مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن تور تەقىب سىستېمىسىنى خىتاي بويىچە ئومۇملاشتۇرماقتا
2024.04.16
يېقىندىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دوۋيىندا تارقاتقان قىسقا ۋىدىيولىرى ھەمدە چەت ئەللەردىكى خىتايلارنىڭ X قاتارلىقلاردا تارقاتقان ۋىدىيولۇق ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلىرىدىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مېترودا، ئاپتوبۇسلاردا تېلېفون تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۆيمۇئۆي كىرىپ، تام ئاتلاپ چەتئەل تورلىرىنى زىيارەت قىلغانلارنى تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
X تە تارقالغان بىر قانچە ۋىدىيودىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى جاسۇسلۇق يۇمتالىنى كىشىلەرنىڭ شەخسىي تېلېفونلىرى ۋە كومپيۇتېرلىرىغا مەجبۇرىي قاچىلىتىشقا كىرىشكەن.
Songpingang نامىدىكى بىرى ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا «خىتاي ئۆيمۇئۆي كىرىپ كۆپچىلىكنى ‹ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش› دېتالى ئورنىتىشقا قىستىماقتا. بۇ ئەپ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن چىراي تەسۋىرى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ خىتاينىڭ سىرتىدىكى بىرەيلەنگە تېلېفون قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى بايقىسا، دەرھال ساقچىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئەۋەتىدۇ. ئاندىن ساقچىلار سىزنى چاقىرىدۇ. ئەگەر سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ بارلىق بانكا ھېساباتىڭىزنى دەرھال توختىتىدۇ! » دەپ ئىنكاس قالدۇرغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ساقچىلىرى بۇنداق پەسكەش تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، مىلىچماللار دۇكىنىدا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە خىلاپلىق قىلدى ۋە ئۇلارنى ھۆكۈمەت جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتاللىرىنى ئورنىتىشقا قىستىدى. «بۇ خىل ‹ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش دېتالى› ئاممىۋى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش قورالىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» .
بۇنىڭ ئالدىدا رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمى 26-مارت كۈنى، جايلاردىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يولدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ تېلېفونىدىكى ئەپ دېتاللىرىنى ۋە تور زىيارەت خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ، تەھدىت ۋە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ۋە يەنە بەزى جايلاردا ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت يۇمتالىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە،
مۇبادا بىرى Tik-Tok، X قاتارلىق چەتئەل ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى قاچىلىماقچى بولسا ياكى تام ئاتلاپ چەتئەل تورلىرىغا چىقماقچى بولسا، «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى دەرھال ساقچىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدىكەن. ساقچىلار بىر دەمدە يېتىپ كېلىدىكەن. خىتايلارنىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بەرگەن ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق يۇمتالى ئارقىلىق ئابۇنىتلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىشىنىڭ خەتىرىگە بولغان ئەندىشىلىرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.
يېقىنقى كۈنلەردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ج خ تارماقلىرى ۋە بىڭتۈەن ساقچى تارماقلىرىمۇ دويىن سۇپىلىرىدا مەخسۇس ۋىدىيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، رايوندىكى تور ئابۇنىتلىرىنى تىكتوك، X يەنى بۇرۇنقى تىۋىتتېر، يۇتۇب، بىتكويىن قاتارلىق چەتئەل ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى قاچىلىماسلىقنى، قاچىلىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.
ئىلگىرىكى خەۋەر ۋە ئىنكاسلارغا كۆرە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2022-يىلى 28-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش پاجىئەسى سەۋەبىدىن قوزغالغان «ئاق قەغەز» نامايىشىدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، كوچىلاردا ۋە ئاممىۋى قاتناشلاردا تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەمدە كىشىلەرنىڭ يانفونىغا «ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ھۆكۈمەت جاسۇسلۇق يۇمتالىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشى «چەتئەل كۈچلىرى» نىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى.
