خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان چېگرا ھالقىغان بېسىمىدىكى كونا ۋە يېڭى تاكتىكىلىرى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى داۋىد توبىن (David Tobin) ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىما (Nyrola Elima) بىرلىكتە تەييارلىغان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا ئۇچرىشى» دېگەن تېمىدىكى چوڭ ھەجىملىك دوكلات بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى.

ئەنگلىيەنىڭ BBC تېلېۋىزىيەسى 31-ئىيۇل كۈنى بۇ دوكلات ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقانلارغا قارىتىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كەڭ جامائەتچىلىككە يورۇتۇپ بەرگەن.

BBC تېلېۋىزىيەسى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى ئالىم دەپ تونۇشتۇرغان بىر كىشىنى زىيارەت قىلغان. ئالىمنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئاۋۋال ئۇنى 6 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتقان ئانىسى بىلەن ۋىدىيو ئارقىلىق كۆرۈشتۈرگەن. ئاندىن ئۇنى ئەنگلىيەدە بولۇۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئەۋەتىشكە قىستىغان. ئالىمنىڭ BBC گە دېيىشىچە، ھەر قېتىم لوندوندا خىتايغا قارشى نامايىش بولغاندا، ئۇلار تېلېفون قىلىپ، بۇ نامايىشقا كىملەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى سورىغان. خىتاي يەنە ئۇنىڭغا ئەنگلىيەدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ دوست بولۇشىنى، ئۇلارنى رېستورانلارغا تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلىشىنى، ئۇنىڭغا كېتىدىغان پۇلنى ئۆزلىرىنىڭ بېرىدىغانلىقىنى دېگەن.

ساقچى تەرەپ ھەتتا ئالىمنىڭ تۇيۇقسىز پۇلدار بولۇپ قېلىشى گۇمان قوزغىمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر ساختا شىركەت قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، دەل مۇشۇ مەقسەت بىلەن قۇرۇلغان باشقا نۇرغۇن شىركەتلەر بارلىقىنى ئېيتقان؛ ئەگەر ساقچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە كۆنمىسە ئائىلىسىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان.

خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىنىڭ كۆلىمى يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا ئەنگلىيە، تۈركىيە ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان 200 دىن ئوشۇق كىشى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە يا ئۇنداق، يا بۇنداق شەكىلدە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىكەن. مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى داۋىد توبىننىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى چېگرا ھالقىغان بېسىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنى خىتايدا باستۇرۇش نىشانى قىلىنغان باشقا تائىپىدىكىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئامىل ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىم جەريانىدا ھېس قىلغىنىم، شى جىنپىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۆكتىچى ھەم پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان. بىراق ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تەقىبگە ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى خوڭكوڭلۇق ۋە شۇلاردەك باشقا گۇرۇپپىلاردىن پەرقلىنىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل بىر خەلق سۈپىتىدە تەقىبلىنىشى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىدىكى بىر يېڭىلىق» .

دوكتور داۋىد توبىننىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىش ئۇسۇلى يالغۇز تەھدىت سېلىش، يۇرتىدىكى يېقىنلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش بىلەنلا چەكلەنمىگەن. ئۇلار ئەكسىچە بۇ كىشىلەرنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈش، ئۇلارنى ماددىي جەھەتتىن قىزىقتۇرۇش تاكتىكىلىرىنىمۇ قوللىنىپ، «ئەگەر سەن گەپ ئاڭلىساڭ، بىزمۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىمىز» دېگەن. تەتقىقات جەريانىدا ئۇلار خىتاينىڭ ھەر قاتلىمىدا، ھەر ساھەسىدە كەڭ يامرىغان چىرىكلىكنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشتىمۇ كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاشقان تۈركىيەدەك دۆلەتتە تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ يەردىكى ھەربىر كىشىنى بۇ بېسىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدىكەن.

دەرۋەقە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ھۈسەنجان مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلغان خوتەندىكى خىتاي ساقچىسىنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، ئىستانبۇلدىكى ساتىراش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ۋە ئۇنىڭ خېرىدارلىرىنى رەسىمگە تارتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئۇنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى دۇكاندىكىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ نەق مەيداندا تۇتۇلغاندا، ئۇنىڭ بۇ رەسىملەرنى خوتەندىكى خىتاي ساقچىسىغا ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. ھۈسەنجان بولسا خىتاي ساقچىلىرى ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت سالغاچقا ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

خىتاينىڭ مانا مۇشۇنداق چېگرا ھالقىغان بېسىمى تۈپەيلىدىن ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە گۇمانخورلۇق تۈگىمەيۋاتقان بولۇپ، جامائەتتىن ئۇزاقلىشىپ يالغۇزلۇققا مەھكۇم بولۇش بۇنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ قالغان. داۋىد توبىن مۇنداق دەيدۇ:

«بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاقىۋەتكە يەنى تىراگېدىيەلىك ئاقىۋەتلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلدۇق. بىز سۆزلەشكەن نۇرغۇن كىشىلەردە گۇمانخورلۇق ئۇيغۇرلاردىن قورقۇش، ئۇيغۇرلار يىغىلغان جايلاردىن قېچىش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرگە ئىشەنمەسلىك، ئۇلارنى جاسۇس دەپ گۇمان قىلىش كەيپىياتىنى ياراتقان. بۇنداق روھىي ھالەت ئاقىۋەتتە ئۇلارنى يالغۇزلۇققا ئىتتەرگەن بولۇپ، بۇ ئەسلىدە جامائەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشنى تەسلەشتۈرىدۇ.»

BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ تەتقىقات دوكلاتى ھەققىدىكى پىروگراممىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. چۈنكى ئۇ ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولۇقۇۋاتقان تەھدىتنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئەنگلىيەدىكى «خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورد (Luke de Pulford) «بۇ خەۋەر دەل بىز ئەنسىرەۋاتقان مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

«بۇ خەۋەر ھەقىقەتەن جىددىي بىر مەسىلىنى، يەنى بىز ئۇزۇندىن بۇيان ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىنى يورۇتۇپ بەردى. بۇ ئىشتا كىشىنى خۇرسەن قىلىدىغىنى شۇكى، ئەنگلىيە بىخەتەرلىك مىنىستىرى توم تۈگەندخات (Tom Tugendhat) خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېىسىمى ئۈستىدە خېلى كۆپ خىزمەت قىلدى. مەن ھۆكۈمەت ئىچىدە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلىمەن. بىراق بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش، ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسىلىسىدە ئەمەلىي ھەرىكەت ناھايىتى ئاز بولۇۋاتىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنى كۆرۈشنى، كۆرگەندىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

دوكتور داۋىد توبىننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، سىياسەتچىلەر بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىكەن. دوكتور داۋىد توبىن ئەپەندى چېگرا ھالقىغان بېسىمدىن باشقا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى پۈتۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېھتىياجغا كۆرە چارە ئىزدەش ۋە تەدبىر قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.