خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خەن مەركەزچىلىكىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتى» گە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.01
كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر مۇراسىملىرى ۋە يوقىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى ئۇيغۇر نەققاشلىقى بىلەن بېزەلگەن بىر بازاردا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۈندەيدىغان پىلاكات ئېسىلغان. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

خىتاي كومپارتىيەسى 27- ۋە 28-ئاۋغۇست كۈنلىرى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتتىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلىدىغان سىياسىتىنىڭ تۈپ نىشانلىرىنى بېكىتكەن. ئانالىزچىلار بۇ يىغىننىڭ قارارى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كېلەچىكىگە قارىتا ھالقىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى كوللېكتىپى بەرپا قىلىشنى مەركەز قىلغان يېڭى دەۋر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى لايىھىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا ئەڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، دىققەتنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش» نىڭ تەكىتلىنىشىدۇر. يىغىندا شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىسىنى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى قىلىشىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئورتاق كىملىك ۋە ھەر قايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر باغلانغان ئورتاق كېلەچەككە ئىگە بىر جۇڭخۇا مىللىتى گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىن خىتاينىڭ 1978-يىلى ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە باشلىغان 40 نەچچە يىلدىن بېرى چاقىرغان 5-قېتىملىق «ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى» يىغىنىدۇر. بىراق، بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ نېگىزلىك پەرقى بۇ يىغىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، نوپۇسى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ئۇنىڭ ھەرىكىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالغان بىر مەزگىلدە چاقىرىلغان.

بەزى غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى سىياسىتى ئۇنىڭ بۇرۇن يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسەتلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن. ئامېرىكالىق ئوبزورچى ۋە ئادۋوكات گوردون چاڭ، بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى يوقىتىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوردون چاڭ 31-ئاۋغۇست بۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يېڭى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى ئۇنىڭ بۇرۇنقى يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق بارلىق ئېتنىك ئۆزلۈك ئېڭىنى يوقاتماقچى. ئۇ خەن ئۆزلۈك ئېڭىنى ساپلاشتۇرماقچى. بۇنىڭ ئۆزى بىر ئېتنىك تازىلاشتۇر. بۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى شەكلى. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر ئۆزلۈك ئېڭىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش، دېگەنلىكتۇر».

يىغىندا شى جىنپىڭ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خەن شوۋىنىزمى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت شوۋىنىزمىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئوخشاشلا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق گوردون چاڭ شى جىنپىڭنىڭ كاللىسىدا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئىدىيەسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

گوردون چاڭ: «شى جىنپىڭنىڭ كاللىسىدا مۇرەسسە قىلىش، دەيدىغان نەرسە يوق. ئۇ بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ بارلىق دىنلارنى يوقىتىشنى، ئۇ پۈتۈنلەي بىر خىل بولۇشقا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشقا يۈزلەنمەكتە. بۇ ئىنتايىن رەزىللىك»، دېدى.

لېكىن يىغىندا شى جىنپىڭ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى كىملىك ئېڭىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى مەنپەئەتىنى 1-ئورۇنغا قويۇشى» نى، خىتايدىكى مىللەتلەر ئىشلىرىنى خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭىلىق ئەمەس ئىكەن.

گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ئۇنىڭ بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا خېلى بۇرۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى، بۇ ھازىرقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاسىيە ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، «2-ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى» ناملىق بۇ سىياسەتنى 2010-يىلى خىتاي تەتقىقاتچىسى خۇ ئەنگاڭ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شى جىنپىڭ 2012-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىكەن.

چەتئەللەردىكى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىننىڭ روھىدىن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسەتلىرىدىن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ 31-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدىن ئالاھىدە بىر ئەھۋالنى بايقىمىدىم. ئۇنىڭغا دائىر ھۆججەتلەرنىمۇ ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ باقمىدىم. بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىللىق ئەھۋالدىن، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تەرەققىياتتىن ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى مەلۇم».

تېڭ بىياۋنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي تىلى ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى تەكىتلىشى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشكە ئۇچرىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ خىتاي تىلى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى تەكىتلىگەن بولسا، بۇ ناھايىتى ئېنىق. دېمەك ئۇ ئۇيغۇر رايونى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا بۇ خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى، تىلى ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنى داۋاملىق چەكلەيدۇ. ئۇلار ھازىرغا قەدەر بۇ مىللەتلەرگە نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىك تونۇشى ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنى توسۇپ كەلگەن. دېمەك، ھازىر ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىلەرنى قويىدۇ، دېگەن گەپ».

يىغىندا شى جىنپىڭ يەنە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش» نى، «مىللەتلەر ئىشلىرىدىكى چوڭ خېيىم-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەتەرلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش» نى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە خەلقئارا بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ كىمنى كۆزدە تۇتقۇنلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى نەزەردە تۇتقانلىقى سىر ئەمەس.

خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن ئامېرىكاغا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى قايتا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى كىرگۈزۈش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى، شۇنداقلا تالىبانلارنىڭ بۇ گۇرۇھ بىلەن چەك-چېگرىسىنى ئايرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم.

شى جىنپىڭ سۆزىدە: «(بىز) مىللىي ئامىللارغا ئالاقىدار ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئاكتىپ ۋە پۇختا ھەل قىلىشىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ زەھەرلىك ئىدىيەلىرىنى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك»، دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارانىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي رەت قىلىشى، 1948-يىلى ماقۇللانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىسىگە ئەمەل قىلىش بولۇشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ جاۋابىمىز بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىق، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە خاتىمە بېرىش دېگەنلىكتۇر».

مەلۇم بولۇشىچە، 27-ۋە 28-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يىغىننىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ تەلىماتلىرىنى قانداق ئىجرا قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. نۆۋەتتە، رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار «مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى» نىڭ روھىنى ئۆگەنمەكتە ۋە بۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە قانداق تەدبىقلاشقا تىرىشماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.