ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا تېخىمۇ كۈچلۈك جازالاش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

ياۋروپا كېڭىشى 12-ئاينىڭ باشلىرى لىيۇكسېمبۇرگتا چاقىرغان ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2019-يىلدىن بېرى يولغا قويۇپ كەلگەن خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جۈ خەيلۈن، ۋاڭ جۈنجېڭ (ھازىر تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرېتارى)، ۋاڭ مىڭشەن، چېن مىڭگو ۋە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئەمەلدارى ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتىغا قارىتىلغان ئېمبارگونى كېلەر يىلى 12-ئايغا قەدەر ئۇزارتىشنى قارار قىلغان. ياۋروپا كېڭىشى مىنىستىرلار يىغىنىڭ قارارىدا كۆرسىتىلىشىچە، جازا تەدبىرلىرىنىڭ قايتا ئۇزارتىلىشىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى تۈرتكە بولغان.

ياۋروپا كېڭىشى مىنىستىرلار يىغىنى بۇ قېتىم يۇقىرىقى 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ۋە بىر خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە، لىۋىيە، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 18 شەخس ۋە 5 دۆلەت ئاپپاراتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ياكى ئېمبارگونى ئۇزارتقانىدى.

ياۋروپا كېڭىشى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى جازالاش تىزىملىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ۋە «يوشۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» نى سادىر قىلىشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئېمبارگونى قايتا ئۇزارتقان.

ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك ئالىي كومىسسارى جوسېف بورېل 14 ۋە 15-دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگونى قايتا ئۇزارتىش قارارىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

جوسېف بورېل، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ «يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق جازا نىزامى» بارلىقى ۋە بۇ قانۇنى قورالنى جاۋابكارلارغا قارىتا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي شەخسلىرىگە ۋە ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان جازانى ئۇزارتتۇق. بىز بارلىق سىياسىتى ئىقتىدارىمىز ياكى قاناللىرىمىزنى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت بېرىشنى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئالغا سۈردۇق. بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى خىزمىتىمىز ئارقىلىقمۇ نامايان بولدى. بۇ يەردە ماڭا ئىشىنىڭلاركى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىز توختاۋسىز ھەم كۈچلۈك قارارلارنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىمىز» دېگەن.

جوسېف بورېل سۆزىدە كونكرېت قانداق كۈچلۈك قارارلارنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە ۋەكىلى ئېمون گېلمور، كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىرىنىڭ ئەمدى ئۆزىنى ھەرگىز ئەركىن ھېس قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئېمون گېلمور يىغىننىڭ 2-كۈنى، يەنى 15-دېكابىر كۈنى قىلغان سۆزىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ خىل شەخسلەرنىڭ ئەمدى خەلقئارالىق ئايرودروملاردا قولغا ئېلىنىش خەۋىپىسىز يۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېمون گېلمور مۇنداق دېگەن: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يېڭى دەۋردە ئۇرۇش جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ، قەبىھلىكنى يوشۇرۇشنىڭ تېخىمۇ قىيىن بولىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپ دەلىللەرنى يوقىتىشنىڭ تېخىمۇ قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا قەبىھلىك سادىر قىلغۇچىلار، ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلغان قوماندانلار ياكى بۇيرۇق بەرگەن سىياسىي رەھبەرلەر ئۆزىنى ئەمدى ھەرگىز ئەركىن ھېس قىلىپ يۈرەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى مەڭگۈ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ. خەلقئارالىق ئايرودروملاردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى، ئالاھىدە سوت ياكى ئۇنىۋېرسال ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان يەككە دۆلەتلەرنىڭ قولغا ئېلىش خەۋىپىسىز ياشىيالمايدۇ».

