خىتاينىڭ ۋىرۇس دەۋاگەرلىكى ۋە لاگېرلاردىكى ۋىرۇس ۋەھىمىسى (2)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە ۋىرۇس مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن بەزى سۈركىلىشلەر ئەۋج ئېلىۋاتقاندا خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق HBO تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى جوناساننىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەتتە سۈي تيەنكەي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكانىڭ ھەربىي تەجرىبىخانىسىدىن ئىزدەش لازىم،» دېگەن سۆزلىرىنى «ئالجىغانلىق» قا چىقىرىپ ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، ۋىرۇس دەسلەپ تارقالغان مەزگىللەردىكى ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر، مۇخبىرلارنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشى ھەمدە بەزىلەرنىڭ ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز بولدى.

تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئادەملەر كوللېكتىپ ھالدا توپلاشقان جايلاردا ئادەمدىن ئادەمگە تارقاش شەكلىدە ئەڭ تېز يامرايدىغانلىقى بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ۋاباسىدا كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان ئاممىۋى ساۋاتلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر قامالغان لاگېرلاردىكى ھەر بىر كامېرغا يىگىرمە-ئوتتۇزدىن ئادەمنىڭ قامالغانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ جايلارنىڭ تېببىي ئەسلىھەلىرى ۋە تازىلىق شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن كۆپ قېتىم مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم تۈرمىلەرگە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى ۋاباغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى ھەرقايسى ساھەنىڭ ئەندىشە قىلىدىغان نۇقتىلىرىدىن بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتىمۇ مۇخبىر جوناسان بۇ مەسىلىنى بىر مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ مۇخبىر «شىنجاڭدىكى نەچچە يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمان قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندىڭلار؟» دەپ سورىغاندا سۈي تيەنكەي بىردىنلا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتتى.

سۈي تيەنكەي مۇخبىرغا ئۇ جايلاردا ھېچقانداق يىغىۋېلىش لاگېرى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» ئىكەنلىكىنى، بۇ مەركەزلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئىشقا چۈشكەنلىكىنى، گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم بىمارلارنىڭ بارلىقى پاكىت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما مۇخبىر جوناسان ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ سوئال قويۇپ: «سىز ئۇ جايلاردا لاگېر مەۋجۇت ئەمەس، دەۋاتىسىز. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئېيتىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە، بۇ جايلاردا ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قامالغان مۇسۇلمانلار يوقمۇ؟» دەپ سورىغاندا سۈي تيەنكەي كونا مۇقامدا گەپ يورغىلىتىپ: «ھەممىلا دۆلەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە تېررورلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىنىشى لازىم،» دېگەندە مۇخبىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۇلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەمما سۈي تيەنكەي بۇ كىشىلەرنىڭ باشقىلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرەر مىللەتنىڭ نىشان قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە مۇخبىر ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ: «بۇ گېپىڭىزگە ھەممەيلەن قوشۇلىدۇ. ئەمما بۇ لاگېردىكى نەچچە مىليون كىشى ھېچقانداق جىنايىتى يوق ئەھۋالدا سوتمۇ قىلىنماستىن يېتىۋاتىدۇ،» دېدى. سۈي تيەنكەي تولىمۇ ھەيران بولغان قىياپەتتە «سىز بىر مىليون دېگەن بۇ ساننى نەدىن تاپتىڭىز؟» دەپ سورىدى. مۇخبىر بۇ ساننىڭ ب د ت ۋە باشقا سورۇنلاردا مۇخبىرلار، پائالىيەتچىلەر ۋە دىپلوماتلارنىڭ تۈرلۈك ماددىي ئىسپاتلار، جۈملىدىن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا سۈي تيەنكەي خېلى كۆپ ساندىكى چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنىڭ شۇنىڭدەك بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: «سىز نېمىشقا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمايسىز؟» دەپ سوئال قويدى.

