خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى لاگېرنى ئىنكار قىلدى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ سۆزلىرى پەردازلاپ بايان قىلدى.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» 15-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋۇ كەننى زىيارەت قىلىپ «شىنجاڭدا قايتا تەربىيەلەش لاگېرى يوق» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-فېۋرال كۈنى مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تېمىسىنى، مەزمۇنىنى ۋە ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ: «جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى: جۇڭگوغا قارشى غەرب سىياسەتچىلىرى جۇڭگونى قارىلاپ شىنجاڭ توغرۇلۇق ئىغۋا تارقاتتى» دېگەن نامدا ئاددىي بىر خەۋەر شەكلىدە ئېلان قىلدى.
ئەسلى گېرمانچىسىدا بۇ زىيارەت خاتىرىسى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ئەينەن بېرىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا گېرمانىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسى ۋۇ كەندىن سورالغان سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ تاشلىغان. ئاندىن بۇ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ باش-ئاخىرلىرىنى پەردازلاپ، سۆز-جۈملىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىگە لايىق شەكىلگە كەلتۈرۈپ تارقاتقان.
ئەسلى زىيارەت خاتىرىسىدە «ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» مۇخبىرىنىڭ تۇنجى سوئالى مۇنداق: «باش ئەلچى ئەپەندى، سىزنىڭ دۆلىتىڭىز بولغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىماقتا، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ باستۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىملار تۈپەيلى. نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بۇنىڭغا نىسپەتەن قارشىلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.»
خىتاي باش ئەلچىسى ۋۇ كەن بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «مېنىڭ تەسىراتىم بولسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەيلى قانداقلا بىر ئىش قىلمىسۇن، غەرب مەتبۇئاتلىرى شۇ ھامانلا ‹بېيجىڭ باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ› دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. بىر يىل ئىلگىرىكى شۇ چاغلاردا، ۋىرۇس يۇقۇمىنى قامال قىلىش يولغا قويۇلغاندا، گېرمان مەتبۇئاتلىرى ‹جۇڭگو ئۆز خەلقىگە بېسىم قىلدى› دەپ خەۋەرلەر تارقاتتى. ئەمەلىيەت بولسا باشقىدۇر. جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە دائىر خەۋەرلەردىمۇ شۇنداق بولدى. جۇڭگودىكى بارلىق ئېتنىك مىللەتلەر باراۋەردۇر، ئۇلارنى كەمسىتىش ۋە ئۇلارغا بېسىم قىلىش مەنئىي قىلىنغان.»
«ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئىككىنچى سوئالىنى مۇنداق سورايدۇ: «بىراق، باش ئەلچى ئەپەندىم، سىز بۇ جەھەتتىكى بارلىق دوكلاتلارنى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا شاھىدلارنىڭ بايانلىرىمۇ بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يالغانغا چىقارماقچىمۇ؟» ۋۇكەن بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئەگەر سىز جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىڭىز، جۇڭگوغا قارشى ئارتىسلارنىڭ دۇنيانى ئىشەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلغانلىرىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭىز. ئاڭلىماققا سوغۇق ئۇرۇش تەشۋىقاتىغا ئوخشايدۇ. سىز ‹ئۇيغۇرلار باستۇرۇلىۋاتىدۇ› دېگەن گەپنىڭ پەقەتلا غەربنىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇلار پومپېيو ئەپەندىگە ئوخشاش جۇڭگوغا قارشى سىياسەتچىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانچىلىقتۇر.»
«ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» يەنە «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قايتا تەربىيەلەش لاگېرىمۇ توقۇلمىمۇ؟»، «رايوندىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرى قانداق ئورۇن؟»، «نۇرغۇنلىغان شاھىدلار لاگېر توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىۋاتىدىغۇ؟»، «نېمە ئۈچۈن ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ.
خىتاي باش ئەلچىسى ۋۇ كەن سورالغان سوئاللارغا قارىتا «چەت ئەلدىكى لاگېر شاھىدلىرى لاگېرغا كىرىپ باقمىغان، ب د ت تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلدۇق، ھازىرغىچە جاۋاپ ساقلاۋاتىمىز» دېگەندەك كۆپلىگەن يالغانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خۇلاسە ئىتىبارى بىلەن «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قايتا تەربىيەلەش لاگېرى دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دەپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق زۇلۇملارنى، بېسىملارنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋۇ كەننىڭ سۆزلىرىنى تولۇقلاپ، ياساپ-جابدۇپ ئېلان قىلىدۇ.
مەركىزى گېرمانىيەنىڭ گۆتتىنگېن شەھىرىدە بولغان تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتايدا ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش جۈرئىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي باش ئەلچىسى نۇرغۇنلىغان شاھىدلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى، ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنى ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك سۈرەتلەرنى كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى. خىتايدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇدەك جۈرئەت يوق. چۈنكى خىتاي ئۆزىنى ھەرقانچە كۈچلۈك چاغلىسىمۇ، يەنىلا دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن قورقىدۇ. خىتاي قانچىلىك ئىنكار قىلمىسۇن، ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە ئۇ يەردە قاتتىق بېسىم ئاستىدا ھايات كۆچۈرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان، خەلقارالاشقان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ بولدى. گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمۇ ھازىرغا قەدەر مەخسۇس جازا لاگېرلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى تالاي قېتىم ئۆتكۈزدى. بۇ دېمەكلىك، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدىن خەۋىرى بار دېگەنلىكتۇر. خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرى گېرمانىيەدە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. خىتاي كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يالغانچىلىقلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزدە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىغا قامالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلارگە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىغا سولىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.