كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىقلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە قارا سايە تاشلىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.12.04
ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلىياتسىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر» خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناشقا تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلار. 2019-يىلى فېۋرال.
ts.cn

11-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ «دوۋيىن» ئاممىۋى تاراتقۇ سۇپىسىدا، «خوتەن شەھەرلىك ئاخبارات مەركىزى» نامىدىن بىر ۋىدىيولۇق خەۋەر تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا خوتەن شەھەر لاسكۇي بازار بوستان ئالدى كەنتىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2024-يىللىق «يېزا-كەنتلەر ئاممىۋى كەچلىكى» مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر يۈرۈشلۈك ۋىدىيولاردا، خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئاياللىرى كوللېكتىپ ھالدا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىدىن - «بەلدۇمباق ئۇسسۇلى»، «ياڭگېر ئۇسسۇلى» ۋە «يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى» ئويناشقا سېلىنغان.

«دوۋيىن» ئاممىۋى تاراتقۇ سۇپىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۆكتەبىردىن 2024-يىلى 3-ئايغىچە پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە «يېزا-كەنتلەر ئاممىۋى كەچلىكى» ناملىق يۈرۈش مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭدا خوتەندىكى يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى خىتايچە كىيىندۈرۈش، خىتايچە ئۇسسۇللارنى ئوينىتىش ياكى خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە دائىر تەشۋىقاتلارنى كەڭ قانات يايدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان.

رادىيومىزنىڭ كۆزىتىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى شەھەر، يېزا-بازار ۋە كەنتلىرىدە كەڭ-كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ تۈردىكى «يېزا-كەنتلەر ئاممىۋى كەچلىكى» پائالىيىتى توغرىسىدىكى ۋىدىيولار ھەر ھەپتىدە، ھەتتا ھەر كۈنى  دېگۈدەك  توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرغان.

دەرۋەقە،  خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق تەقىب سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، خىتايلارنىڭ چاغان، پانۇس بايرىمى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، تاڭزۇڭزا بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا بارغانسېرى كۈنسايىن ئومۇملىشىشقا يۈزلەنمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسى زىچراق جايلاشقان جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى چەكتىن ئاشقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى جىددىي شەكىلدە داۋاملاشماقتا. نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا قارىتا كۈچلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا.

«خىتاينىڭ  ئەسلى مەقسىتى ئۆزىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق كۈچلەرنى يوقىتىشتۇر.»

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق ئىنكاسلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بەلگىلىك بېسىم ھېس قىلدۇردى.  ئەمما ئومۇمىي سىياسەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق  بىر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردە خىتايچىلاشتۇرۇشنى  داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. يەنى ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. خىتاينىڭ بۇ خىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغان بىر سىياسەتتۇر. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادى ئارقىلىق خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى نامايان قىلىپ كەلگەن خەلقلەردۇر. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزىگە  تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان  ھەرقانداق بىر كۈچنى يوقىتىشتۇر.»

خوتەن شەھەر لاسكۇي بازار بوستان ئالدى كەنتىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2024-يىللىق «يېزا-كەنتلەر ئاممىۋى كەچلىكى» مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 26-نويابىر، خوتەن
خوتەن شەھەر لاسكۇي بازار بوستان ئالدى كەنتىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2024-يىللىق «يېزا-كەنتلەر ئاممىۋى كەچلىكى» مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى كۆرۈنۈشى. 26-نويابىر، خوتەن

«دوۋيىن» ئاممىۋى تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش «يېزا-كەنتلەر ئاممىۋى كەچلىكى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە، ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان نومۇرلار، بولۇپمۇ ئاممىۋى مەيدان ئۇسسۇلى، خور ئېيتىش، پانۇس بايرىمى ۋە چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇندالماقتا ئىكەن.

«دۇنيانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى چۈشىنىشى يېتەرلىك ئەمەس»

«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېزا-كەنتلەر ئاممىۋى كەچلىكى» پائالىيىتىگە ئوخشاش بىر قاتار  تەشۋىقاتلىرىنىڭ  پەقەتلا  ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش  سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، ئۇ بىر تەرەپتىن قاتتىق زوراۋانلىق كۈچىنى قوللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قاتتىق قول زوراۋانلىقى بولسا، بىز ھازىرغىچە بىلىپ تۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن سىياسىتىدۇر. خىتاي بۇ خىل زوراۋانلىق ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى قىينىدى ۋە خورلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي نۆۋەتتە يەنە ئۆزىنىڭ يۇمشاق زوراۋانلىقىنىمۇ  ئىشقا سالماقتا. بۇ يەردىكى يۇمشاق زوراۋانلىق دېگىنىمىز دەل، خىتاي ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش› دەۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. مەن، دۇنيانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى چۈشىنىشى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارايمەن. چۈنكى پۈتكۈل غەرب دۆلەتلىرى ياكى دۇنيادىكى ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۆرەلەيدىغىنى پەقەتلا خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى يۇمشاق ئىپادىسىدۇر. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان رايونلاردىكى خەلقلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى، بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىغىچە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان  زوراۋانلىقلىرىنى سىرتتىن كۆرەلمەيدۇ ھەم ھېس قىلالمايدۇ.»

«خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى چەكلەيدىغان تەدبىر قوللىنىشى كېرەك»

تېڭ بىياۋ ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردا ھار خىل ئۇسۇللاردىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېرىتىپ تۈگىتىش ۋە تولۇق كونترول قىلىشنى نىشان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزدە، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تولۇق ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ماۋ دەۋرىدىن باشلاپلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتايدىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تۈس ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تېخىمۇ ئېغىر ۋە قەبىھ بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەبەدىيلىك كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقىنىڭ دىنى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىك قارىشى قاتارلىقلار خىتايلار بىلەن بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغاندا، ئاندىن ئۇلارغا بولغان تەھدىت ئاساسەن تۈگىشى مۇمكىن. مانا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى ئەڭ تىپىك چىقىش نۇقتىسىدۇر.  خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى يەنە بىر چىقىش نۇقتىسى، تامامەن خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدۇر. يەنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىدۇر. خىتاي ئەزەلدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا بۇ خىلدىكى ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر خىل زوراۋانلىقلارنى قوللىنىپ كەلگەن.»

تېڭ بىياۋ ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشىنى؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل جىنايى قىلمىشلىرىنى چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈشى كېرەكلىكىنى؛ شۇنداقلا يەنە ھازىر مەۋجۇت بولغان قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىكەن، بۇ خىل سىياسەتلەر ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، شى جىنپىڭ يوقالغان تەقدىردىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت تۈزۈمى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشى تەس. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىمۇ تەس. شۇڭا ئالدى بىلەن مەيلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقى بولسۇن ياكى خىتايلار  بولسۇن، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرىنى ئويلىشىشى كېرەك. چۈنكى خىتاي دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن سىستېمىسىغا ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي شارائىتى ھازىرلىنىدۇ.»

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەت قاراشلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش خەۋپى بار»

شېڭ شۆ خانىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزدە، دۇنيانىڭ خىتاي  كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ۋەھشىيلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم كۆزىنى يوغان ئېچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بىر زوراۋان كوممۇنىست ھاكىمىيەت بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى ئورتاقلىشىۋاتقان بارلىق قىممەت قاراشلارنى تۈپتىن يوقىتىشنى خالايدىغان بىر سىستېما ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:

«ھازىرقى بۇ ۋەزىيەت پەقەتلا ئۇيغۇرلارغىلا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر ۋەزىيەت ئەمەس. بۇ ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. شۇڭا مەن بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. ھېچكىم ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى ۋە بۇ  قەبىھ قىلمىشلارنى  ئۆزىدىن يىراق دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ئومۇمىي ئىجتىمائىي مۇھىتنى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش خەۋپى بار، دەپ قارايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.