بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكلەرنىڭ خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونى، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونۇم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونۇم رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئاتالمىش «ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش» پائالىيەتلىرىدە بولۇشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ماشىڭرۈي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك تىبەتتە تەكشۈرۈشتە بولغان. ماشىڭرۈي باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك يەنە تىبەت ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ باشچىلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە، «جوڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش»، «دىنلارنى ۋە مەدەنىيەتلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇش» خىزمىتىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەشكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىككى «ئاپتونوم رايون» نىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى لاسادا ئۇچرىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ «ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» بىلەن «تىبەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇزاكىرەلەشكەن. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ بىلەن تىبەتنى ئىدارە قىلىش، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش نىشانىنى ئورۇنلاش» جەھەتلەردىكى ئىرادىسىنىمۇ بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بۇ ئىككى ئاپتونوم رايوندا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ۋە ئاتالمىش «ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش» لىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەقسىتى ۋە ئاقىۋىتىگە جىددىي قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ تىبەت رايونىغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيەدىكى يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «خىتاينىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە خىتايدا كوممۇنىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بىرلا ئېتىقادنى تىكلەشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بارلىق دىنىي ئېتىقادلار ۋە باشقا ئۆرپ-ئادەتلەر پەقەتلا بىر خىل ئاڭ سىستېمىسى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر تەكىتلەۋاتقان ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» دېگىنى، ئەمەلىيەتتە باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئىدىيەۋى قاراشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە خاس بولغان تىپىك ھۆكۈمرانلىق ئالاھىدىلىكتۇر.»
تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، مەيلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن، خىتايلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان پەرقلىق ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت گەۋدىلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، بۇ خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي ئېتىقادىي ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ خىتاينىڭ بۇ ئىككى رايوندىكى باستۇرۇشى كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككى رايوننىڭ مانجۇلار قۇرغان چىڭ خاندانلىقى دەۋرىدە بېسىۋېلىنغان زېمىنلار ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. ھالبۇكى، كومپارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بېسىۋېلىنغان بۇ زېمىنلەر ھەققىدە يالغان تارىخ ياساپ چىقىپ، «بۇ تۇپراقلا ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتنى كەڭ كۆلەمدە بازارغا سالغان. ئۇلار بۇ تەشۋىقاتنى ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ يازدۇرغان تارىخ كىتابلىرى ۋە ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار» ئارقىلىق، كىشىلەر ئېڭىغا مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن تىبەت ئاپتونۇم رايونى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلار بولۇپ كەلگەن. 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماش ۋە ئۇلارغا پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. 2019-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن، 2020-يىلى بىڭتۇەننىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋە سىياسىي كومىسسارلىقىغا قويۇلغان ۋاڭ جۈنجېڭ، چېن چۈەنگوغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا رول ئوينىغان. 2021-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ۋاڭ جۈنجېڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى 4 نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلغان بىر مەزگىلدە، شى جىنپىڭ ۋاڭ جۈنجېڭنى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىگەن.
تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشى، ھەتتا ئۆستۈرۈلۈشى، ئۇلارنىڭ كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى چەكسىز ساداقەت ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن.
تاڭ دەنخوڭ خانىم مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا خەلقئارادا قانداق ئىنكاسلار بولۇۋاتقىنىغا ئېتىۋار بەرمەيدۇ. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان نارازىلىقى ۋە ئەيىبلەشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئېتىۋار بېرىدىغىنى، ئىچكىي قىسىمدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇقىملىقى مەسىلىسىدۇر. شۇڭا ئۇلار ۋاڭ جۈنجېڭدەك ئەمەلدارنى يەنە تىبەتكە يۆتكەپ ئالاھىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا بولغان باھاسى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا قويغان ئۆلچىمى، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكىلەر تاپشۇرغان ۋەزىپىنى رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ئورۇنداش-ئورۇندىماسلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.»
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىغا شى جىنپىڭنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، سۆھبەتتىمۇ باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ «جوڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتە قانداق ئىزچىللاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن.
