خىتاينىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش ھەرىكىتى نېمىنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.08.12
ھازىرقى زاماندىكى قۇللۇق: ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ئىشچىلار ئۈرۈمچىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدا قوغداش كىيىمى تىكىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-يانۋار، ئۈرۈمچى.
REUTERS

ئاقسۇ خەۋەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى دائىرىلەر ۋىلايەتتە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش يازلىق مەخسۇس ھەرىكىتى باشلىغان. بۇ مەخسۇس ھەرىكىتى تەشۋىقاتىدا دائىرىلەر، 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلارنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا، ھەقىقىي تۈردە دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ھوقۇق مەنپەئەت «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» تۇتۇپ بېرىش چاقىرىق قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى ئۆز رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش خىزمىتى ھەققىدە ئوخشاش تەشۋىقات تارقاتقانلىقى مەلۇم.

خىتايدا مەيلى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋەياكى شەخسى كارخانىلاردا بولسۇن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك، نېسى قالدۇرۇشقا ئوخشاش ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقوقلىرىغا دەخلى تەرز قىلىشتەك قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئېغىر بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا خىتاي ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بولۇپمۇ يۇقۇم باشلانغان 2020-يىلىدىن بۇيان «ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى» نىڭ ئېغىرلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەنىدى.

ئەمما بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە كۈچلۈك تەنقىدلە ئۇچۇۋاتقان ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەر بۇنى تۈپتىن چەكلەش ئىرادىسىنى ئاشكارا ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قوشۇلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش تەدبىرلىرى تەرەپ تەرەپتىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ئوخشاش بىر مەزگىلدە, خىتاينىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلار قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، كارخانا دېگەندەك ئورۇنلاردا، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنى تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىشىدۇر.

ھالبۇكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارالىق مەتبۇئات ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىل سوتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلاردىن ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بۇنى خىتاينىڭ بىر كۆز بويامچىلىقى دەيدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرلا ئەمەس ھەتتا ئۆزىگە ئوخشاش ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، مەمۇرىي خادىملارنىڭمۇ مائاشى خالىغانچە توتۇپ قېلىنىپ، نېسى قېلىشنىڭ چوڭقۇر ۋە كەڭ كۆلەملىك يىلتىز تارتقان مەسىلە ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار قۇللۇق ئەمگەككە كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرلانغان يېقىنقى يىللاردا بۇ ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ دائىرىسىگە پەقەتلا خىتايدىن كېلىپ ئاقسۇدا ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرەمدۇ ياكى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن زاۋۇت كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىك دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭمۇ مەنپەئەتى ئوخشاش قوغدىلامدۇ؟ دەپ سورىدۇق.

تېلېفوننى ئالغان خادىم: «بۇ ھەرىكەتتە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەرلىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ دۆلەت ۋە خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلاردا ھازىرغىچە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئەمگەككە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بار ئىكەن ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىمۇ قوغدىلاندۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، دەرھال سەزگۈرلۈك بىلەن «بۇنداق سوئاللىرىڭىزغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن، پارتكوم ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت باش ئىدارىسى خادىمى ئوخشاش، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش دائىرىسىگە يەرلىك دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بىز ئۇنىڭدىن «ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاش چاقىرىقى كۈچەيگەن بىر پەيتتە رايوندا بۇ تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ بىر باغلىنىشى بارمۇ؟» دەپ سورىشىمىزغا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

ئامېرىكادىكى كۈزەتكۈچىلەردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلماسلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك، ئىش ھەققى ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ قوغدالماسلىقى گەرچە خىتايدا كەش كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس ھەرىكەت باشلىغانلىقى بىر تەرەپتىن، رايوندىمۇ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ زور بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات ئارقىلىق كېڭەش پالاتاسىىدا ئاۋازدىن ئۆتۈپ پات ئارىدا ئاۋام پالاتاسى ۋە پرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» گە توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىنى يوق دېگىلى بولمايدىكەن.

دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتىمۇ ئوخشاشلا دائىرىلەر «شىنجاڭدا ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى تا يېقىنقى كۈنلەرگىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز زاۋۇت كارخانىلاردا مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان ھەر تۈرلۈك ئەمگەككە تۇتۇلغاندىن باشقا ھاشارنىڭ كەڭ تۈردە داۋام قىلىۋاتقانلىقىدەك ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋىدىيولاردىن ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.