دوكتور لىنا لېنبېرگ: «خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى قانۇنى» ئۇيغۇر كىملىكىنى قاتتىق چەكلىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

خىتاي يېقىندا «ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى قانۇنى» لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. بۇ ھەققىدە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ قانۇننىڭ شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ئىپادىلەش ئارزۇسىنى داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ قاتتىق چەكلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسى يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنۇلغان.

ھالبۇكى، سان فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى لىنا لېنبېرگ (Lina Lenberg) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» نىڭ ناھايىتى سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ‹ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى› ئەسلىدە خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ئاۋام خەلق ئارىسىدا مىللىي ئىتتىپاقلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى قانۇنى لايىھەسى› گە ئوخشاش بۇ تۈردىكى قانۇنلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە كۆپ خىل قۇتۇپلىشىشقا بولغان كونتروللۇقىنى چىڭىتىشنى ۋە ئۇنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان.»

1-ئاۋغۇست كۈنى «project china» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر قانۇن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىسىنى ئاشكارىلايدىكەن. ماقالىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، نۇرغۇن سىياسىي ئىدىيەۋى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 1990-يىللاردىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» پائالىيىتى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىلگىرىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىنى قوشۇپ، خىتاينى يەر شارىدىكى كۈچلۈك دۆلەت دەپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنى ھەممە ئىشتا نوپۇزلۇق ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ھەر دەرىجىلىك مائارىپنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى.»

بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇ يەنە بۇ تەربىيەگە ئۆزىنىڭ ‹جۇڭخۇا ئارزۇسى› دىن ئىبارەت يېڭى نەزەرىيىەسىنى قوشۇپ، خىتاينى يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنى ھەممە ئىشتا ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە شەخس قىلىپ كۆرسىتىپ، ‹شى جىنپىڭ ئىدىيەسى› نى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ سىستېمىسىغا سىڭدۈردى.»

ماقالىگە قارىغاندا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى قانۇنى» لايىھەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان مەكتەپ، دىنىي گۇرۇھ، كارخانا شۇنداقلا ئائىلىلەرگە ئوخشاش ئورگان ۋە جايلاردا ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 37 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن دوكتور لىنا لېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن باستۇرۇش ۋە قانۇنسىزلىقنى قوللايدىغان بىر قانۇن بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شى جىڭپىڭنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىغان كېيىنكى ياش ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

دوكتور لىنا لېنبېرگ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «مېنىڭچە، ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئەمەلىيەتتە شى جىڭپىڭنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىغان كېيىنكى ياش ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. مەزكۇر لايىھەنىڭ 16-ماددىسىدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاتا-ئانىلار، يەنى ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىلگەنلىكى بەلگىلەنگەن. بۇ كوللېكتىپ بىلەن ئىندىۋىدۇئال شەخس ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بوشلۇقنىڭ قالدۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىللە ياشاپ، شەخسىي ھاياتىنىمۇ كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، بۇ قانۇن لايىھەسى پەقەتلا باستۇرۇش ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنىلا قوللايدىغان بىر لايىھەدۇر. ئاتالمىش ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى قانۇنى لايىھەسى› ئاللىقاچان ‹بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە تەھدىت› دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكى بىلەن ياشاش ھوقۇقىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. »

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ۋە تەربىيەسىنىڭ قانداقتۇر دۆلەت ياكى بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا يېتىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى قانۇن» لايىھەسىنىڭ 22-ماددىسىدا، بۇ قانۇننىڭ خوڭكوڭ، ماكاۋ، تەيۋەن ۋە چەت ئەلدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىغىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ھەقتە توختالغان تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ (TETA) رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ (何朝栋) ئەپەندى خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى تەشۋىقاتنى قانۇنلاشتۇرۇشى ئەمەلىيەتتە تەيۋەنلىكلەرنىمۇ خىتاينى «ۋەتەن» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ نۇقتىلىق ھالدا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، ئۇلارنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېڭە يۇيۇپ، خىتاينى قوللايدىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈندۇر. مەسىلەن، ‹دوۋيىن› ۋە ‹شياۋخوڭشۇ› غا ئوخشاش خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارنى بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى› نى تولۇق سىڭدۈرىدىغان تەشۋىقاتلار بىلەن قاپلانغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ تەشۋىقاتلار ياش-ئۆسمۈرلەردە خىتايپەرەسلىك ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى يېتىلدۈرۈشتە بەلگىلىك تەسىرى بولۇۋاتىدۇ.»

خې چاۋدوڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتايدا نۇرغۇن ئىچكى مەسىلىلەر بار. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئاممىۋى نامايىشلار دائىم يۈز بېرىۋاتىدۇ. سىياسىي كۈرەشلەرمۇ كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. شى جىنپىڭغا كەلسەك، ئۇ پەقەت قائىدە-قانۇنلا تۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ھوقۇقىنىڭ مۇقىمسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. دېمەككى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى› نى كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان.»