خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر ساختا فىرانسۇز مۇخبىرنى ياساپ چىققانلىقى ئاشكارىلانغان.
«ئۇنىلاند» خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى «خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» (CGTN) لائۇرېن بېئائۇموند دەپ ئاتىلىدىغان فىرانسۇز ژۇرنالىست يازغان بىر پارچە ماقالىنى ئېلان قىلغان.
ماقالىدە بېئائۇموند خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى ئارقىلىق «ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» دىكى بارلىق ماددىلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بېرىپ خىتاينى ئاقلاپ چىققان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، CGTN بۇ فىرانسۇز ژۇرنالىستنىڭ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتنى تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە قاتارلىق قوش ئۇنۋان بىلەن تامالىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، خىتايغا بۇ جەھەتتە ئېمبارگو قويغان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرگە قارشى تۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بېئائۇموند ئۆزىنىڭ يەتتە يىل ئىلگىرى خىتايغا كۆچكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدە تۇغقانلىرى بارلىقىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «لې موندې» بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە فىرانسىيەدە مۇخبىرلىق قىلغان ئاتالمىش لائۇرېن بېئائۇموند ئىسىملىك بىر مۇخبىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، پارىژغا جايلاشقان ھەرقانداق بىر خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاخبارات كەسپىي بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇشى شەرت ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپىنچە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى كەسپىي مۇخبىرلىق كومىتېتىغا تىزىمغا قالدۇرۇلغاندىن سىرت، بۇ ئورگان تارتقان مۇخبىرلىق كىنىشكىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك ئىكەن.
ئەمما، «لې موندې» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ CGTN خەۋەر قانىلىنى بېئائۇموندنىڭ پارىژدىكى بىر نەچچە ئاخبارات ئورگىنىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، فىرانسىيەدىكى رويخەت سىستېمىدا بۇنداق بىر مۇخبىرنىڭ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغانلىقى ئاشكارىلىغان.
«ئۇنىلاند» خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، بېئائۇموندنىڭ سۆز ئىلىتىش ئۇسلۇبىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنلىق ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۆزلەرگە دەرىجىدىن تاشقىرى ئوخشاش ئىكەن.
نەتىجىدە «لې موندې» گېزىتى يۇقىرىقى پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ ئاتالمىش فىرانسۇز ژۇرنالىست پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان ساختا مۇخبىر ئىكەن، دېگەن قارارغا كەلگەن.