خىتاينىڭ «ئۇزۇن قولى» بولۇۋاتقان «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» ۋە «ئەڭگۈشتەر» نىڭ سۇيىقەستلىرى
2025.01.09
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داھىيسى ماۋ زېدۇڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنى «بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئەڭگۈشتەر» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى رولىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇھىملىقى قايتىدىن تەكىتلىنىپ، «بىرلىكسەپ، قوراللىق كۈرەش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى-كومپارتىيەنىڭ دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشىدىكى ئۈچ چوڭ ئەنگۈشتەرى» دەپ مەدھىيەلەندى. ھالبۇكى، غەرب دۇنياسىدا، جۈملىدىن ئامېرىكا تەۋەسىدە قولغا ئېلىنغان بىرنەچچە خىتاي جاسۇسىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا مەزكۇر بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.
چېگرا سىرتىدىكى ھەممىنى كونترول قىلىش ئىنتىلىشى
بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، يەنى 1930-يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئىتتىپاقداش تېپىشقا مەسئۇل بولۇشنى مۇھىم خىزمەت نىشانى قىلغان بولسا، خ خ ج قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھەرقايسى خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى مەزكۇر بۆلۈمنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملەشتىكى رولى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان مەزكۇر بۆلۈم خىتاي چېگراسى ئىچىدە غايەت زور خىزمەت تورى ھاسىل قىلىشتىن باشقا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە ئىستىخبارات خىزمىتىنىڭ «باش قوماندانى» بولۇپ كەلگەن. ماۋ زېدۇڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەقىلدارى بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋاڭ خۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتە كىشىلىك ئەزاسىنىڭ بىرى بولغاندىن كېيىن، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ «باش خوجايىنلىقى» نى ئۈستىگە ئالغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ چەت ئەللەردىكى پائالىيىتى راكېتاسىمان شەكىلدە جانلانغان.
بۇ جەھەتتە بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئىستىخىيەلىك ھالدا ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن زىچ ئالاقە تورى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن خىزمەتلەرنىڭ «بىر تاختا شاھمات كەبى رەتلىك بېجىرىلىشى» نى ئىشقا ئاشۇرغان. بولۇپمۇ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سىياسەتلىرىنى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەردە، ئاقىللار مەركەزلىرىدە، پۇقراۋى جەمئىيەتلەردە ۋە باشقا ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەردە خىتاي ھەققىدىكى ئىجابىي قاراشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ مۇھىم خىزمىتى بولغان. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەرقايسى قىتئەلەردە قۇرۇپ چىققان «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نامىدىكى مەركەزلەر بولۇپ، مۇشۇ مۇئەسسەسەلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ قانداق «مېھرىبان مەملىكەت» ئىكەنلىكى «كۆرۈنمەس تۈتەك» شەكلىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. شۇ قاتاردا چەتئەللەردىكى ئىستىخبارات خىزمىتىمۇ شۇلارنىڭ كونتروللۇق دائىرىسىدە بولۇپ كەلگەن.
بۇ جەھەتتە ئۇلار دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىن ئەتكەن غايەت زور خىزمەت خىراجىتى ئارقىلىق، چەت ئەل ئاخبارات ساھەسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەسۋىرىنى خىتايغا پايدىلىق شەكىلگە ئۆزگەرتىش، چەت ئەللەردىكى خىتاينى تەنقىد قىلغۇچى كۈچلەرنى كۆزدىن نېرى قىلىش ھەمدە چەت ئەللەردە خىتايپەرەس كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش بولۇپ كەلگەن. BBC نىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا سىمۋوللۇق قىلىپ، «نۆۋەتتە بىرلىكسەپ بۆلۈمى خىتاي ئۈچۈن سەزگۈر تېمىلاردىن بولغان ‹تەيۋەننىڭ خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى›، تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنى پەسكويغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا غەرب دۇنياسىدا خىتاي ھەققىدىكى ئىجابىي قاراشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق نىشان قىلماقتا» دېيىلىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا يېڭى زېلاندىيەدىكى كانتېربۇرىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئاننې مارى برادىي خانىم مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ھۆججەتلىرى ۋە باشقا ئالاقە ماتېرىياللىرىغا قارايدىغان بولساق، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئاممىۋى پىكىرلەرنى ئۆز پايدىسىغا شەكىللەندۈرۈشكە غايەت زور دەرىجىدە زېھىن قويۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ نىشان ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردە قوللانغان كونكرېت ئۇسۇللىرى ئۆزئارا پەرقلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار خىتاي پۇقرالىقىدىكى كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ھەرقاچان ئاشۇ ئىنسانلار توپلىمىنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئۆزلىرى خالىغان يۆنىلىشكە يېتەكلەش، چوڭ توپنى پارچىلاش، مۇمكىن بولغاندا ئۇلارنى خىتاي تاشقى سىياسىتىنىڭ پېچكىلىرىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۆز خىزمەت نىشانى قىلىدۇ. تاشقى سىياسەت جەھەتتە بولسا چەت ئەللىكلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ھەمدەم بولغۇچى گۇماشتىلارغا ئايلاندۇرۇش، ھۆكۈمەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەشكىلاتلاردىن خىتايغا دوست بولغۇچى داڭدارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشمۇ ئۇلارنىڭ مۇھىم خىزمىتى.»
«بىرلىكسەپنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشى يېڭى ھادىسە ئەمەس!»
خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا ھەمدەم بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ رولى ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» شەكلىدىكى نازارەت سىستېمىسىدا ئەكس ئېتىدۇ. BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئورۇنلاشتۇرغان مىڭلىغان ئونمىڭلىغان خىتاي كادىرلار دەل ئەنە شۇ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانلار بولۇپ، مۇشۇلارنىڭ دەستىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەخسىيەت قورغىنى بولغان ئائىلىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ قالالماس بولۇپ قالغان. بۇ «تۇغقان» كادىرلار بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر ياقتىن «خىتايلاشتۇرۇش» نىڭ تۈرلۈك قەدەملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغان.
بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل خىزمەتلىرى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كېڭىيىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنى ئەڭ بىئارام قىلغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قورقۇنچ ۋە تەشۋىش پەيدا قىلىش سۇيىقەستلىرى بولۇپ، خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بايقىلىشى بىلەن بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە «تاشقى جەھەتتە خىتاينىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى تىكلەشكە خىزمەت قىلىدۇ» دەپ مەلۇم بولۇپ كەلگەن بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بەرپا قىلىپ چىققان غايەت زور جاسۇسلۇق تورىغا قوماندانلىق قىلغۇچى بولۇپ چىقىشى كۆپچىلىكنى چۆچۈتكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى دۇ ۋېن مۇنداق دەيدۇ:
«بىرلىكسەپ بۆلۈمى قارىماققا تاشقى دۇنياغا خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى ئورۇندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بىرلىكسەپ بۆلۈمى يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى نامىدىكى جەمئىيەتلەرنى كۆپلەپ يۆلەشكە ئۆتتى. ئۇلار مۇشۇلار ئارقىلىق ئامېرىكا تەۋەسىدىكى خىتايغا قارشى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىش ۋە مالىمانلاشتۇرۇش، بۇ ساھەدىكى يېتەكچىلەرنى يېتىم قالدۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتايغا قارشى زاتلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى قىلمىشلار ئاللىقاچان ئامېرىكا قانۇن ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئۆتكەن ئىككى يىلدا مۇشۇ خىلدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا قارشى 10 نەچچە قېتىملىق سوت داۋاسى ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى بۇ خىلدىكى يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى ئىزچىل خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى بىخ ھالىتىدىلا ئۇجۇقتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلغان.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» نامىدا ئىش بېجىرىش تاكتىكىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغىنىغا خېلى يىللار بولغانلىقىنى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ تەييارلىقىنى باشلاپ بولغان بولۇپ، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى» سالاھىيىتىدە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا زىيارىتىگە ئاتلانغان مۇزەپپەر مىجىتنى بۇنىڭ تىپىك مىسالى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا تەۋەسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ۋەزخانلىق قىلغان ھەمدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئەتراپىغا توپلاش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، چىرىتىش ۋە ئۇلارنى پارچىلاش قەستىگە چۈشكەن. بۇنىڭ تەسىرى بولسا بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان. «شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» نامىدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىمۇ ئوخشىمىغان جايلاردا قۇرۇلۇشقا باشلىغان.
«شىنجاڭ ھېكايىسى» گە يانداشقان بىرلىكسەپ خىزمەتلىرى
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خەلقئارادا زور خەۋەر تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن ئىشقا سالغان قارشى تەدبىرلەرنىڭ بىرى «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايەلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتى بولدى. بىرلىكسەپ بۆلۈمى بۇ خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە «تۆھپە» قوشۇپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ھاياتلىقنىڭ نورمال داۋام قىلىۋاتقانلىقى، «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار ۋە ئىناق» ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭدا ئۇلار قوللانغان ئۇسۇللار ھەققىدە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن بۇنىڭدىكى ئەڭ قەبىھ ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» تەك كونا چارىنى ئىشقا سالغانلىقى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى تىپىك مىساللارنىڭ بىرى چەتئەل پۇقرالىقىنى ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا «ۋەتەنگە قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش» قا ئالدىن يول ئېچىپ بېرىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ۋىزىسى ئېلىشى ۋە خىتايغا سەپەر قىلىشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى «بىرنى بېرىپ ئوننى ئېلىش» شەكلىدە ئۆز مەنپەئەتىگە يول ئاچىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش، تەشكىلاتلار ئارا ئىختىلاپ تۇغدۇرۇشمۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق خىزمەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
«شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايەلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتى ئۈچۈن بىرلىكسەپ بۆلۈمى قوللانغان «خىتايغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىش»، «خىتاي سەپىرىگە ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش» قاتارلىق چارىلارنىڭ تېزلا ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىنىڭ، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا ماسلىشىپ «تۇغقان يوقلاپ سالامەت قايتىپ كەلگەن» ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىر قىسىم ساھەلەر ھەمدە شەخسلەرنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇنچىلىك ئېغىر زۇلۇم مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن قاراشقا مايىل بولۇۋاتقانلىقىمۇ كۆپلەپ بىلىنىشكە باشلىماقتا. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىدىن بىرى «زۇلۇم كۆرگەنلىكى ھەم زۇلۇم كۆرىدىغانلىقى» سەۋەبىدىن سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس سۇنۇپ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن رەت قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر مۇشۇ خىل يۈزلىنىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
بىرلىكسەپ تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئاللىقاچان ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئوكيانىيە قىتئەلىرىگە يېيىلىشقا باشلىغان بولغاچقا بۇ جايلاردىكى دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قەرەللىك تۈردە خىتاي بىرلىكسەپ تارماقلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە ھەر يىلى تۈرلۈك دوكلاتلارنى تەييارلاپ كەلمەكتە.