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازانى ئۇزارتقان، شۇنداقلا يېقىندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ، 6-يىلىغا قەدەم قويغان ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 15-دېكابىر ماقۇللىغان 21 نۇقتىلىق قارارىدا، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ جازانى ئۇزارتىشى قارشى ئېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جوسېف بورېلنىڭ كونكرېت قەدەملەرنى ئېلىشى، شۇنداقلا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا قوشۇمچە جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 21 نۇقتىلىق قارارىنى ماقۇللاش مۇناسىۋىتى بىلەن 14-دېكابىر ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، گېرمانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ سۆزگە چىقىپ، خىتايغا ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەنگىن ئەرئوغلۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، مەيلى تىبەتتە بولسۇن، مەيلى خوڭكوڭدا بولسۇن ياكى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان قورقۇنچلۇق جىنايەتلەردە بولسۇن، ساناپ ئۆتۈشكە سائەتلەر كېتىدۇ. بىز كۆرمەسكە سېلىنسا نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇكرائىنادا كۆردۇق. خىتايدىكى بۇ يىرگىنچلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش ۋە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز».

ئەنگىن ئەرئوغلۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، شىنجاڭ رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بارلىق ۋاسىلارنى قوللىنىپ، تېز ئارىدا خىتايغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇش كېرەك ئىكەن.

ئەنگىن ئەرئوغلۇ: «خىتاي كۈچىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا. تاشقى تەھدىت بولمىسىمۇ، قوراللىنىۋاتىدۇ. خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ، ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىمۇ مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇ سەۋەبلىك مەن ياۋروپا كومىسسىيەسىنى قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلارنى قوللىنىشقا، ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي دىكتاتۇرلۇقىغا تايىنىشتىن قانچىلىك تېز بولسا شۇنچىلىك تېز قۇتۇلۇشقا چاقىرىمەن. بۇ بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز بولۇشى كېرەك» دېگەن. لېكىن ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازانى ئۇزارتىشى ياخشى يۈزلىنىش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىدىن ئالغاندا بۇ يېتەرلىك ئەمەس.

گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك قانۇن مەسلىھەتچىسى ھانو شەدلېر 21-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭمۇ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھانۇ شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قەبىھلىك بىلەن دەپسەندە قىلىنىشىغا جاۋابكار شەخسلەرنىڭ جازالىنىشى ياخشى ئىش بولسىمۇ، لېكىن شىركەتلەرمۇ ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بىردەك جازالىنىشى، مەجبۇرى ئەمگەك سىستېمىسى، نازارەت سىستېمىسىنىڭ پارچىسى بولغان شىركەتلەرنىمۇ جازالىشى كېرەك. مېنىڭچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جەھەتتە ئامېرىكىدەك ئاكتىپ ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە مەخسۇس قانۇن چىقاردى. شۇڭا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئارىلاشقان شىركەتلەرمۇ جاۋابكار بولۇشى كېرەك».

ھانۇ شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتە خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار بولۇپ، جازالاش ئۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

ھانۇ شەدلېر: «مېنىڭچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىمۇ بۇ جازادىن مۇستەسنا قالماسلىقى كېرەك. مېنىڭچە شى جىنپىڭنىڭ جازالاشنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن مۇمكىنچىلىك بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى، مەن بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان بارلىق كىشىلەر، مەيلى ئۇلار سىياسىي بيۇرونىڭ ھازىرقى ياكى بۇرۇنقى ئەزالىرى بولسۇن، ئۇلار يەنىلا خىتاي سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئۇلارمۇ جازالاشنىڭ پارچىسى بولۇشى كېرەك» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇ يىل يازدا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، خىتاينىڭ سابىق مەركىزى سىياسىي-قانۇن سېكرېتارى جاۋ كېجى، سابىق ج خ مىنىستىرى گۇ شېڭكۈن ۋە مەركىزى بىرلىكسەپ ئەمەلدارى خۇ ليەنخېلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 15-دېكابىر ماقۇللىغان 21 نۇقتىلىق قارارىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئاپپاراتلىرىغا قارىتا قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەزا دۆلەتلەرنىمۇ ئۇنىۋېرسال ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن بۇ شەخس ۋە ئاپپاراتلارنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان. قارارنامىدە، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئاپپاراتلىرىغا قارىتا قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈش چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دائىرىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ھوقۇق پرىنسىپلىرىنىڭ ئاساسىدا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قانۇن جاۋابكارلىققا تارتىشقا ئۈندەيدۇ» دېيىلگەن.