خىتاينىڭ فىرانسىيە ئەلچىخانىسى روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى
فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت تەبرىكنامىسى مىڭلىغان قارشى ئىنكاسلارغا كۆمۈلگەن.
-
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-05-26 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بىر تەبرىكنامىسى سەۋەبلىك مىڭلىغان قارشى ئىنكاسلارغا كۆمۈلگەن. ئىنكاسلاردا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماپ زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ھېيىقماستىن يەنە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلەشكە پېتىنغانلىقى «نومۇسسىزلىق» دېگەن مىڭلىغان ئىنكاسلار ئارقىلىق شەرمەندە قىلىنغان. بۇ تىۋىتتېر، ئىنستگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپلا قالغاي، يەنە فىرانسوز تىللىق مەتبۇئاتلاردا دىققەت قوزغىغان. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەپسىلىي خەۋەر بېرىدۇ.
خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ خاس تىۋىتتېر ھېسابىدا روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ ئېلېكترونلۇق ئاتكرىتكا ئېلان قىلىشى بىلەن پەۋقۇلئاددە قارشى ئىنكاسلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېردا چىقارغان نەرسىلىرىگە ئادەتتە ئەگەشكۈچىلەر كۆپ ئىنكاس قايتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ روزا ھېيت ھارپىسى، 23-ماي كېچىسىدە «ھېيت مۇبارەك» ناملىق تىۋىتتېر تەبرىكىگە 2000 جاۋاب يېزىلىپ 3500 قېتىم قايتا تارقىتىلغان بولۇپ، ئىنكاسلارنىڭ 99 پىرسەنتىدە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش سالاھىيىتى يوقلۇقى تەنقىد قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلەنگەن. بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ خىتايغا قارشى قوزغىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەرىكىتىدىكى يەنە بىر غەلىبە سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەندىن باشقا نۇرغۇن فىرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى فىرانسۇز تىللىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان.
فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئادىغىنا روزا ھېيتلىق تەبرىكنامىسىنىڭ بۇنچە غۇلغۇلا قوزغىشىغا دەسلەپ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتوتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھاننىڭ دەسلەپكى تىۋىتتېر ئىنكاسى قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ تىۋىتتېر يوللانمىسىغا مۇنداق ئىنكاس يازغان: «سىلەر ناتسىستلار جازا لاگېرلىرىغا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سولىغان، ھەتتا بىسمىللا، ئەلھەمدۇلىللا، ئاللاغا ئامانەت دېگەن سۆزلەرنى چەكلىگەن، قۇرئان كىتابلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە قىستىغان ۋە رامزاندا پىۋا بايرىمى ئۇيۇشتۇرغان تۇرۇقلۇق روزا ھېيتنى تەبرىكلەشكە نېمە ھەددىڭلار، بۇنىڭغا قانداق جۈرئەت قىلدىڭلار؟»
دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ قايتۇرغان بۇ ئىنكاسى تېز ئارىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ نەچچە مىڭ قېتىملاپ ئىنكاسلارغا ئېرىشكەن، كۆپلىگەن فىرانسۇزلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەبرىكىنى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن ئىنكاسلار بىلەن كۆمۈۋەتكەن.
بىز فىرانسىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىمنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىۋىتتېر ۋە ئىنستگرام ئارقىلىق، بولۇپمۇ ياشلارغا تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، فىرانسىيە ئاممىۋى مەيدان پارتىيەسى قۇرغۇچىسى رائاپھائېل گلۇكسمان قاتارلىق ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا نۇرغۇن ئەگەشكۈچىسى بار سىياسىي ئەربابلارنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ قېتىمقى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ روزا ھېيتلىق تەبرىكنامىسىغا قارشى ئىنكاسىنىڭ كۈچلۈك دولقۇن قوزغىشىغىمۇ بۇ كۆپ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىگە نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ دەرھال تىۋىتتېردىكى ئىنكاسلارنى قوللاپ تارقىتىشى ۋە ئىنكاس يېزىشىنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلنۇر خانىم، بۇنىڭدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ رولىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ئىنكاسنىڭ قوزغىلىشىدا ئاساسلىق فىرانسۇزلار رول ئوينىدى. مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى جەڭ ئاساسەن تور ۋە تاراتقۇلاردا بولىدۇ، ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق دەيدىغىنىم خىتايغا قارشى نارازىلىق شوئارنى ئاشۇ خىتايلارنىڭ يۈزىگە توۋلايلى، ئۇلارنىڭ فەيسىبوك، تىۋىتتېرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىغا بىۋاسىتە گۇۋاھلىقىمىزنى بېرىپ، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، شۇلارنىڭ تور بەتلىرىگە كىرىپ، ئۇلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا قامچىلاش كېرەك، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى كىشىلەرنى ئويغىتىش شۇ كىشىلەرنى ئۇيغۇرپەرۋەر قىلىپ، شۇلارنى بىزنىڭ ئورنىمىزدا ھېسابىمىزنى سوراشقا سەپەرۋەر قىلىش مۇھىم دەپ ئويلايمەن.»
روزا ھېيتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئورتاق غەزىپىنى قوزغىغان فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ روزا ھېيت تەبرىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىپلا قالماي، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ يورۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، غەربىي فىرانسىيە خەۋەرلىرى، ۋە يەنە ئىسرائىلىيە، بېلگىيەنىڭ فىرانسۇز تىللىق ئاخباراتلىرى بولۇپ 30 نەچچە ئاخبارات ۋاسىتىسى دىلنۇر خانىمنىڭ ئىنكاسىنى ئاساس قىلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ شەرمەندە بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەردە يەنە فىرانسىيەدىكى داڭلىق سىياسىي ئەربابلارنىڭمۇ ئىنكاسلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
فىرانسىيەلىك داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ئايدا تۇيىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھېيتلىق تىۋىتتېر تەبرىكىگە قارىتا: «ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە چىقار» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
فىرانسىيەلىك ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رائاپھائېل گلۇكسمان تىۋىتتېر ئىنكاسىدا خىتاينى تەنقىد قىلىپ، «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىشى خۇددى ناتسىسلار باشلىقى جوسېف گوببلېس يەھۇدىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنگە ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرئان، رامزان تۇتۇش ئارزۇسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا سۈرگۈن قىلدىڭلار، يەنە قانداقلارچە بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايسىلەر؟» دەپ يازغان.
فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى مارك جولىئېن مۇنداق باھا بەرگەن: «خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتېردا پەيدا بولغان نۇرغۇن باھا ۋە ئىنكاسلىرىنىڭ خاراكتېرى خىتاينىڭ ئابرۇيىنىڭ، فىرانسۇز تىللىق دۆلەتلەردىكى ئوبرازىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە».
نۆۋەتتە خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى تارقاتقان روزا ھېيتلىق تىۋىتتېر تەبرىكنامىسىگە قارشى قوزغالغان قارشىلىق ئىنكاس دولقۇنى نۆۋەتتە تۈركىيە قاتارلىق باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى تارقاتقان روزا ھېيتلىق تىۋىتتېر تەبرىكلىرىگە قارشى پائالىيەت قوزغىشىغا ئىلھام بولغان.