەت بىلەن چەتئەلگە چىقماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە چىقىشىغا يول قويسىمۇ، ئەمما تۈركىيەگە ئوخشاش نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان «نازۇك دۆلەتلەر» گە چىقىشىنى چەكلىمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىك «شىنجاڭ ساياھەت تۈرلىرى» گە قاتنىشىشىغا چاقىرغانلىقى، بۇ تۈرگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كىملىك كارتىسى، پاسپورتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادرېسىنى تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ تىزىملىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ساقچىخانا، ج خ ئىدارىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرىغا ۋە مەھەللە كومىتېتىغا ئەۋەتىلىپ، تەستىقلاشقا ئېرىشكەن شەخسلەرنىڭلا بۇ تۈرگە قاتنىشالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل كونتروللۇقتىكى زىيارەت ۋە ساياھەتلەر ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ كىشىلەردىن بەزىلەر بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماقتا ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ھەتتا ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رايوننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن ھەزەر ئەيلىمەكتە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.