مارېيكا ئوھلبېرگ: «خىتاينىڭ ‹قوشماق تۇغقان› سىياسىتى-مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مۇتلەق تېررورلۇقتۇر»
2024.02.02
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
2023-يىلى 10-ئايلاردا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان چەت ئەللىك مۇخبىرلار ئارىسىدىن «بېرلىنلىقلار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلار 20-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان «ئاز سانلىقلارغا زۇلۇم قىلىشمۇ ياكى غەربنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە ئۆزلىرىنىڭ رايوندا جازا لاگېرلىرىنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىقىنى بايان قىلىپ، كۈچلۈك نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى. «بېرلىنلىقلار گېزىتى» 27-يانۋار «خىتايشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى: بېيجىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىقلىرىنى سۈمۈرمەكچى» ناملىق يەنە بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ، ئۆز خاتالىقلىرىنى تۈزەشكە ئۇرۇندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە «گېرمان مارشال فوندى» نىڭ خىتايشۇناس تەتقىقاتچىسى مارايكې ئوھلبېرگ (Mareike Ohlberg) زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان ئىدى.
«خىتايشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى: بېيجىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىقلىرىنى سۈمۈرمەكچى» ناملىق بۇ زىيارەت خاتىرىسى مۇنداق كىرىش سۆز بىلەن باشلانغان: «گېرمان مارشال فوندىدىن مارايكې ئوھلبېرگ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينى ‹بېيجىڭ شىنجاڭدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش› دەپ ئەيىبلىدى. »
«بېرلىنلىقلار گېزىتى» نىڭ تۇنجى سوئالى: «ئوھلبېرگ خانىم، غەربتىكى نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداۋاتقانلىقىنى ۋە قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سىزچە كىمنىڭ توغرا؟ » دېگەندىن ئىبارەت بولغان. مارايكې ئوھلبېرگ خانىم بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارەتلىرىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاپ كۆرسىتىدىغان يەنە بىر يېڭى تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇر رايونى 1949-يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن باشلاپلا، رايوندا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بولغان بىڭتۈەن قۇرۇلۇپ، رايوننىڭ بايلىقلىرى بۇلاپ-تالانغان، خىتايلار بۇ رايونغا كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈلگەن. 2016-يىلى چېن چۈەنگو ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇشلار شىددەت بىلەن كۈچەيگەن. ھۆكۈمەت بۇ قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەقسىتىنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتىدۇ.»
دەرۋەقە، خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئاتالمىش «گۈزەل شىنجاڭ» ئوبرازىنى يارىتىش يولىدا زور تەشۋىقات دولقۇنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچى خېلىلا زور ئىكەن.
«شىنجاڭدا ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. ئەجەبا، سىز خىتاينىڭ ‹قاتىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنى قوغداش ھەققى بار› دەپ قارامسىز؟ » دېگەن سوئالغا مارايكې ئوھلبېرگ خانىم مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«قىسمەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن، بۇ ئەمەلىيەت. ئەگەر سىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ‹تېرورلۇق› ۋە ‹ئەسەبىيلىك› كە قارشى تۇرۇشىدىكى ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولسىڭىز، پۈتۈنلەي نورمال بولغان دىنىي ئېتىقاد، ئېتنىك ۋە تىل كىملىكلىرىنىڭ باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەرھال چۈشىنىپ يېتىسىز. بۇلار ساقىلى ئۇزۇن ئەر، كۆپ بالىلىق ئايال، چەت ئەل بىلەن ئالاقىسى بولغان ئائىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشمىغان باشقىچە بىر كىملىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى جازالايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بارلىق ئاماللار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگەتمەكچى. 2017-يىلى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى توغرىسىدىكى دەسلەپكى مەلۇماتلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندا، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ لاگېرلارنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان چاغلاردا، تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، سۈرەتلەر، خېرىدار چاقىرىش ھۆججەتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن لاگېرلارنىڭ كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ، بۇ جايلارنىڭ قانداقتۇر قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئەمەس، بەلكى يەرلىك مىللەتلەرنى قانۇنسىز تۇتۇپ سولاپ ئۆزگەرتىدىغان لاگېرلار ئىكەنلىكى توغرىسىدا دوكلاتلارنى ئېلان قىلدى.»
مارايكې ئوھلبېرگنىڭ جاۋابىدا يەنە خەلقئارانىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بىر قىسىم لاگېرلارنى تاقىغانلىقى، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا قاتتىق نازارەت ۋە كونترول ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «دۇنيانىڭ ھېچ قانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ئاتالمىش جىنايەتلەر» بىلەن ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، مائارىپ ساھەسىدىن قولغا ئېلىنغان يالقۇن روزى قاتارلىق مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان بەزى ئۇيغۇرلار مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.
مارايكې ئوھلبېرگ «بېرلىنلىقلار گېزىتى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يەرلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئارقىلىق ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، «بۇ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مۇتلەق تېررورلۇق» دېگەن. ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى جىددىي يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ھەمراھى غايىب بولغان بىر ئائىلىگە بىر ھۆكۈمەت خادىمى كىرىپ يەرلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ياتىدۇ، ئاندىن بۇ شەخس بۇ مۇسۇلمان ئائىلە ئەزاسىنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشى ۋە ھاراق ئىچىشىنى نازارەت قىلىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن بۇلار ئېنىقكى، مۇتلەق رەۋىشتە تېررورلۇقتۇر.»
فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزى لاگېردىكى ۋاقتىدا بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ خۇسۇستا بەزى ئەھۋاللارنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«خىتايشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى: بېيجىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىقلىرىنى سۈمۈرمەكچى» ناملىق بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستېمالدىن قالدۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرىگە قارىتا شىددەت بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەيران قىلىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىقلارنىڭ تالان-تاراج قىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ئىرادىسىنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىلىرى ئىكەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن.









