ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى خىتاينى ئىككىنچى ۋېيتنامغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ يىللىق ئىقتىسادىدا ئۆتكەن يىلى %11.9 ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈشى 10 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ، كېلەر يىلى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن يەنى 9.5 كە چۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مايدا خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن چىقارغان تۇنجى دوكلاتى ھېسابلىنىدۇ. دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا قارىماي، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادى كۈچ ھېسابلىنىدىكەن، ھالبۇكى ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى دوكلاتىدا خىتاينىڭ يەنە بىر ۋېيتنامغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دۇنيا سەرمايىسىنىڭ كۆپى خىتايغا قاراپ ئېقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىسقا مۇددەتلىك ئېقىم بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى تۇراقلاشقاندا ئەكسىچە، بۇ چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن قايتىشقا باشلىشى بىلەن خىتاي ئىقتىسادى مالىيە سېستىمىسىدا زور قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

چۈنكى، ۋېيتنامدىمۇ خىتايدا كۆرۈلگەن مۇشۇ خىل، چەتئەل مەبلىغىنىڭ ۋېيتنامدىن چىقىپ كېتىشى، ۋېيتنامنى چوڭ ئىقتىسادى كرىزىس پاتقىقىغا پاتۇرغان. بۇ ئۆتكەن ئايدا ۋېيتنامنىڭ پۇل پاخاللىقى28 پىرسەنتتىن ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.