خىتاينىڭ مەركىزى ۋە شەرقىي رايونلىرىدا قاتتىق قار يېغىشى ۋە ناچار ھاۋا شەرتلىرى تۈپەيلىدىن، شەنبە كۈنى قاتناش ئاساسەن توختىغان بولۇپ، چاغان ھارپىسىدا يولغا چىققان ئون مىڭلىغان كىشى يولدا قالغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قار يېغىشى نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە ۋە زىرائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان 6 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ھەمدە ناچار ھاۋا تۈپەيلىدىن يۈزبەرگەن ماشىنا ھادىسىلىرىدە ئونلىغان ئادەم ئۆلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى بېيجىڭ- گۇۋاڭجۇ پويىز يولى ئۈستىدىكى پويىز ئىستانسىلىرىدا قالغان يولوچىلار سانى 40 مىڭدىن ئاشقان. ئەنخۇي ئۆلكىسىدە بولسا، ھۆكۈمەت 12 مىڭ كىشىنى قار سەۋەبىدىن خەتەرلىك رايونلاردىن باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. بېيجىڭ بىلەن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى تاش يولدا قاتناش توختىغانلىقى تۈپەيلىدىن 60 مىڭ كىشى يولدا قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە، يېمەكلىكلەرنىڭ نەرقىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۆتكەن يىلى 4.8 پىرسەنتكە يەتكەن پۇل پاخاللىقىنىڭ بۇ يىل قار ۋە ناچار ھاۋا شەرتلىرى سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئۆمەر قانات)