مۇتەخەسسىسلەر: «خىتايدەك دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ كوۋىد سىياسىتى ھەر قاچان مەغلۇب بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.28
urumchi-ot-apiti-namayish-1.jpg خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد يۇقۇم تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان خەلق. سۈرەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللانغان سىن فىلىمىدىن ئېلىنغان، 2022-يىلى 25-نويابىر، ئۈرۈمچى.
Reuters

خىتاي ھۆكۈمىتى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۇقرالارنى كونترول قىلىش كۈچىنى نامايەن قىلغان بولسىمۇ، «قامالنى بوشىتىش» سىياسىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن يۇقۇم كىرزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان؛ قامال مەزگىلىدە كېسەللىك، ئاچارچىلىق، ئوت ئاپىتى قاتارلىق نۇرغۇن پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قامالنى بوشاتقاندىن كېيىنمۇ يېڭى ئاپەتلەرنى پەيدا قىلغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد تۈپەيلىدىن ھالىدىن كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە قارشىلىق ھەرىكىتى خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كوۋىد سىياسىتىگە ئەمدى تاقەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنسىت ھۆكۈمىتى ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى›دىن ۋاز كەچتى. ھۆكۈمەتمۇ كوۋىدنى كونترول قىلىشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئۈستىگە ئالالماس ھالغا كەلدى؛ چۈنكى بۇ قامال تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى خاراپلاشتۇردى. بۇ پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي مەغلۇب بولدى. ھازىر ئۇ كارغا كەلمەس ھالغا كەلدى، كوۋىدقا تاقابىل تۇرىمەن دەپ ھالىدىن كەتتى».

27-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد باشلانغاندىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن خاتا سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قامالنى چىڭىتقان مەزگىلدە ھەممە يەردە كۈچ-ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەن بولسا، قامالنى بوشىتىپ، ئاپەت يامرىغاندا بىر چەتكە چىقىۋالغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى كوۋىد سىياسىتى كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىتىنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە پۇقرالارنى ھەر زامان قىينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ 20-قۇرۇلتايدىن ئاۋۋال سايلامدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋېلىشى ئۈچۈن قامال سىياسىتىنى بوشاتمىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇ قامالنى بوشاتمىسا ئۇنى داۋاملىق يولغا قويۇشنىڭ ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا يەنە «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» نىڭ مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىقتىسادىي كۈچ بار، ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇنى كېسەلدىن مۇداپىيە كۆرۈش، كېسەل داۋالاش، پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولسا قىلالايتتى، ئەمما بۇلارغا ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلمىدى. ئالدىن تەييارلىقمۇ قىلمىدى. چۈنكى ھۆكۈمەت بارلىق كۈچىنى ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش›، پۇقرالارنى قاتتىق قامال قىلىشقا ئىشلىتىپ بولغانىدى. قامالنى بىرلا بوشىتىۋىدى، يۇقۇم يامراپ ‹كوۋىد دېڭىز تاشقىنى› پەيدا بولغاندا، تەييارلىق قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى».

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭ، شېنجېن، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە قامال بىراقلا بوشىتىلغاندىن كېيىن، يۇقۇمدارلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن، ئۇلارغا كېرەكلىك دورىلار يېتىشمىگەن، قېرى، كېسەلجان يۇقۇمدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئۆرلەپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قامالنى بوشىتىشتىن ئاۋۋال پۇقرالارغا يېتەرلىك ۋاكسىنا ئۇرمىغانلىقىنى، قىززىتما قايتۇرۇش دورىلىرىنى يېتەرلىك تەييارلىمىغانلىقىنى، يەنى كەلگۈسى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. قامالدىن كېيىن، خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «ھەر كىم ئۆز سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولسۇن» دېگەن شوئارنى تەكرارلىغان. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق كوللېكتىپ يۇقۇم كىرزىسىدا ئويناشقا تېگىشلىك رولى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن قاچقان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كونا، يېڭى كوۋىد سىياسەتلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىمەنە، خاتا سىياسىتىنى ماۋ زېدۇڭنىڭ 1959-يىلدىن باشلاپ يولغان قويغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» سىياسىتى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاچارچىلىق ئاپىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادشۇناس ۋۇ جىڭلىيەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باھا بېرىپ: «ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سىياسەت قوللىنىشى ئۇنىڭ بىر چەتتە قاراپ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما ئۇ بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا بىراقلا ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دېگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئايلىق قامالدىن كېيىن بىراقلا ھەممىنى قويۇۋېتىپ، «كوۋىد دېڭىز تاشقىنى» پەيدا قىلغان.

شى جىنپىڭ قامالنى بوشاتقاندىن كېيىن «شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلىش، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى بەرپا قىلىش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن، ئەمما ئېغىر دەرىجىدە يامراۋاتقان يۇقۇم ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. خىتايدا ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، يۇقىرىدىن بۇيرۇق كەلمىگىچە ھېچقانداق ئىش قىلالمىغان، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان زۆرۈر تەدبىرلەرمۇ قوللىنالمىغان.

يۇقۇمنى تىزگىنلىيەلمەي، قاتمۇ-قات كىرزىس ۋە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. 2013-يىل شى جىنپىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا ئۆزى ئېيتقاندەك «ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى چاغلىماي خەلقتىن ئايرىلىپ قالساق، خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالساق، خەلق بىزنى چوقۇم تاشلىۋېتىدۇ. ھەر قانداق پارتىيە بۇ قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس» دېگەندەك ئەھۋال يۈز بېرىشكە باشلىغان.

خۇ پىڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ «خۇسۇسىي كارخانىلارنى چەكلەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلەش» تەك خاتا سىياسىتى ھەمدە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەك قامال سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى خوراپ، ئىقتىسادتا خاراپلاشقانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى ئاچقانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا زەربە بېرىشنىڭ زىيىنىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ سىياسىتىنى دەرھال ئۆزگەرتمەكچى بولدى. ئەگەر بۇنداق قىلسا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئەھۋالى ئۆتكەن بىر-ئىككى يىلغا قارىغاندا ياخشىلىنىدۇ. ئاز-تولا تەرەققىيات پۇرسىتى بولىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ئالدى-كەينىنىڭ پەرقى يوق، تۇتامسىز قارارى كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنىڭ زىيىنىنى ھۆكۈمەت تولدۇرۇپ بولالمايدۇ».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ يېڭى كوۋىد كىرزىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە تېخىمۇ ئېغىر پاجىئە، يەنى مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭغا قارشى چەت ئەللەردە پائالىيىەت ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.