ئاندرېي ۋولفسون: «بىز 21-ئەسىردە خىتاينى—زالىم پىرئەۋننى توختىتالايدىغان بىر مۇسانىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»
2023.08.17
شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمى بويىچە ئوقۇۋاتقان تەتقىقاتچى ئاندرېي ۋولفسون (Andrey Volfson) يېقىندا «دۇنيا ئىشلىرى كېڭىشى» تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«جورج ئورۋېلنىڭ ‹1984› ناملىق رومانىدىكى ‹كاتتا بۇرادەر› نىڭ دۆلىتىگە ئوخشاش، شىنجاڭ دۇنيادا ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ئۇ ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان يۇقىرى دەرىجىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىردىنبىر جايدۇر. تاشقى دۇنيادىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ زىيارەت قىلىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ شۇنداقلا ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ، ئۇ جايدىكى يەرلىكلەرنىڭ ھەقىقەتنى مەلۇم قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»
ئەنگلىيە يازغۇچىسى جورج ئورۋېلنىڭ 1949-يىلى نەشر قىلىنغان «1984» ناملىق رومانىدا، دۆلەتنى قاتتىق كونترول قىلىۋالغان بىر پارتىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەبىت، زالىم ۋە زوراۋان ھۆكۈمرانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ قەلىمىدە، بۇ ھېكايە 1984-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، روماندىكى ۋەقەلىك ئاپتورنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كېلەچەك ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى بايان قىلىنغان. ئاپتور ئاندرېي ۋولفسون ماقالىسىدە تىلغا ئالغان بۇ روماندىكى ئەنگلىيە (ئايرودۇرۇم 1) چوڭ ئوكياننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىدۇ ۋە پۈتۈن دۆلەتكە بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ شەخسىي تەپەككۇرىغا، ئىدېئولوگىيەسىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، روماندا تىلغا ئېلىنغان ‹كاتتا بۇرادەر› شۇ پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قاتتىق چوقۇنۇشىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مۇستەبىت.
ئاپتور ئاندرېي ۋولفسون مەزكۇر ماقالىسىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىغا دائىر ئەسلىمىلەر بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، «1984» ناملىق روماننى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ مۇستەبىت، زالىم ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان، تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان، جېنى، مېلى، ئېتىقادى، مەدەنىيىتى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەھۋالىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرىدۇ.
خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئادولف گىتلېر تاجاۋۇزچى دۆلەتكە ئايلانغان. ئەمما خىتايچۇ؟ 1949-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈندىكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىمۇ بىر مۇستەبىت دۆلەت. ھەر ئىككى قىرغىنچىلىقتا ئۇلار باشقا مىللەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، زور كۈچ بىلەن كونترول قىلىش ئارقىلىق چېكىدىن ئاشقان مونوپوللۇق يۈرگۈزگەن. ئىككىنچىسى، ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدە يولغا قويۇلغان ئىرقچىلىق سىياسىتىدە، ئۇلار يەھۇدىيلارنى ئىرقىي دۈشمەن قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئادولف گىتلېر يەھۇدىيلارنى مىللىي ۋە سىياسىي دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قاتارىدا كۆرىدۇ. ئۈچىنچىسى، يەھۇدىيلار گېرمانىيەنىڭ قەدىمكى يېزىسىدىكى ئارىيانلارنىڭ مۇنەۋۋەر مىللىتى. ئەمما ئادولف گىتلېر ئۇلارنى ناچار مىللەت قاتارىغا چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قارىغان. ئوخشاشلا، خىتايمۇ ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ‹ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى› نىڭ گۈللىنىشىگە ئۇيغۇرلارنى توسالغۇ دەپ قاراپ، ئۇلارنى يوقىتىش، ئۇلاردىن قۇتۇلۇش، ھەتتا ئۇلارنى تېزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تۆتىنچىسى، ئەينى چاغدا، ناتسىستلار گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىشتا كۆپ ساندىكى ئاۋام خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا، كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. بىز ئىنتېرنېتتا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن تورداشلارنى كۆرسەكمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى قەستەن ياكى مەقسەتسىز ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللاش تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. بەشىنچى نۇقتا شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان چوڭ دۆلەت» .
خې ئەنچۈەن يەنە يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئارىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«ئەينى ۋاقىتتا، ناتسىستلارنىڭ گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سىياسىتى ياۋروپادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بەزى قانۇنلار، خىتابنامىلەر پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت قاتلىمىدا ماقۇللاندى. بۇ قارارلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى چىقىرىلغان قارارلاردۇر. ناتسىستلار زەھەرلىك گاز ئىشلىتىپ يەھۇدىيلارنى يوقاتقان بولسا، خىتاي كومپارتىيىسى مەجبۇرىي ئەمگەك، قانۇن بىلەن جازالاش قاتارلىق قىيناش ئۇسۇلىنى قوللاندى. يەنى، بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقتا بىرى بىۋاسىتە، يەنە بىرى ۋاسىتىلىك يوقىتىش ئۇسۇلىنى قوللاندى دېسەك بولىدۇ. ئۈچىنچى پەرقى شۇكى، ناتسىستلار گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا يۈرگۈزگەن، يەنى ئۇلاردا بۇ توغرۇلۇق ئوچۇق سىياسەت بولغان. ۋاھالەنكى، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەخپىي ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايىتىنى ئامالىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ، سىرتقى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ئاخىرقى مۇھىم پەرقى شۇكى، يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى ناتسىستلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاياغلاشتى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خەلقئارادا خېلى كۆپ دۆلەتلەر تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرماقتا. كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، بىز ھازىرغىچە بۇ قىرغىنچىلىقنى ھەقىقىي توختىتالايدىغان بىرەر ھەرىكەتنى كۆرمىدۇق.»
