دىلشات رېشىت : ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىككى قولى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزىل قىنى بىلەن بويالدى
2008.02.18
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ قەتلى قىلىش تىزىملىكىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆزىنى "شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈش تىزىملىكىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئادەم" دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت باياناتىدا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە "ھەقىقەتنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: " ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىق بولۇپ ئىشلىگەن 10 نەچچە يىلىدىن بۇيان، ئۇنىڭ ھەر ئىككىلا قولى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزىل قىنى بىلەن بويالدى" دېدى.
ئۇ يەنە ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررورچىلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: "شۇڭا ۋاڭ لېچۈەن تارىخنىڭ قانۇنىي جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك. ئۇ بىر جىنايەتچى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى" دېدى.
دىلشات رىشىت يەنە: "ۋاڭ لېچۈەننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ‘يوشۇرۇن ئولتۇرۇش تىزىملىكىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق كىشى’ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بىرىنچىدىن، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىسا، ئىككىنچىدىن، ئۇ شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ھەرىكەتلىرىنى تېررورچىلىققا باغلاش مەقسىدىگە يەتمەكچى،" دەيدۇ.
دىلشات رىشىت ئاخىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەرگىزمۇ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ پارلاق ۋە ئاشكارا ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سىياسى كۆرەش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى ئارقىلىق ئۆز ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈنكى باياناتىدا ئۈچ نۇقتىنى تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
- ئىسمائىل تىلىۋالدى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز ئىستىپا بەردى
- ۋاڭ لېچۈئەن سابىق قورچاق ئەمەلدارلارنى يوقلىدى
- ۋاڭ لېچۈەن، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلاندى
- ۋاڭ لېچۈئەن : شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئەل ئىناق، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق
- "1 - ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاپلىق تارىخىنىڭ باشلانغان كۈنى"