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىدىن «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ پرېزىدېنتى سونىي سونام ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللى خاسلىقىمۇ ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن جىددى يوقىتىلماقتا ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىز ئىككى خەلقنىڭ تەقدىرىمىز ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ. بىزگە ھازىر ئادالەت يوق، بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز يوقىتىلىۋاتىدۇ. بىز تىبەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تىبەتلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىغا ئالماقتا. تىبەتلەر ھازىر ئۆيلىرىگە دالاي لامانىڭ سۈرىتىنى ئاسالمايدۇ. بىزنىڭ تىبەتتە دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىمىزنى ئەركىن ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيەتىمىز يوق. ئۇ يەرلەرگە كامېرالار ئورنىتىلغان. خىتاينىڭ ساقچى پايلاقچىلىرى ھەر ۋاقىت دىنىي سورۇنلىرىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ يەردە ھازىر ھېچقانداق دىنىي ئەركىنلىك يوق.»
سونىي سونام ئەپەندى يەنە خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئېكىسكورسىيە قىلغان تىبەتتىكى ئاتالمىش «غەيرى-ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزىيى» ۋە «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھازىر تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز بىز خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس. بىز خىتايغا ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە خەلقمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا دۆلىتى بولغان، پەرقلىق مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىي، تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بار. تىبەتلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق. بۇنى خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىمۇ ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر ئەڭ كۈچەۋاتقىنى، بۇ خەلقلەرنى خىتايلارنىڭ بىر پارچىسى دېگەن تەشۋىقاتنى سىڭدۈرۈشتۇر.»
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قېتىم مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ، «تەجرىبە ئالماشتۇرۇش» نامىدا تىبەت ئاپتونۇم رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى، تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ئەمەس. 2023-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىر ئۆمەك تەشكىللەپ، خوڭكۇڭدا زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئارقىدىنلا خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ ۋېييۈەن باشلاپ كەلگەن بىر ئۆمەك ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ يىل 23-مارت بەرگەن خەۋىرىدە، 2023-يىلى 19-مارتتىن 22-مارتقىچە خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ ۋېييۈەن باشلاپ كەلگەن بىر ئۆمەكنىڭ ئۈرۈمچىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تەجرىبە ئالماشتۇرغانلىقى ۋە «خوڭكۇڭ-شىنجاڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى خوڭكۇڭلۇق پائالىيەتچىلەردىن «خوڭكۇڭ ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سامۇئېل چۇ ئەپەندى ئەينى چاغدا مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونىنى ئىدارە قىلىش مودېلى» نى خوڭكۇڭغا كۆچۈرۈپ ئاپارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈررگەن ئىدى: «شىنجاڭ بىلەن خوڭكۇڭنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى ھىساپلىنىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل ئاتالمىش ھەمكارلىق ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇلارنىڭ خوڭكۇڭنى ئىككىنچى شىنجاڭ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى. بېيجىڭ خوڭكۇڭغا ۋەدە قىلغان ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› سىياسىتىگە ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىن، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمانلارغا قوللىنىۋاتقان قاتتىق قول باشقۇرۇش مودېلىنى خوڭۇڭغا كۆچۈرۈپ ئاپارماقچى بولىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر بېيجىڭ ئۇنى خوڭكۇڭدىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ.»
ئاتالمىش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نامىدىكى بۇ خىل پائالىيەت يەنە نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونۇم رايونىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۈي باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 9-ماي كۈنى نىڭشياغا بېرىپ، ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» نى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ھەمدە «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە نىڭشيانى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋاقىتتا قىلغان سۆزلىرىنىڭ روھىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش» تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون ۋەكىللەر ئۆمىكى 2023-يىلىنىڭ بېشىدا يەنە چىڭخەي ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان ئىكەن.
تاڭ دەنخوڭ خانىم، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن بىر قاتار قاتتىققول سىياسىي باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇنىڭ خەتەرلىك بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.