ئاپتور ئاندرېي ۋولفسوننىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار1932-يىلى بۈيۈك ئىمپېرىيە ۋە ئادولف گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىنكى يۈكسەلگەن زاماندا گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن ۋەزىيەتكە ئوخشايدىكەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە، ئەينى چاغدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي بۆھراندىن كېيىن، ئادولف گىتلېر مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىن تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە گېرمانىيە ئارمىيەسىنى قايتا قۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىنچىلىقى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
سان فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى لىنا لېنبېرگ (Lina Lenberg) بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىنىڭ ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى.
«ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىنكار قىلىش، شۇنداقلا دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ يوقىتىلىشى ۋە گۇۋاھچىلارنى قورقۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلىپ كەلدى؛ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ۋە ئائىلىسىدىكىلەر داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىلغار تېخنىكىلىق، كەڭ كۆلەملىك قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىق دەۋرىدە مەۋجۇت بولمىغان. ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خادىملىرىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى ئىشغال قىلىش، ئۇلارنى قاتتىق قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ئارقىلىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. ماھىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقتۇر.»
ئاندرېي ۋولفسون ماقالىسىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا تەسىرى، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باغلاپ مۇنداق دېگەن:
«بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇمۇرغ قۇشىغا ئوخشاش قەد كۆتۈرۈشىگە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، گىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدىكى ئىدېئولوگىيەسىنى تەرغىب قىلغىنىدەك، خىتايدىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلار بار» .
ماقالىدە ئاپتور، لوۋىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ ھازىر دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىك تەسىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، خىتاينىڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان زوراۋان كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جىننېس دۇنيا رېكورتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بابىدىكى يەنە بىر تارىخىي ئۈلگە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن.
كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئېۋېلىنا ئوچاب (Ewelina U. Ochab) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش، يەنى تۇغۇتنى مەجبۇرىي چەكلەش، جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈش، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار زىيانكەشلىكلىرى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا چەكلەنگەن مانا مۇشۇنداق قىلمىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قانۇنلۇق جازالاۋاتىمىز دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. بىز نۆۋەتتە خىتاينىڭ، بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە دەرىجىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ئەھۋال يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بولغانلىق سەۋەبىدىن، مەيلى ئەنگلىيە، ئامېرىكا ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن، يەھۇدىيلار جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار ئوخشاش تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىغا كۆز يۇمۇپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا بىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. يەنى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئوخشاش بولغان بۇ قىرغىنچىلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز» .
ئاندرېي ۋولفسون يەنە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «بۇ توقۇنۇشنى دىپلوماتىيە ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش ئادولف گىتلېر، ئىدىي ئەمىن، پول پوت ياكى جېففېرسون داۋىستىن قاتارلىقلاردىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بىلەن ئوخشاش. خىتايغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى مۇتەئەسسىپ دۆلەت مارتىن لۇتېر كىڭ ۋە ياكى گەندىغا ئوخشاش پائالىيەتچىلەردەك تىنچلىق يولى بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يول قويمايدۇ» .
دوكتۇر لىنا لېنبېرگ زىيارەت داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان پەيتتە، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغىمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ئەلۋەتتە يەھۇدىيلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ۋە تۇرمۇشىنىمۇ ۋەيران قىلغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەدەنىيەت ۋە كىملىكنى داۋاملىق يوقىتىشنىڭ قوش قىرلىق ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار مىلياردلارچە مەبلەغ ئاجرىتىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، بالىلارغا پەقەتلا خىتايچە ئوقۇتۇشنىلا سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. بىز يەنە، 2015-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تارقالغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرقى قىرغىنچىلىق دەپ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئاندرېي ۋولفسون ماقالىسىدە يەنە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ھەم يوقىتىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشتا ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە غەربنىڭ سىياسىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئېتنىك ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە تېررىتورىيەگە كۆچۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ئۆزى دۈشمەنلىك قىلىدىغان مىللەتلەرنى (يەنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنى) يوقىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈرۈۋەتسە، شىنجاڭدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن، خىتايمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشەلەيدىكەن. ئۇيغۇر خەلقى كۆچۈش ۋە دوستانە دۆلەتلەردە ياشاش ئارقىلىق، خىتايدىن كېلىدىغان ھالاكەتتىن قۇتۇلىدىكەن.
ئاندرېي ۋولفسوننىڭ تەسەۋۋۇرىچە بولغاندا، ئەگەر يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشسا، ئۇيغۇرلار تارىختىكى ئەڭ چوڭ ياردەمگە ئېرىشكەن كۆچمەن مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ قالىدىكەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ مۈشكۈل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدىغان، يەھۇدىيلارنى مىسىرنىڭ پىرئەۋندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان مۇساغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنى زالىم خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرالايدىغان «21-ئەسىردىكى مۇسۇلمان مۇسا» نىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









