خىتاي خەلق تورى 2023-يىلى 12-ئىيۇل «شىنجاڭ» سەھىپىسىدە «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى تەڭرىتاغنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنى›يېڭى‹سەھىپە يېزىشقا يېتەكلەيدۇ» تېمىلىق دوكلات ۋە ھۆججەتلىك تەشۋىقات فىلىمى تارقاتتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى بىلەن باشلانغان بۇ چوڭ ھەجىملىك دوكلاتتا «شىنجاڭدا 56 مىللەت بار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھايات يولى» دەپ كۆرسىتىپ، «بۇ يەنە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادىغا ئايلاندى» دەپ تەشۋىق قىلىنغان.
« شىنجاڭدا 56 مىللەت ياشايدۇ» تەرغىباتى 2017-يىلىدىن بۇيانقى مېڭە يۇيۇشتىكى ئاساسىي نۇقتا
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ياكى ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن ياكى ئورگان تور بەتلىرىدە بولسۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دىياردىكى ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان مىللەت ئىكەنلىكى قەستەنلىك بىلەن ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «شۇ 56 مىللەت قاتارىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت» دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى بارغانچە ئىپادىسىنى تاپماقتا.
خىتاي ئۆزىنىڭ ستاتىستىكىلىرىدىمۇ 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندا بۇ جايدا خىتاي نوپۇسىنىڭ %5 كىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %75 تىن يۇقىرى ئىكەنلىكىدەك پاكىت، ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ دىياردىكى ئازسانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئېلان قىلغان 1955-يىلىدىن بۇيان، رايونىدا «خىتاي ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق 13 ئاز سانلىق مىللەت ياشايدۇ» دەپ كەلگەنىدى. 2010-يىلى خىتاي تۇنجى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن ئېتىبارەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدىكى ئۇيغۇر ئىسمىنى تەكىتلىمەي پەقەت «شىنجاڭ» دەپلا ئاتاشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشىغان رايون دېگەننى كۈچەپ گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغانىدى.
2017-ئاينىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى 56 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ 56 مىللەت تەرغىباتى ئىپادىسىنى تاپقانىدى.
ئۇنىڭدىن ئىككى ئىلگىرى يەنى، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 120 دىن ئارتۇق ئاتالمىش مىللەتلەر ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقانىدى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 56 مىللەت ۋەكىللىرىگە تۇنجى يىغىن ئۆتكۈزۈشى بولۇپلا قالماي، ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى قەسەم بېرىش بويىچە تۇنجى پائالىيىتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. خىتاي دائىرىلىرى يىغىندا «ئالتىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق قارىغاندا، شىنجاڭدا 56 مىللەت بار، ئۇلار 13 مىللەتتىن بۈگۈنكى كۈندە 56 مىللەتكە يەتتى» دېگەن سەپسەتىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان.
2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ شىددەتلىك سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنلىرىدا «شىنجاڭدا 56 مىللەت ياشايدۇ» سەپسەتىسى بىلەن تەڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرغان رايون» دېگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىدىكى ئۈچ ئەزەلدىن» سەپسەتىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇمىدى.
ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە 28 يىل باشلانغۇچ مەكتەپ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، لاگېرلار باشلانغاندا ئوخشىمىغان ئىككى لاگېردا خىتاي تىلى ئۆتۈشكە مەجبۇرلانغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، خىتاينىڭ «شىنجاڭدا 56 مىللەت ياشايدۇ» دېگەننى 2017-يىلى لاگېرلار باشلانغان ۋاقىتتىن تارتىپ، رايون بويىچە ھەر ساھەلەردە ۋە لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا كەڭ كۆلەملىك باشلىغان مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «شىنجاڭ» دەپ سىڭدۈرۈش ۋە ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلارنى رايوندىكى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش پىلانى
خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 3-ماددىسىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك مىللىتى، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئەڭ ھوقۇقلۇق مىللەتتۇر» دەپ ئېنىق ئىزاھلانغان. ھالبۇكى «شىنجاڭدا 56 مىللەت ياشايدۇ» تەشۋىقاتى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا دائىرىلەر «ئۇيغۇر» نامىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامدىن چىقىرىپ تاشلاپ بۇنى ئاستا-ئاستا نورماللاشتۇرغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى، ئەمەلدارلارنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرى، خەۋەرلەر ۋە باشقىلاردا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى ئۇيغۇر نامى ئىشلىتىلمەسلىك ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلاندى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يەنە «دولانلىقلار»، «دولان مەدەنىيىتى»، «لوپنۇرلۇقلار»، «لوپنۇر مەدەنىيىتى» دېگەندەك ئۇيغۇرلاردىن ئايرىش خاراكتېرىدىكى ساياھەت تەشۋىقاتلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار، 0.2 پىرسەنتىنى قازاقلار تەشكىل قىلىدىغان، توقسۇن ناھىيەسىدە 8-ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ «قازاق مەدەنىيەت-ساياھەت فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىدا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ قازاق مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىك خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن فېستىۋالىدا ساياھەتچىلەرنىڭ قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە يەنە مەخسۇس «قىرغىز ئەدەبىياتى» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. 9-ئىيۇن باشلىنىپ 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى قىرغىز يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، شائىر ۋە ياش يازغۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىپ، قىرغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا «ئاپتونوم رايون ئىچىدە شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ دىنى، تىلى، يېزىقى، مائارىپى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئېكولوگىيە-مۇھىتى، نوپۇسى، بايلىقى، تۇپرىقى قاتارلىقلار ئالاھىدە قوغدىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. 5-ماددىسىدا بولسا، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە شۇ يەرلىك مىللەت كىشىلىرى ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشر ئەپكارلىرىنى چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نوپۇس جەھەتتىن ئۇيغۇرلاردىن خېلىلا ئاز ھېسابلىنىدىغان، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئاكتىپ نامايان قىلىشتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانداق مەقسەت ۋە نىشاننى چىقىش قىلغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. چۈنكى، ئۇنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن بېرى، رايوندىكى مەلۇم بىر يەرلىك مىللەتنىڭ نامىدىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىدىن شىۋېتسىيەدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرۇش تاكتىكىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش قىرغىز، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىن سەل قويۇۋەتكەندەك بىر كەيپىيات يارىتىشقا، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنغان.
قازاق لاگېر شاھىتى، شىۋېتسىيەدىكى سايراگۈل ساۋۇتباي «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دەپ تەكىتلىدى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇرۇندىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر، بولۇپمۇ قازاق-قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «خىتاي بىرىنچى قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلارنى باشقا مىللەتلەرگە يامان كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلماسلىق، ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا شارائىت ھازىرلىغان.
ئەمدىلىكتە ئىككىنچى قەدەمدە بولسا خۇددى قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىۋاتقاندەك تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ، بۇ دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتمەكتە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يەنە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، تارىخىنى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىن مەسىلىسىنى رەت قىلىشى، ئۇنى مۇنازىرىگە قويۇشى چەتئەللەردىكى خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدىغان تەشۋىقاتلىرى ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچى دوكتور ياڭ جيەنلىنى قىزىقتۇرغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرۇش، ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىگىدارچىلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلماسلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئەمدى بولسا ئۇلارنى خۇددى ئۇ زېمىندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر قاتارىدىكى بىر مىللەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى مۇنقەرز قىلىشنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش› تىن ئىبارەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىمۇ دەل شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈندۇر. دېمەك بۇلار ئۇنىڭ ئاخىرقى رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە قاراپ يەنىلا داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
ياڭ جىيەنلى يەنە «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە ساھەدە ئۇيغۇر نامىنى تىلغا ئالماسلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش مىللەتلىرىدىن ئايرىپ يېتىم قالدۇرۇشى، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان خەتەرلىك سىياسىتى» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ ئانالىز قىلدى: «چۈنكى نوپۇس جەھەتتىن نىسبەتەن ئاز بولغان بۇ مىللەتلەرنى خىتاي تەھدىت دەپ قارىمايدۇ. خىتايغا نىسبەتەن بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئەڭ زور تەھدىت. خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سودا ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرگە قىسمەن پەرقلىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىنى ئەڭ ئاۋۋال قوللىغان قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق بۇ شېرىكلىرى بىلەن سۈركىلىش پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. لېكىن ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرى شى جىنپىڭنىڭ ‹خىتايدا جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بىرلا مىللىي گەۋدە بولۇشى كېرەك› دېگەن ئىدىيەنى يېتەكچى قىلغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ مەقسىتى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس بارلىق مىللەتلەرنى ئاخىرىدا خىتايدىن ئىبارەت بىرلا مىللەتكە يۇغۇرۇۋېتىش».
