گۆرلاخ: «ئەركىن دۇنيا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەھدىتىگە ئايلانغان خىتايدىن يىراقلىشىش ئۈچۈن قايتىدىن ئويلىنىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئالىكساندېر گۆرلاخ ئەركىن دۇنيانىڭ دۇنيا تېنىچلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىتكە ئايلانغان خىتايدىن يىراقلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى.

گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيەدە ئورتاق نەشىردىن چىقىدىغان «ئۆلچەم» گېزىتى 30-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادا ياشايدىغان گېرمانىيەلىك پروفېسسور ئالىكساندېر گۆرلاخنىڭ «خىتاي ۋە ئافغانىستان: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قانچە 10 يىلنى ئويلاشماقتا» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە: «خىتاي ئاۋفانىستانغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شىنجاڭغا تۇتاشقان چېگراسىنىڭ تېنىچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، ئۇزۇن مۇددەتلىك خام ئەشياغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان.

ماقالىدە غەرب ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى دېپلوماتلىرىنى، قېرىنداشلىرىنى ۋە ھەمكارلاشقۇچى دوستلىرىنى قۇتقۇزۇش بىلەن جىددىي ئاۋارە بولۇۋاتقان چاغلاردا، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرى يولىدا پائال ھەرىكەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب توغرىسىدا مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ: «ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانىڭ ئۇزۇنلىقى 75 كىلومېتىرغا سوزۇلغان. ئەمما بۇ چېگرا خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان. خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى مىللىتى ۋە ئېتىقادى سەۋەبلىكلا جازا لاگېرلىرىغا سولىۋېلىپ، ئۇلارنى ‹قايتا تەربىيە› لىمەكتە. بېيجىڭ چېگرا سىرتىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىنى، ئاۋازىنى چىقارماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم ئىدى، شۇنداق قىلغاندىلا ھەرقانداق بىر ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ مۇرتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۇ دىنىي قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزەلمەيتى. تالىبانلار بېيجىڭغا ۋەدە بېرىشكە قوشۇلدى، ئەگەر خىتاي ئافغانىستانغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلسىلا، تالىبانلار سۈكۈتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولدى. بېيجىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى.»

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاننى بازا قىلغان نامەلۇم «ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش، ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتۇشىدىغان ۋاخان كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» دەپ ئاتالغان ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ كەلگۈسى بىرقانچە 10 يىلدا ئافغانىستاندىن ئېرىشىشنى كۆزلىگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. خىتاي 2011-يىلىلا ئافغانىستاندىكى ئىككى نېفىتلىكنى قېزىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ بولغان. ئافغانىستان يەنە ئاز ئۇچرايدىغان سېغىز توپا ۋە تېلېفون كۆزنەكلىرى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان خېمىيەلىك ئېلىمېنت لىتھىيۇمنىڭ غەزىنىسى ئىكەن. ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا ئېرىشسە، پارتلاش خاراكتېرلىك تىجارى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، بۈيۈك جۇغراپىيەلىك سىياسىي كارتىنىمۇ قولغا كەلتۈرگەن بولىدىكەن. بۇلاردىن باشقا ئافغانىستاندا مول كۈمۈش ۋە ئالتۇن زاپىسى باركەن. بۇلارنى قېزىشنىڭ تەننەرقى نۆۋەتتە يۇقىرى بولسىمۇ، كېلىچەكتە قېزىش ئەرزانغا توختايدىغان بايلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى مانا بۇلارغا ھازىردىن باشلاپ ئۇرۇق سېلىپ، كەلگۈسىدە مول-ھوسۇلغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا بولماقتا ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، نۆۋەتتە غەرب ئەللىرى ئافغانىستاندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش تۈگۈل، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پاي-پېتەك بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ غەربتە سەلبىي تەسىرلەرنى يارىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن مىھرىبان خانىممۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

ماقالىدا مۇنداق دەيدۇ: «مۇجاھىتلار بىلەن مۇستەبىتلەر تىل تېپىشالايدۇ، چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمەتسىزلىك، كەمسىتىش ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدۇ. ۋاشىڭتون، لوندۇن، پارىژ ۋە بېرلىن 20 يىلدىن بۇيان بەرپا قىلغان ئەركىن ھايات تاجاۋۇزغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار ئۇرۇشسىزلا مەغلۇپ بولۇپ كىشىلەرنى پەرىشانلىققا گىرىپتار قىلغان شۇ دەقىقىلەردە، بېيجىڭدا بۇنى قۇتلۇقلاپ شامپان زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى. خىتايدىن باشقا رۇس مۇستەبىتلىرىمۇ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىمىدى. مۇستەبىت تۈركىيەمۇ ئافغانىستاندىكى ھېكايىسىنىڭ كېيىنكى بابىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

ماقالە مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «ئافغانىستان خىتاينى يېڭى ئىتتىپاقدىشى قىلىپ تاللىغاندىن كېيىن، ئەمدى كىشىلىك ھوقۇققا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، قوشنىسى شىنجاڭدىكى يىرگىنىشلىك ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلەرگە كۆزىنى يۇمىۋالىدۇ. ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم بېيجىڭغا قارىتا پوزىتسىيەسى توغرىسىدا ئويلىنىپ چىقىشى لازىم، ئىلگىرى ئۈمىد پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر دۇنيا تېنىچلىقى ۋە ئەركىنلىككە نىسبەتەن يېڭىدىن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتتىن يىراقلىشىشنى تەكرار ئويلىشىپ كۆرۈشى لازىم.»