خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.15
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى «پارتىيىنى سۆيۈڭ ، دۆلەتنى سۆيۈڭ» دېگەن شوئار يېزىلغان قىزىل لوزۇنكا ۋە خىتاينىڭ قىزىل پانۇسى ئېسىلغان مەسچىت. 2021-يىلى 20-مارت، يېڭىسار.
AP

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ سىناق قىلغان تەجرىبىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى يېتەكچى ئىدىئولوگىيەلەردىن بولغان ئىسلام دىنى چۈشەنچىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق پىرىنسىپى بىلەن ئۇيغۇنلىشالايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۇرۇنۇشى بولدى. نەتىجىدە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا باغلانغان ھالدا «قايتا تەربىيەلەش» كە مەھكۇم بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى. شۇ قاتاردا زور ساندىكى مەسچىتلەر چېقىپ تاشلاندى ياكى قۇببىلىرى يۇلۇۋېتىلدى؛ مەسچىتلەرنىڭ قۇببىلىرىگە ئېسىلغان «دۆلەتنى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش» دېگەن لوزۇنكىلار «دۆلەتنى سۆيۈش، پارتىيەنى سۆيۈش» كە ئالماشتى؛ كېيىنچە «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» بىلەن «يۇقۇملانغانلار» نى ئايرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىدا چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ ۋاقىتلاردا كەڭ تارقالغان «ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم بىلەن ماسلاشتۇرۇش» شوئارىنىڭ رېئاللىقتىكى ئىنكاسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3-دېكابىر كۈنى ئېچىلغان «مەملىكەتلىك دىنىي خىزمەت يىغىنى» دا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ شوئارنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى دىنىي خىزمەتلەرنىڭ مۇشۇ پرىنسىپ ئاساسىدا داۋام قىلىدىغانلىقى بولسا بۇ ھادىسىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور كۆلەم ئالىدىغانلىقىدىن بىۋاسىتە بېشارەت بەردى. 13-دېكابىردا ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىنىي خىزمەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» ھەمدە بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئاساسلىق كاتتىۋاشلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بۇ ھالنى تېخىمۇ ئاشكارا نامايان قىلدى.

ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىلگەن مەسچىت ئالدىدىكى يايمىچىلار. 2021-يىلى 19-مارت، قەشقەر.
ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىلگەن مەسچىت ئالدىدىكى يايمىچىلار. 2021-يىلى 19-مارت، قەشقەر.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنلاردا نۇقتىلىق قىلىپ «يېڭى دەۋردىكى دىنىي خىزمەتنىڭ ئىدىيەۋى پىرىنسىپى دىنىي ئېتىقادنى سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى بىلەن ماسلاشتۇرۇش» بولىدىغانلىقى، دىنىي ساھەنىڭمۇ بۇ يېتەكچى پىرىنسىپنى مۇستەھكەم ئىگىلىشى لازىملىقى، بۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ماھىيەتتە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتايلىشىپ كېتىش باسقۇچىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر باسقۇچنىڭ باشلىنىشى ئىكەن. يەنە كېلىپ ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر دىيارىدا سىناق قىلىنغان بۇ چارىلارنىڭ ھازىر گەنسۇ ۋە نىڭشيا رايونلىرىدا ئەۋج ئېلىشىمۇ بۇنى دەلىللىمەكتە ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق تەھدىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى سوستىيالىزم بىلەن ماسلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى سۆزلىرى ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىكەن. چۈنكى خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى قوشقاندىمۇ ئۇلارنىڭ سانى پۈتكۈل خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىككى پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىكەن. ئامېرىكا جامائىتىگە تونۇشلۇق سىياسىي ئانالىزچى ئىفتىخار ئارسالاننىڭ پىكرىچە، ئىسلام دىنىدىكى نېگىزلىك بولمىغان بەزى ھادىسىلەرنى ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئۆزلىرىگە ماسلاشتۇرسا بۇنىڭغا ئىسلام دىنى پۈتۈنلەي يول قويىدىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى بولسا خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىش قىلمىشى بولۇپ، بۇنى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» دەپ ئاتاش ئەمەلىيەتتىن كۆپ يىراق بولغان «سۆز ئويۇنى» ئىكەن. .

«ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش دېگەندە گەپ ئىسلام دىنىنى ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) دەۋاتقان ياكى قىلىۋاتقان ھادىسىگە ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار ئىسلام دىنىدىكى ئەسلىدىن مەۋجۇت ئەقىدىلەرنى ئۆچۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆزلىرى تەكىتلەۋاتقان ھەمدە تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرۇشنى كۆزلىمەكتە. بۇ ئەمەلىيەتتە 2021-يىلى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقى بىلەن خېلىلا ئوبدان ‹ئۈنۈم› قازاندى. ئەمما بۇ ئىسلام دىنىدىكى بەزى مەركىزىي ئورۇندا بولمىغان ھادىسىلەرنى ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈشتىن پەرق قىلىدۇ. مەسىلەن ئالساق، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئىسلامى ئادەتلەرنىڭ بەزىلىرى خىتايدىكى بەزى ئىسلام ئادەتلىرىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. يەنە ئالساق ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالال يېمەكلىك ئۆلچىمى تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالال يېمەكلىك ئۆلچىمىدىن پەرق قىلىشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنىم، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىدىكى تۈپ پىرىنسىپلارنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا بەزى ئادەتلەرنى ئۆز مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ داۋام قىلىشى يامان ئىش ئەمەس. بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى تۇڭگانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېنىق. ھالبۇكى ھازىر ئۇيغۇرلار خەلقئارا جەمئىيەت كەسكىن تەنقىدلەپ كېلىۋاتقاندەك دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ بولسا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىدىن ئىدى. ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ خىل ئېغىر سىياسىي مۇددىئا يوشۇرۇنغان شوئارنىڭ ئەمەلىيەتكە قىلچىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلدۇرۇش جەريانىدا ئىسلام دىنىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلماقتىكەن. ئەمما تارىختا بۇ خىلدىكى ئۇرۇنۇشلار كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە بولۇپ، ئۇلار قىسمەن «ئۇتۇقلار» غا ئېرىشسىمۇ، ھېچقاچان ئاداققى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قادىر بولالىغان ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ. .

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىمۇ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن ھەمدە بۇنى ئەيىبلەپ «خىتاي ھازىر ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى. ئىمانىم كامىلكى ئۇلار بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.