خىتاينىڭ باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەنە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقى مەلۇم. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى بەس-بەستە چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان باھار بايرىمىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىشقان.
يېقىندا ئىنستېگرام، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق سەنئەتكارلارنىڭ قازاقىستانغا ئويۇن قويغىلى بارغانلىقى تارقالغانىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» نامىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەخسۇس ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى ئويۇن قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالماقتا.

قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئالمۇتادا ئۆتكۈزگەن كونسېرتىغا بارغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ كونسېرت «خىتاي-قازاقىستان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى تەكلىپ قىلغان كىشىلەرلا قاتناشتۇرۇلغان، ئاۋام خەلققە ئۇقتۇرۇلمىغان.
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى يەنە دۇبەيدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ ئىنىستېگرام ۋە تىك-توك ھېسابىدىن دۇبەيگە كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ چاغانلىق قويغان نومۇرلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ قىز تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، ئاساسلىقى ئۇيغۇر سەنئەتكارلاردىن تەشكىللەنگەن ئۆمەك مەخسۇس دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغانلىق پائالىيەتلەردە ئويۇن قويغىلى كەلگەن. ئۇلار پائالىيەتلەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئورۇندىغان.
مەلۇم بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «دوۋلىكۇن سەيمۇرە» (Doulikun Saimure) ئىسمىدىكى بۇ قىزنىڭ ئەسلى ئىسمى سەمىرە دولقۇن بولۇپ، قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆز سىڭلىسى 2017-2018-يىللىرى ئارىلىقىدا لاگېرغا كېرىپ چىققان ئىكەن. ئۇ دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ قەشقەرلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىللىق چاغان بايرىمىنىڭ قەشقەردىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز سەمىرە دولقۇن ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشچان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە سەنئەتكار رەھىمە مەھمۇت خانىم، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغانلىق بايرام پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى ئۇسسۇل ئوينىتىپ ۋە ناخشا ئېيتقۇزۇپ، «خۇشال ھەم بەختىيار ئۇيغۇر» ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىشقا؛ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىنى چەت ئەللەرگە ئەۋەتىپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ياڭراتقان بىلەن، قەشقەردە ئۇيغۇرلارنى خىتايچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش ۋە خىتاي ئۇسلۇبىدا «چاغان» ئۆتكۈزۈشكە زورلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ «بۇ ۋەتەن ئېچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى بىلەن ئويناشقانلىق» دېدى.
4-يانۋار كۈنى «خىتاي خەۋەر تورى» خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «2024-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ بىرلا ۋاقىتتا خىتايدىكى تۆت شەھەردە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغانلىقى، بۇ تۆت شەھەرنىڭ بىرسىنىڭ قەشقەر شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى «خۇشال-بەختىيار» قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
كانادالىق ئۇيغۇر سېرك ماھىرى ئايگۈل مەمەت 2004-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن سېرك ئۆمىكى تەركىبىدە كاناداغا ئويۇن قويۇشقا كەلگىنىدە، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قېلىپ قالغان. ئۇ، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى تەشۋىقاتى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭمۇ خىتاي تەشكىللىگەن ئۆمەك بىلەن چەت ئەللەرگە ئويۇن قويغىلى چىققانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تەشۋىقات ئويۇنلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالغانلىقىنى كېيىنكى يىللاردا چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆز تەشۋىقاتىنى يېيىپ كەلگەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئىتىگە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار سانىيەم ئىسمائىل خىتاينىڭ تەشۋىقات ئويۇنلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مومام 30 ياش ۋاقتىدا ۋەتەندىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چېقىپتىكەن. بىز نەچچە ئەۋلادتىن بىرى خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. ۋەتەندىكى خەلقىمىز تارتقان دەردلىرىنى پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدۇ. بىز ئۇلارغا مەدەت بولۇش ئۈچۈن چوقۇم قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانلىرىمىزنى ئون ھەسسىسى بىلەن كۆرسىتىشكە تېرىشىشىمىز كېرەك.»
23-يانۋار كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە يېزىلغان دوكلاتتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى. بولۇپمۇ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ۋەكىلى خىتايغا ناھايىتى كەسكىن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.