ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى» نى خىتاي مەركىزى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرگىچە كېڭەيتىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ 24-نويابىردىكى خەۋەرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-نويابىر كۈنى دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان قومۇلدا يەنە بىر قېتىملىق «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئاچقان.
يىغىندا سەھنىگە چىقىرىلغان 10 نەپەر ئاتالمىش «خەلق ۋەكىلى» ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، «قومۇلدا ئىقتىساد يۈكسىلىپ، خەلق پاراۋان ياشاۋاتقانلىقى» نى مەدھىيەلىگەن. ئۇلار سۆزىدە قومۇلنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن قومۇل كەشتىچىلىكىنىڭ شىركەتلەرگە يۈزلىنىپ ئىش پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقانلىقىنى، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىغا ئوخشاش يەرلىك بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بىلەن قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قومۇلدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرگە ئىقتىسادىي كىرىم قىلىدىغان مەنبە يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بەس-بەستە ماختاشقان.
ئاتالمىش «خەلق ۋەكىللىرى» سۆزلىرىدە ھۇجۇم نىشانىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتىپ: «جۇڭگوغا قارشى غەرب كۈچلىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›، ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دېگەندەك تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، ئەمما قومۇلدا كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ‹ھەسەلدەك شىرىن ۋە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىلدى،» دېگەندەك خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مېھرىئاي مەمتېلى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ قومۇلدا ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا مەخسۇس فولكلور كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان بولۇپ، شۇ مەكتەپتە بىر مەزگىل ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسى بويىچە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغاللانغان ئىدى.
مېھرئاي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا تەشۋىقات ئۈچۈن سەھنىگە ئېلىپ چىققان «قۇمۇل مۇقاملىرى»، «قومۇل كەشتىچىلىكى» قاتارلىق يەرلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى ئەمەلىيەتتە كېيىنكى يىللاردا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ۋە بازارغا سېلىپ پايدا ئېلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى سىياسىي تەشىۋىقاتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇ تۈرلەرنى «يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداۋاتىمىز» دېگەن قالپاق بىلەن سەھنىگە ئېلىپ چىققان ئىكەن. مېھرىئاي خانىم نىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى مونۇپول قىلىپ بازارغا سېلىۋاتقان «قۇمۇل كەشتىچىلىكى» ئەمەلىيەتتە قۇمۇلدا ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك كەشتىچىلىك ئەنئەنىلىرىدىن خېلى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىكەن.
مىھرئاي خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتىدا «قۇمۇلنىڭ كەشتىچىلىكىنى ئاساس قىلغان يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتۇق» دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قومۇلدىكى يەرلىك ۋە مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەڭ زور قىرغىنچىلىققا ۋە يوقىتىشقا ئۇچرىغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر گەۋدىسى بولغان تاغلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۈزلەڭلىكلەردىكى قەپەزسىمان سېلىنغان ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك-مەھەللىۋى ھاياتىدا ئومۇملاشقان «قومۇل مۇقامى»، «قومۇل كۆك مەشرىپى» قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئايرىلغان.
مېھرىئاي مەمتىلى خانىم يەنە قۇمۇل مۇقام سەنئىتىنى سەھنىلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان ۋە بۇ ساھەدە يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جېلىل ئوسمانغا ئوخشاش تۆھپىكار زىيالىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلاغا سولانغانلىقىنى، قومۇلدىكى يوقىرى ئابرويغا ئىگە يەرلىك زىيالىيلارنىڭ ئاۋازىنىڭ يېقىنقى يىللاردا پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەىنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ تېمىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقانلىقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك ئەيىپلەش تېمىسىغا ئايلانغان. مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ خىل تەشۋىقات يىغىنلىرى كېڭەيتىپ، ئۇنى خىتاي مەركىزى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگىچە، ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت ناھىيىلەرگىچە قەدەر ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغان.
سەمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئاخبارات يىغىنلىرىنى بۇ قەدەر كېڭەيتىپ، ئۇنى ۋىلايەت-ناھىليىلەرگە قەدەر ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مەقسىدى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئاساسى بولغان يەرلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئىكەن.