چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى 24-ئىيۇل كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئىمزالىق خەت يېزىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقىمىسا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى. «ھەق ھوقۇق بولمىسا، ئولىمپىكمۇ يوق» ناملىق ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىقىدا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
چاقىرىقنامىدە، خىتاينىڭ پىلانلىق سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «1 مىلدىن 2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، يۈزلىگەن سىياسىي مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرىدا «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» كە مەھكۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ «ئېچىۋېتىش ۋە ھۆرمەت ئاساسىدىكى ئۇنىۋېرسال تۈپ ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئولىمپىك روھى» غا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئېنىق مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر ئۆزىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سىياسىتىنى 2022-يىلغىچە يەنە داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭ ئولىمپىككە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ» دېيىلگەن.
2020-يىلى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دەل بىر يىل قالغان كۈنى باشلانغان مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغان ئاكتىپلارنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى پېتىر ئىرۋىڭ 24-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى باشلاشتىكى مەقسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى 2022-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىگە قوزغاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەرىكەتنىڭ 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دەل بىر يىل قالغاندا باشلىنىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى نۇقتىلىق خىتاينى نىشان قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ. بىز توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر يىل قالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتىن پايدىلاندۇق. بۇ يەردە نىشان خىتايغا قارىتىلىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، لاگېرلارنى تاقىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا رەقەملىك تەقىبلەشنى يولغا قويغان، شۇنداقلا لاگېرلارنىڭ ئەتراپىغا كارخانا قۇرۇپ، لاگېردىكى «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغان بەزى تۇتقۇنلارنى بۇ كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشقا قوپقان ئىدى.
ئۇنىڭ مۇشۇنداق مەزگىلدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ، ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان
ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. كرىستوفېر سىمىت، «بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋىجدانسىزلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
پېتىر ئىرۋىڭ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى لاگېرلارنى تاقاشنى شەرت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋالغان ئەھۋالدا خىتاي ساھىبخانىلىق قىلغان ھېچقانداق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېيىشكە بولمايدىكەن.
پېتىر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەرىكەت ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى ئەمەس. بايقۇت قىلىش مەلۇم شەرتلەردە ئۇتۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىز بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈچۈن شەرتلىك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مېنىڭ نۇقتىئىنەزەرىمدە خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلسا بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نىزاملىرىغا ئەمەل قىلغاندىلا ئۆتكۈزسە بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز خىتاينى ئەمەس، بىۋاسىتە ئولىمپىك كومىتېتىنى نىشان قىلدى. بىز ئۇلارغا ھەرقانداق ئولىمپىك مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىز، لېكىن خىتاي ھېچقانداق قىممەت ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمايۋاتقان، لاگېرلار قۇرۇلۇپ، بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئادەم ئېتنىك كىملىكى سەۋەبلىك قامالغان ئەھۋالدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتۇق.»
تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ نامىدا خەلقئارانى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. جەۋھەر ئىلھام 24-ئىيۇل كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارانى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشقا چاقىردى.
جەۋھەر ئىلھام: «مەن يالغۇز ئامېرىكاغىلا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇققا، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرقانداق كىشىنى، كۆچى بار ھەر قانداق دۆلەتنى (خىتايغا) ئېمبارگو قويۇپ، ئۇنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىمەن. مەن تېخى ئۆتكەن ھەپتە تاشقى ئىشلا مىنىستىرى پومپېيو ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنسنىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلارغا يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، يىغىندا قىلغان سۆزۈمدە خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»
جەۋھەر ئىلھام يەنە خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماشتەك قىلمىشى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تىنچلىق روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشنىڭ مەنىسى تىنچلىقتۇر. ئۇ تېخىمۇ كەڭ تىنچلىق بەرپا قىلىشنى چىقىش قىلىدۇ. لېكىن بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاش تىنچلىق ئەمەس. بۇنداق دۆلەت تىنچلىققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. شۇڭا، مەن خىتاينى 2022-يىللىق تىنچلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە، دەپ قارىمايمەن.»
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى رەت قىلىش ھەرىكىتىگە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كوئوردېناتسىيە كومىسسىيەسى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىشىچە كومىسسىيە رەئىسى ئانتونىيو سامارانچ، خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان تەييارلىق خىزمىتىنى ماختىغان.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2015-يىلى مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى بېيجىڭغا بەرگەن. ئەينى چاغدا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قارارى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ قارارىدىن «قاتتىق نومۇس قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00