كانادالىق ئانتروپولوگ، «تېررورلۇق كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلارنىڭ مۈلۈكسىزلەشتۈرۈلۈشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، كانادا سايمون فرېيزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى دەررېن بايلېر (Darren Byler) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل تور چەكلىمىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10يىللار بۇرۇنلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي مىللىتىگىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرلىنىۋاتقان بۇ خىل تام ئاتلاشنى چەكلەش يۇمتاللىرى، ئۇيغۇر دىيارىدا 2014-يىلىلا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىشلىتىلگەنىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا تام ئاتلىغانلارنى «ئاشقۇنلۇق» بىلەن جازالاشقا باشلىغان. خىتاي ئېلان قىلغان «ئاشقۇنلۇقنىڭ يەتمىش بەش خىل ئىپادىسى» نىڭ تىزىمىدىمۇ بۇ 68-ئورۇنغا تىزىلغان. بىز نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇ سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازالانغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي نۆۋەتتە VPN ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش قوراللارنى ئىشلىتىپ چەكلەنگەن تورلارغا چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە جازالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. دېمەك، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قوللىنىلغان بۇ خىل تەقىب ۋە جازالاش تەدبىرلىرى ھازىر پۈتۈن خىتايغا كېڭەيمەكتە. بۇ، ھازىر ئۇيغۇر ياكى باشقا مۇسۇلمانلار بولسۇن، خىتايدا ھەر قانداق كىشىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئۇچۇر خەۋەرلەرگە ئېرىشىشنىڭ يەنىمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ» .
پىروفېسسورى دەررېن بايلېر (Darren Byler) سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تور ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە، شۇنداقلا خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت ۋە كونتروللۇق سىستېمىسىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك، شەخسى مۇھىتىنىڭ بارغانچە تارلىشىشىغا بولغان نارازىلىقى ئاشماقتا. شۇڭا بۇنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ پۇقرالارنىڭ قوزغىلىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرى دەپ قارايمەن» .
ئەركىنلىك سارىيى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا، خىتاي داۋاملىق پۇقرالارنىڭ تور ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ئەڭ ئېغىر بوغۇۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا باھالىنىپ كەلمەكتە.
-2021 يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى جىنايى قىلمىشلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى ۋە ئۇنىڭ 11 تارماق ئورنىنى قۇرۇپ، مەخسۇس تور جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشقا باشلىغان. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇنلا، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ خىل تور تەقىب سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى. دەل شۇ سەۋەبتىن ھازىرمۇ مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە ئۇزۇن يىللىق كېسىلگەنلىكى قامالغانلىقى مەلۇم.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 9-ئايدا «تېلېگراف ۋە تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى رەسمىي يولغا قويۇپ، ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغان؛ تور ئابۇنىتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن قانۇن سىستېمىسىنى تور بىخەتەرلىكىگە ماسلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن. خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مىقياسىدا تور ئەركىنلىكىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇپ، تام ئاتلاشقا يەنىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، تېخنىكا سەمىمىيەت تۈرىنىڭ سىياسەت دىرېكتورى، ئالىي تەتقىقاتچى جېففىرىي كەيىن (Geoffrey Cain) ، خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان تەقىبلەش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى، دەسلەپتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تەجرىبە قىلىنغان بۇ خىل تەقىبلەش تەدبىرلىرىنىڭ، تېز سۈرئەتتە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا كېڭەيتىشىنىڭ خىتاينىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ سىناق مەيدانىغا ئايلانغانىدى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى قاتتىق كونترول قىلىشنى يولغا قويۇش، ئۆزىگە قارشى پىكىرلەرنى چەكلەش. ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئاھالىنى كونترول قىلىشنى ئىستەۋاتقانلىقى خىتاينىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى ھەمدە نېمىلەرنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. نىشانلىق ھالدا قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق قارشىلىق ئېڭىنى يوقىتىش ھازىر ئۇلار كەڭ قوللىنىدىغان بىر تۈرلۈك مېتود بولۇپ قالدى. سىستېمىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسى دېگەنلەر ھازىر ھەممىلا جايغا كېڭىيىۋاتىدۇ. بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاش، ھەممىنى كونترول قىلىش دېگەنلەر ماس قەدەمدە ئىشقا ئېشىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ بولسا دەل مۇشۇ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. »
جېففىرىي كەيىن (Geoffrey Cain) يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەقىب ۋە قاتتىق تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلەر، VPN ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا قىسمەن ھالدا پىكىر ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولالايتتى ياكى ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە ئېرىشەلەيتتى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەگەر سىز تام ئاتلىسىڭىز، خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە ئېغىر جازالىنىسىز، ھەتتا ئۇزۇن يىل تۈرمىدە يېتىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى يالغۇز چەتئەل تورلىرىغا چىققانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، جاسۇسلۇق قىلىش دېگەندەك ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ئارتىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. دېمەك خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىن ئۆزگىرىشى تەس. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەمدى خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشى تېخىمۇ مۇمكىنسىز بىر ھالەتكە كېلىدۇ.»