جوناسان بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇ زىيارەت ۋە ئېكىسكۇرسىيەلەرنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇقتىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش بولغانلىقىنى، بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە تۆمۈر دەرۋازىلىرى بولغان لاگېرلارغا بېرىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى ئېيتىپ: «سىز ئۇ جايلارنى ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› دەۋاتىسىز. ئەمما بۇ مەكتەپلەردىكى كىشىلەر تېررورچىلار ئەمەس،» دېگەندە سۈي تيەنكەي بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار تېررورچى ئەمەس، ئەمما تېررورلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە كېيىنچە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىماللىقى بار كىشىلەر. ئۇلار بۇ مەكتەپلەردە ھۈنەر-كەسىپ ۋە قانۇن ئۆگىنىدۇ،» دېدى. مۇخبىر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە قارشى ھالدا قاماققا ئېلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندا سۈي تيەنكەي ئۇنىڭ بىرتەرەپلىمە ۋە يالغان ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. جوناسان بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىرتەرەپلىمە خەۋەرلەرنى ئاساس قىلمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ پەقەت ئاشۇ لاگېرلاردىن چىققان شاھىتلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى زىيارەتكە ھەرقاچان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «ھەمراھ» بولۇپ قىستۇرۇلۇۋالىدىغانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىسىز بىر زىيارەتنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما سۈي تيەنكەي خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى زىيارەتتە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بولماسلىقىنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ھەرقانداق مۇخبىرنىڭ شۇ جايدىكى قانۇنلارغا رىئايە قىلغان ھالدا زىيارەتكە بارسا بولىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوقلۇقىنى، مۇخبىرلارنىڭ «بىر قىسىم يامان غەرەزلىك» ئاخباراتلارغا ئىشىنىپ قالماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتقاندا مۇخبىر جوناسان «سىز ئامېرىكادا خالىغان جاينى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمراھلىقىسىز زىيارەت قىلالايسىزغۇ؟ مەن سىزگە ئۆزۈم توقۇپ چىققان ھېكايىنى ئەمەس، ئاشۇ شاھىتلارنىڭ ئاخباراتقا سۆزلىگەنلىرىنى دەپ بېرىۋاتىمەن. سىزنىڭچە، سۈنئىي ي ھەمراھتىن تارتىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى سۈرەتلەرمۇ يالغانمۇ؟ مەسچىتلەرنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىمۇ يالغانمۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

ئەمما سۈي تيەنكەي يەنىلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەسچىتلەرنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندە مۇخبىر ئۇنىڭدىن «ئىمام ئاسىم» ۋە «ئىمام جەفەر سادىق» مازارلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى سورىدى. ئەمما سۈي تيەنكەي بۇلار چېقىلمىدى، دېدى. شۇنداقلا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا خالىغانچە بېرىپ تەكشۈرۈپ بېقىشىغا يول ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مۇخبىر بۇنىڭغا قارىتا «ئۇنداقتا، سىلەر خەلقئارادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ خىتايلار ‹ھەمراھ› بولمىغان ھالدا تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا يول قويالامسىلەر؟» دەپ سورىغاندا سۈي تيەنكەي: «بىزنىڭ ب د ت دىكى خىزمەتچىلىرىمىز ھازىر مۇشۇ ئىشقا مېڭىۋاتىدۇ،» دېدى.

مۇخبىر ھازىر تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ لاگېرلاردىكى مىليونلىغان مەھبۇسلار، ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىۋاتقان پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ بۇ ئەھۋالنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بارالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا سۈي تيەنكەي بۇ يولنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىلگىرىكى كونا تەشۋىقاتلىرىنى يەنە باشلىدى.

HBO قانىلىنىڭ سۈي تيەنكەي بىلەن قىلغان سۆھبىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ سۈي تيەنكەينىڭ خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى تۇرۇقلۇق شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەنگەن مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى ۋە لاگېرلار ھەققىدىكى پاكىتلارنى ئىنكار قىلىشى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پائالىيىتىنىڭ قانچىلىك زور توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە شۇنچە كۆپ ئىسپاتلار مەلۇم بولغان بولسىمۇ بۇلارنى يالغانغا چىقىرىشى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، سۈي تيەنكەينىڭ كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى تاشقى دۇنيادىن نامەلۇم قېلىۋاتقان ئەھۋالدا شۇ جايدىكى ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ بايانلىرىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«خۇددى بىز كۆرگەندەك ئۇ زىيارەتتە سۈي تيەنكەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زىيارەتلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان ئورۇنسىز توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلدى. بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز شىكايەت. بۇ توسقۇنلۇقلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بىزگە بەش قولدەك ئايدىڭ. ‹ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن› دېگەندەك كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا شېرىك دۆلەتلەر ھەرقاچان ئۆز چاۋىسىنىڭ چىتقا يېيىلماسلىقى ئۈچۈن تاشقى دۇنيادىن كېلىدىغان تەكشۈرگۈچىلەرنى چەكلەشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. بۇنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بۇ خىل كىرىزىسلارغا بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنكاس بىلدۈرۈش ئىمكانى بولمىغاندا شۇ رايون سىرتىدىكى كىشىلەردىن ئىسپات ئالىدۇ. شىمالىي كورېيە ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولدى. شۇڭلاشقا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرىنى رەتلەپ چىقتى. بۇ ئىسپاتلار توپلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ توغرىلىق ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۇرغۇزۇپ چىقىلدى ھەمدە بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان، بىزنى تولىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ لاگېرلاردىكى تارقىلىش ئەھۋالى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ بەكلا چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن تېخىچە نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا ئىكەن. ئەمما بۇنىڭ لاگېرلار ئۈچۈن نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.