6-ئاپرېل كۈنى «خوڭكوڭغا دېموكراتىيە» تورىدا مۇخبىر ئالىئان جېئان روبېرتنىڭ سۈرگۈندىكى خىتاي يازغۇچىسى لياۋ يىۋۇنى زىيارەت قىلىپ يازغان «مېنىڭ ئارزۇيۇم خىتاينى 10 پارچىغا بۆلۈۋېتىشتۇر» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىدا 2011-يىلىدىن بۇيان گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى لياۋ يىۋۇنىڭ «ئەگەر يۇرتۇم سىچۈەن مۇستەقىل بولسا، مەن سىچۈئەنگە قايتىمەن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
ماقالىدا دېيىلىشىچە، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لياۋ يىۋۇ ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشسا ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئارزۇيۇم خىتاي چوقۇم 10 پارچىغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە پارچىلىنىشى كېرەك. چۈنكى خىتاي ئىمپىرىيەسى ھازىر پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتىدۇ.»
ماقالىدا يەنە لياۋ يىۋۇغا ئوخشاش خىتاينىڭ پارچىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدىغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىد يوق دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
لياۋ يىۋۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن بارلىق ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالدى. 30 يىل ئىلگىرى بىز خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ھەممە جايدا تەكىتلىنىۋاتقىنى پەقەتلا ئىقتىساد، يەنى پۇل تېپىش بولۇپ قالدى. 30 يىل ئىلگىرىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۆلەتلىرىدە تەكىتلىنىۋاتقىنى خىتاي بىلەن سودا قىلىش بولدى، ھازىر ئۇلار بۇ دۆلەتتە قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا. ھازىر خىتايدا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ‹گۇلاگ› لاگېرلار قۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئەمما بىز ھازىرغىچە خىتايدا قانچىلىك ئادەمنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىزمىز.»
يازغۇچى لياۋ يىۋۇ 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغان خىتاي يازغۇچىلىرىدىن بىرى. ۋېكىپېدىيا تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى ئۇ گېرمانىيەگە كېلىپ پاناھلانغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
1958-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يېننىڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان لياۋ يىۋۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن يېڭىچە شېئىرلىرى بىلەن خىتايدا تونۇلغان. بولۇپمۇ 1986-يىلدىن 1989-يىلىغا قەدەر يېزىلغان «ئۆلۈك شەھەر»، «سېرىق شەھەر»، «غايىۋى شەھەر» قاتارلىق داستانلىرى ئەينى يىللاردىكى خىتاي ياشلىرى تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالغان «خەتەرلىك شەخس» لەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى 4-ئىيۇن سەھەردە تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندا لياۋ يىۋۇ شۇ كۈنى يېزىلغان «زور قىرغىن» ناملىق شېئىرىنى ئاۋازلىق ئوقۇپ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى مەيداندىكى نامايىشچىلار ئارىسىدا تارقاتقان. 1990-يىلى 3-ئايدا ئۇ يەنە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «ئەمىن تاپقان روھ» ناملىق ناخشا فىلىمىنى ئىشلەۋاتقاندا بىللە ئىشلەۋاتقان 10 نەچچە سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ، 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر 4 يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ھەر خىل تەخەللۇسلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەيدىغان ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ شۇ مەزگىللەردە خىتايدىكى دېموكراتىيە تەشەببۇسچىسى ليۇ شياۋبو قوزغىغان «2008 خىتابنامىسى» نى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تاكى 2011-يىلى خىتايدىن قېچىپ چىققانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ 2011-يىلى گېرمانىيەگە كېلىپ پاناھلانغاندىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى پاش قىلىدىغان بىر قاتار ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقئارادا تونۇلغان ۋە كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
6-ئاپرېل ۋاشىنگتون ھۆررىيەت مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى» نى قوللاشقا كەلگەنلەر ئارىسىدا «شاڭخەيگە مۇستەقىللىق، ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ خىتاي دېموكراتلىرى مەيداندىكى ئۇيغۇرلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
نيۇ-يوركتىن ۋاشىنگتونغا كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان بۇ خىتاي پائالىيەتچىلىرى «شاڭخەي مىللىي پارتىيەسى» نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ مەسئۇلى خې ئەنشۈن ئەپەندى شۇ كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ھازىر خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا يازغۇچى لياۋ يىۋۇغا ئوخشاش خىتاي ئىمپېرىيەسىنى پارچىلاش تەرەپدارلىرى نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خې ئەنشۈن مۇنداق دېدى: «لياۋ يىۋۇ ئەپەندى خىتاي ئىمپېرىيەسى پارچىلىنىشى كېرەك دېگەن تەشەببۇسنى خېلى ئىلگىرىلا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەن بۇ خىل قاراشنى قوللىغۇچىلارنىڭ بېرىمەن. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋە خىتايدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ئەلۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى، خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت خىتاي ئىمپېرىيەسى پارچىلانغاندىلا ئاندىن مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىپ، ھەقىقىي دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېگەن قاراشتىكىلەر ھازىرچە يەنىلا ناھايىتى ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە، ئۇلار خىتاي دېموكراتلىرى ئىچىدە ئاران 0. 1 پىرسەنتنى ئىگىلىسە كېرەك. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن. ھەر 100 نەپەر خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى خالايدىغانلاردىن ھەتتا بىر نەپەرمۇ چىقماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇندىن كېيىن خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن»
خې ئەنشۈن ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خې ئەنشۈن ئەپەندى يەنە ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان «شاڭخەي مىللىي پارتىيەسى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ پارتىيەنىڭ 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە قۇرۇلغانلىقىنى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ غايىسى ھەمدە نىزامنامىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە مېڭىشىنى 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 30 يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن ھېسابلىغاندا 40 يىل كۈتتۇق. ئەمما خىتاي دېموكراتىيەگە مېڭىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى بارغانچە مۇستەبىتلەشتى. كومپارتىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەشەببۇس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇنىڭ بىلەن بىزدە باشقىچە بىر يول تېپىش ئىستىكى پەيدا بولدى. بىز 2018-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ‹شاڭخەي مىللىي پارتىيەسى› نى قۇردۇق. ھازىر ئادەملىرىمىز چەتئەللەردە ۋە خىتاي ئىچىدە بولۇپ 100 گە يېقىنلاشتى. يېقىنقى يىللاردىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن يېڭى نىشانىمىز ۋە مەقسىتىمىز شاڭخەينىڭ مۇستەقىللىقى ياكى ئالىي مۇختارىياتىنى تەلەپ قىلىشتۇر. بىز بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرماقچىمىز. چۈنكى خىتاي ئىمپېرىيەسى ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلاردا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغالغاندىلا، ئاندىن خىتاي ئىمپېرىيەسىدىن ئىبارەت بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى، ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز.»
ئۇ بايانىدا ئالدى بىلەن خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر شۇنداقلا تەيۋەن، خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، پۈتكۈل خىتايدىكى ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاي ئىمپېرىيەسىنى پارچىلاپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن دېموكراتىيە ۋە ھەقىقىي ئەركىنلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىدىن باشقا يەنە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش، ھەتتا خىتايدىكى بىر قىسىم ئۆلكە-شەھەرلەردىمۇ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىمپېرىيەسىنى پارچىلاش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتىكەن.
0:00 / 0:00