خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسى پنېۋمونىيە كېسىلىگە ئائىت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۆزگەرتىۋالغان

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ بىر قاتار ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ قازاقىستاندا تارقىلىۋاتقان پنېۋمونىيە، يەنى ئۆپكە ياللۇغى توغرىسىدا چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشى كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ ھەقتە ئەڭ دەسلەپ قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

«ئىنفورماتسىيە بيۇروسى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئەلچىخانىسى قازاقىستاندىكى نامەلۇم پنېۋمونىيە كېسىلى توغرىلىق ئاگاھلاندۇردى. قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاخباراتنى ئىنكار قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆز تورى ئارقىلىق قازاقىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى نامەلۇم پنېۋمونىيەدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ئىكەن. ئاگاھلاندۇرۇشتا بۇ كېسەللىكنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ مەملىكەتنىڭ بەزى رايونلىرىدا خېلى كۈچەيگەنلىكى ھەم ئۇنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنى كورونا ۋىرۇسىدىنمۇ كۆپ ئۆلۈمگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ھەتتا بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ خىتايغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېز ئارىدا چارىلەر قوللىنىش زۆرۈرلۈكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ مەسىلە خىتاي تاراتقۇلىرىدا چوڭ تالاش-تارتىش قوزغىغانىكەن.

قازاقىستاننىڭ «ئازادلىق روھى» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان سېيتقازىن ئارداقنىڭ «باش ئەلچى جاڭ شياۋ قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى» ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ شياۋ قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرى ئالېكسېي تسوي بىلەن بولغان تېلېفون سۆزىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش ئىلتىماسىنى قىلغان. ئۇلار شۇنداقلا خىتاينىڭ قازاقىستانغا كۆرسىتىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە كۆرۈۋاتقان چارىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. تەرەپلەر يەنە ۋىرۇسقا قارشى چارىلەرنى ئوبيېكتىپ ھالدا يورۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئاخبارات مەنبەلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى پنېۋمونىيە توغرىلىق خاتا چۈشەندۈرۈشلىرىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پنېۋمونىيەنى يېڭى بىر ۋىرۇس دەپ دۇنياغا جار سېلىشى قازاقىستان تەرەپنى بۇنىڭغا تېز ئارىدا رەددىيە بېرىشكە مەجبۇرلىغان ئىكەن.

«سپۇتنىك» خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتاي قازاقىستاندىكى ۋەتەنداشلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە» دېگەن تېمىدىكى ئابزال قالىيېفنىڭ ماقالىسىدە قازاقىستاننىڭ سەھىيە ۋەكىلى دىئاس ئاخمېتشەرىپنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلدۈرۈشى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ قازاقىستاندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئاغرىقلارنى تىزىمغا ئېلىش ھەم ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش بېرىش ئارقىلىق تېگىشلىك چارىلەر قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنى «ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

بىر كۈن ئۆتۈپلا خىتاي ئۆزىنىڭ دەسلەپكى خەۋىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار «جاس ئالاش» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئەلچىلىكى ‹قازاقىستاندا كۈچەيگەن پنېۋمونىيە› توغرىلىق خەۋىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى» دېگەن ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىلىكىنىڭ خەۋىرىدىن كېيىن دۇنيا مەتبۇئاتلىرى دىپلوماتىيەلىك خىزمەتكە ئىزاھ قىلىپ، ‹قازاقىستاندا نامەلۇم پنېۋمونىيە تارقىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆلگەنلەر سانى كورونا ۋىرۇسى قۇربانلىرىدىنمۇ خېلى كۆپ› دېگەن خەۋەر تارقىتىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئەلچىلىكى خەۋىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پنېۋمونىيەگە ئائىت قوللىنىلغان ‹يېڭى› ۋە ‹نامەلۇم› دېگەن سۆزلەرنى ئېلىپ تاشلىدى. بۇنىڭغا قوشۇپ، ھازىر ئاغرىقتىن ئۆلۈم كۆپ دېگەن مەنىدىكى ئىبارىمۇ يوق.»

يەنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى «نامەلۇم پنېۋمونىيە» دېگەن خەۋەرنى يوققا چىقارغاندىن كېيىنلا خىتاي تەرەپ ئۆزى چىقارغان دەسلەپكى خەۋىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. ماقالىدە يەنە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغان بۇ خەۋەرنى خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ تاراتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىكەن. مىنىستىرلىق يەنە خىتاينىڭ بەزى مەتبۇئاتلىرىنىڭ شۇنداق خەۋەر تارقاتقانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق نامىنى ئاتىمىغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس جاسارال قۇۋانىشالىن ئەپەندى قازاقىستاندىكى بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ھازىر قازاقىستاندا ئۆلۈم-يىتىم ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى. ئارقا-ئارقىدىن ھەر تۈرلۈك شۇم خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ كېسەللىكنى ‹قازاقىستان پنېۋمونىيەسى› دەپمۇ ئاتاۋاتقانلىقى شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك. ئۆز ئېلىنىڭ، خەلقىنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقان مەملىكەتلەردە مۇنچىلىك ئېغىر ۋەزىيەت يوق. دېمەك، ھەممە نەرسە ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا دېگەن سۆز. دورا-دەرمەكنىڭ يېتىشمەسلىكى، ئۇلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، خىزمەتنىڭ توغرا بولمىغانلىقى، ئاغرىقخانىلاردا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە باشقىلار مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق كەمچىلىكلەردۇر. ھازىر قازاقىستان بۇ كېسەللىكنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ مەركىزى بولماقتا. مەن بۇنى قازاقىستانغا قارشى قىلىنىۋاتقان بىر ياۋۇزلۇق، دۈشمەنلىك دەپ چۈشىنىمەن. قازاقىستان بىر تەجرىبە مەيدانى بولۇۋاتماقتا. ھازىر خىتايدىن ھەر خىل توۋارلار، مەھسۇلاتلار كېلىۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ مۇنداق ياردەم ئارقىلىق نېمە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى قايرات بايتوللا ئەپەندى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى پەۋقۇلئاددە ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا قىلغان بەزى بىلدۈرۈشلىرىنىڭ قازاقىستاندا چوڭ نارازىلىق تۇغدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە كورونا ۋىرۇسى باشلانغاندا خىتاي بىلەن چېگرانى يېپىشقا توغرا كەلدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا جاڭ شياۋ ئەپەندى چېگرانى ياپماسلىق كېرەك دېگەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرنى ‹سىياسىي ئۆگىنىش› دەپ ئاتالغان لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇلارنى ‹بىلىم مەركەزلىرى› دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئەخلاققا، دىپلوماتىيەگە لايىق كۆرسەتمىدى، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ، جەمئىيەت ئەرباپلىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكى شۇ ۋاقىتتا جاڭ شياۋنىڭ ئۆز ئېلىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىزمۇ شۇنداق پىكىر قىلغان ئىدۇق. ئەممۇ بىزنىڭ ھۆكۈمەت ئۇنى قايتۇرمايۋاتىدۇ. ‹ئاتايۇرت پىدائىيلىرى› نىڭ رەھبىرى ئېربول دەۋلېتبېك جاڭ شياۋنى بەتمۇ-بەت سۆھبەتكە چاقىرغان ئىدى. بىز ئۇنى سىياسىي لاگېرلاردا ياتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، گۇۋاھچىلار بىلەن ئۇچراشتۇرماقچى بولغان، ئەمما ئۇ كېلىشتىن باش تارتتى. خەت يازساق، ئۇ خەتكە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ پارتىيە مەكتەپلىرىدىكى ئۈلگىسى بويىچە جاۋاب بېرەتتى. ئۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچە كوممۇنىستىك پارتىيە ئىدېيەسىنى قازاقىستانغا سىڭدۈرمەكچى.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «نېمە ئۈچۈن قازاقىستان خىتايغا قايتىپ كەلگۈسى كېلىدۇ؟» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىشى ھەم تارقىتىشى قازاقىستان جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق تۇغدۇرغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ شياۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. مۇنداق نارازىلىق نوتىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ ئەۋەتىلگەنىدى.