بىر تۈرك ئوقۇغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.03.23
xitaydin-tolem-2.jpg تۈركىيە قوجائەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چاغاتاي ئوركۇن چېلىكباش ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يازغان تۆلەم تەلەپ خېتى. 2020-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇندىن 4 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن 160 دۆلەتكە تېزلا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى تۈركىيەدىمۇ 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇسنىڭ 1250 ئادەمگە يۇققانلىقى مەلۇم بولدى. ھازىر پۈتۈن تۈركىيەنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋەھىمىسى قاپلىدى. تۈركىيە مەكتەپلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى بىردەك تاقىدى. لېكىن ئىدارە-ئورگانلارنى، زاۋۇتلارنى تاقىمىغان بولسىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنى چەكلىدى. كورونا ۋىرۇسى تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماي، تۈركىيە خەلقىنىمۇ جىددىي ساراسىمىگە سالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. تۈركىيەدە ئاشخانىلاردىن باشقا دۇكانلارنى ئېچىش چەكلەندى، كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت كىشىلەرنى مۇھىم ئىشى بولمىسا سىرتقا چىقماسلىققا چاقىرماقتا. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيە قوجائەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چاغاتاي ئوركۇن چېلىكباش ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن تارتقان ماددىي ۋە مەنىۋى زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ خېتىدە مۇنۇلارنى يازغان: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان ‹كوۋىد-19› ۋىرۇسى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر تەدبىرلەرگە بىنائەن ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئۆيدىن تالاغا چىقماي تۇرۇۋاتىمەن. ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر سىياسىتىگە بىنائەن 3 ھەپتىلىك كارانتىنغا كىردىم. ۋىرۇس تۈپەيلى مەكتىپىممۇ 3 ھەپتىگىچە تاقالدى. بۇ مۇددەت ئىچىدە مەن ئۆزۈم تۇرۇش ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغان ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ تۆلەۋاتىمەن. مەن بۇ ۋىرۇس تۈپەيلى تارتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانىمغا خىتاي ھۆكۈمىتى مەسئۇل دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيۈمنىڭ ئىجارىسىنى، پسىخولوگىيىلىك داۋالىنىشىمنىڭ ھەققىنى ۋە كارىنتىن مۇددىتى ئۇزىتىلغان تەقدىردە كېتىدىغان ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا چىقىملىرىمنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. چاغاتاي ئوركۇن چەلىكباش».

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسئۇل دىپلوماتى چېڭ ۋىيخۇا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان خادىم كۆرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى: بىزنىڭ دىئالوگىمىز مۇنداق داۋاملاشتى: «سىز كىم بولىسىز؟ كىمنى ئىزدەيسىز؟ نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟ مەن مۇخبىر چېڭ ۋېيخۇۋادىن بىر نەرسە سورىماقچى ئىدىم. جاۋاب: كۆرۈشتۈرەلمەيمىز».

تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە خەلقئارادا بىرەر قانۇن بارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپى پروفېسسور ئىلياسى دوغان ئەپەندى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئىلياس دوغان ئەپەندى ئەگەر خىتاينىڭ ۋىرۇسنى تەجرىبىخانىدا ئىشلەپ چىقارغانلىقى جەزملەشسە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى خەلقئارا سوتقا بەرسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەلۇم بىر دۆلەت، يەنە مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ بىر پائالىيىتى تۈپەيلى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا زىيانغا ئۇچرىغان دۆلەت خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىپ تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋىرۇسنى خىتاينىڭ تەجرىبىخانىدا ئىشلەپ چىقارغانلىقى ئىسپاتلىنىشى كېرەك. ھازىر خىتاي بۇ بىر ھايۋاندىن ئىنسانلارغا يۇقتى، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم يوق دەپ تۇرۇۋېلىشى مۇمكىن».

ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايدىن دۇنياغا تارقالغانلىقىنى، خىتاي ۋاقتىدا ئېلان قىلماي دۇنياغا زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنى دەپ خىتاينى سوتقا بەرسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇسنى دۇنياغا كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلدى. شۇڭا ئامېرىكا باشتا ۋىرۇستىن زىيانغا ئۇچرىغان بارلىق دۆلەتلەر خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خەۋەردار قىلماي دۇنياغا زور زىيان ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭغا خىتاي سەۋەب بولدى».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىن تارقالغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە خەلقى بۇنىڭغا ئوخشاش يوللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى، لېكىن بۇ ھەقتە خەلقئارا قانۇن بولمىغاچقا تەلەپ قىلىنغان ئۆسۈمنى خىتاينىڭ تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ۋىرۇس دەسلەپ خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى تەدبىر ئالمىغانلىقىدىن دۇنياغا يامراپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا يامراپ كېتىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دەسلەپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغدايمەن دەپ مەزكۇر ۋىرۇسنى دۇنياغا ۋاقتىدا ئاشكارىلىماي دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن خىتاي جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدىكى قوجائەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى چاغاتاي ئوركۇن چېلىكباش ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ «كورونا ۋىرۇسى» تۈپەيلىدىن تارتقان ماددىي ۋە مەنىۋى زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى بەزى تور گېزىتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.