خىتاي خاككېرلىق شىركىتىنىڭ ھۆججەتلىرى خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلىمىنى ئاشكارىلىماقتا
2024.02.23

يېقىندا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان خۇسۇسىي خاككېر شىركىتىنىڭ بىر قىسىم ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى تور جاسۇسلۇقىنىڭ قانچىلىك كەڭلىكى ۋە سىستېمىلىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى»، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئەنشۈن I-Soon (安洵) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خۇسۇسىي خاككېرلىق شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ نەچچە يۈز بەتلىك توختام، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش ئېلانى، مەھسۇلات قوللانمىسى، شىركەت خېرىدارلىرى ۋە شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ ھۆججەتلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىش، باشقا دۆلەتلەرگە خاككېرلىق ھۇجۇمى قوزغاش ۋە بېيجىڭنى قوللايدىغان ھېكايىلەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەشۋىق قىلىشتا قوللانغان ئۇسۇللىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىپلا قالماي، بۇ شىركەت ياساپ چىققان خاككېرلىق قوراللىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئاشكارىلانغان بىر توختام لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنشۈن شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلاش ئۈچۈن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دەپ ئىسىم بېرىلگەن بىر تېخنىكىلىق ياردەم مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار بۇ مەھسۇلاتىنىڭ موڭغۇلىيە، مالايسىيا، تايلاند ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ھۆججەتلەردە بۇ توختامنىڭ ئىمزالانغان ياكى ئىمزالانمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئۇرۇنۇشتا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋىليام نى (William Nee) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاككېرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەردى، دەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتلەر بىزگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ئايان بولغان ئىشلارنى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاككىرلىق شىركەتلىرىگە پۇل تۆلەپ، چەت ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى، ئۆكتىچىلەرنى، ئادەتتىكى ئادەملەرنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىلا ئەمەس، يەنە ئۆز ئىشى بىلەن ھەلەك بولۇپ ياشاۋاتقان ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىمۇ ئۆزىگە تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، ئەنشۈن شىركىتى يەنە تىۋىتتىر، يەنى ھازىرقى «X» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي تور بەتلەردىكى قوللانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى ئېنىقلايدىغان، ئېلخەت ئادرېسلىرىنى يېشىدىغان تور قوراللىرىنى ياساپ بازارغا سالغان. ئۇلار يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي تور بەتلەردىكى پىكىر ئېقىمىنى بۇراش مەقسىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە زىيانلىق سۆزلەرنى بايقايدىغان ھەمدە ئۇ تور بەتنى خىتاينىڭ ئىجابىي تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان پىكىرلەر بىلەن تولدۇرۇۋېتىدىغان تور تېخنىكىلىرىنى ياسىغان. مەسىلەن، بۇ شىركەت باھاسىنى 55,600 دوللار دەپ بېكىتكەن بىر تېخنىكىسىنىڭ Twitter دىكى مۇنازىرىنى كونترول قىلىشقا ۋە ھەتتا جاسۇسلۇق تور ئۇلانمىسى ئارقىلىق، شۇ ئۇلانمىنى باسقان كىشىنىڭ ھېساباتىغا كىرەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئادىلجان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى پىكىر ئېقىمىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ساختا رېئاللىق پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنى خاتا مەلۇماتلار بىلەن ئالداۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىشىغا سەل قارىماسلىققا چاقىردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ شىركەت ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان بىر تور تېخنىكىسىنىڭ تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى تور بېتىنى يەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار بۇ مەھسۇلاتىغا خېرىدار تاپقان. ئەنشۈن شىركىتىنىڭ تور تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار بولسا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە ئوندىن ئوشۇق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەنشۈن شىركىتىنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ئەنشۈن شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 20 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە خاككېرلىق ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئەنگلىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورېيە، ھىندونېزىيە، نىگېرىيە، موڭغۇلىيە، ۋىيېتنام، مالايسىيا، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار 2021-يىلىنىڭ بېشىدا تەيۋەن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ COVID-19 بىلەن يۇقۇملانغانلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان ئىكەن. ئۇلار يەنە ۋىيېتنامنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىگىمۇ جاسۇسلۇق ھۇجۇمى قىلغان. ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار بۇ خىزمىتى ئۈچۈن 55 مىڭ دوللار ھەق ئالغان. ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىشقا ئاشقان ياكى ئاشمىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەسكەن.
ۋىليام نى ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىدا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار ھەرقانداق ئورگان، ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ خىتايغا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىزگە ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ، مۇستەقىل ئورگانلار، شىركەتلەر ۋە ھەتتا شەخسلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە قايتىدىن بىر قاراپ چىقىپ، تور بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ھەممىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل ئورگانلارنى ياكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئورگان ياكى شەخسلەرنى نىشانلايدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. بۇ ھەممە ئادەمگە ئايان. بىراق قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ياخشى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تور ھۇجۇمى قوزغىغان. دېمەك، خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ بولۇشى، ئۇنىڭ سىزگە تور ھۇجۇمى قوزغىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.»
شەخسىي بىخەتەرلىك ھۆددىگەرلىك شىركىتى ئەنشۈن ۋەقەدىن كېيىن بۇ ھەقتە بىر بايانات بەرمىگەن، بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى نەپەر خىزمەتچىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بۇ ھۆججەتلەرنىڭ راستلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن بۇ شىركەتكە تەۋەلىكىنى دەلىللىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ، بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇخبىرلار سورىغان سوئالغا جاۋاب قايتۇرغاندا ئامېرىكانى ئەيىبلەپ، «ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن.
ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەنشۈن شىركىتىنىڭ توختام، لېكسىيە ۋە خېرىدارلار تىزىملىكى قاتارلىق 570 پارچىدىن ئوشۇق ھۆججەت، رەسىم ۋە دىيالوگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 190 مېگابايتلىق بۇ زور ھەجىمدىكى ھۆججەتلەرنىڭ قانداق ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ياكى قانداق بولۇپ ئاشكارىلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇ خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەخسلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تاكتىكىسىنى بىلىشتە كەم ئۇچرايدىغان مەلۇمات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.