خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكىلاتىدىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلدى


2005.04.12

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ "دۇنيا مىقياسىدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قالتىس پۇرسەت ياراتقانلىقى" توغرىسىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، "ئەڭ تىنچ ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دىنىي ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلالمىغان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، دىندارلارنى قولغا ئېلىش، تەن جازاسى بېرىش شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئجازالىماقتا ،" دەپ كۆرسەتكەن. ئامما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى "ئاستىن - ئۈستىن" قىلىپ كۆرسەتكەن، دەپ ئەيىپلىدى.

چىن گاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى ئېتنىك ۋە دىنىي ئاساسلارغا تايانمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئاساسى قانۇن بويىچە دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئۇلار دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ." ئامما چىن گاڭ شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنى خەلقئارا تېرورىزىمنىڭ بىر قىسىمى، دەپ تەكىتلىدى.

كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، "دائىرىلەر تېررورىزمنى ئىچكى - تاشقىي ئىستىمالدا قوللىنىپ ، ئېغىر جازالارنى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى قوللانماقتا،" دەپ ئەسكەرتكەن . كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار ئىسلامنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئاساس، دەپ قاراپ، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىدىكى ئىسلام ئامىللىرىنى بوغماقتىكەن. ئامما چىن گاڭ، " بىز تېررورىزىم بىلەن دىنىي ۋە ئېتنىك مەسىلىلەرنى ئارلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.