يېقىندا بىر نەپەر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى «دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ئوچۇق خەت» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە «خىتاينى كۈچلەندۈرۈپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە زەربە بېرىشتە دۆلەتنىڭ كۈچىيىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان 600 مىليون نامرات پۇقرانى قىرىپ تاشلاش» تەشەببۇس قىلىنغان. خىتاي تورلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزكۇر ماقالە چەت ئەللەردىكى خىتاي زىيالىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.
ئامېرىكادىكى خىتاي يازغۇچىسى يۈ جيې ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئېلان قىلغان ئىككى قىسىملىق ئوبزورىدا، بۇ ئەھۋالنى تەنقىتلەپ: «بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوچۇق خېتى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئومىمىييۈزلۈك ناتسىسىزىم يولىغا ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسى،» دەپ كۆرسەتكەن.
يۈ جيې ئەپەندى ئوبزورىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكىدە نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ ناتسىسىزىملىق ئىدىيەنىڭ يامرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ئەھۋالنى 30-40-يىللاردا ھېتلېر گېرمانىيەسىدە ياشلار ئارىسىدا ئەۋج ئالغان ناتسىسىزىملىق ئىدىيەۋى ئېقىمىغا ئوخشاتقان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تەربىيەلىگەن ناتسىست ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكادا سۆز ئەركىنلىكىگە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك جىددى مەسىلە. گېرمانىيە يازغۇچىسى گويدو كنوپ (Guido Knopp) ئۆزىنىڭ «ھېتلېرنىڭ بالىلىرى» ناملىق كىتابىدا ھېتلېر زامانىدىكى ياشلارنىڭ ئىدىيەسىنى تەھلىل قىلغان. 30-40 يىللاردا چوڭ بولغان بۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسى ھېتلېرنىڭ 3-ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان ئىدى. ھېتلېرنى ئۆزىنىڭ يول باشچىسى دەپ بىلگەن بۇ ياشلار داھىسى ھېتلېر ۋە گېرمانىيە دۆلىتى ئۈچۈن ئۆلۈشنى شەرەپ ۋە بۇرچ دەپ بىلگەن. ئىنسانىيەت سۆيگۈسىنى تامامەن يوقاتقان بۇ ياشلار ناتسىستلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ئىجراچىلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ھالبۇكى، كېيىنكى گېرمانىيەدە ناتسىستلىق ئىدىيەسىدىكى ‹ھېتلېرنىڭ بالىلىرى› نىڭ نەسلى قۇرۇغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى خىتايدا بۇ خىل ناتسىسىزىم ئىدىيەسى خۇددى سۈۋەرەكلەردەك تېز كۆپەيمەكتە.»
يۈ جيې ئەپەندى يەنە خىتاي ياشلىرىدا ئەۋج ئالغان «خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈش، خىتاي دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» شوئارى ئاستىدىكى خىتايچە ناتسىسىزىم ئىدىيەسى كەلتۈرگەن سەلبىي تەسىرلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.
يۈ جيې بۇ خىل ناتسىستلارچە خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ كەڭ ئەۋج ئېلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ياشلىرىغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ نۆۋەتتە چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناتسىسىزىمچە «ئەسەبىي ۋەتەنپەرۋەرلىك» ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا خىلاپ ھەركەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى نەقىل ئېلىپ ئۆتكەن.
ئۇ سۆزىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئاتالمىش خىتاي ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكۇڭ تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوخشىمىغان پىكىر-ئېقىملىرىنى چەكلەش پائالىيەتلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ھەركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېنموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلاردا يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
چەت ئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئەسلى ئەركىن ۋە باياشات ياشاش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە كەلگەن. ئەمما ئۇلار ئەركىن ۋە باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاتالمىش «خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكى» نى تەرغىپ قىلىپ، ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەرگە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارايدىغان بولغان ۋە توسقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقا باشلىغان.
شېڭ شۆ خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئاتالمىش كوڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىدى دەل «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك» تىن ئىبارەت غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە باش كۆتۈرگەن خىتاي مىللەتچىلىكىنى مەركەز قىلغان بۇ خىل ناتسىسىزىملىق ئىدىيەنىڭ يامرىشى، خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە ۋە دۇنياغا ئېغىر تەھدىت بولماقتا ئىكەن.
ئۇ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى ئىدىيەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا بۇ خىل چوڭ خىتايچىلىقنى مەركەز قىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇش، ھەتتا بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنىمۇ يوقىتىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «جوڭخو مىللىتى» گە ئايلاندۇرۇش ھەمدە تولۇق ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش نىشان قىلىنغان ئىكەن.
شېڭ شۆ خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇ خىل ناتسىسىزىمچە «رادىكال خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكى» ئەمەلىيەتتە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئەشەددىي رەۋىشتە ئىپادىلىنىشى ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ۋە دۇنياغا بولغان تەھدىتى ئەينى چاغدىكى ھېتلېر گېرمانىيەسىنىڭ ناتسىسىزىملىق مىللەتچىلىكىدىنمۇ ئېغىر ۋە خەتەرلىك ئىكەن.
