خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: «شىنجاڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى خىتايدىن ھېساب ئېلىش سىگنالى بولۇشى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە كومىسسارى مىشېل باچېلىت ئىشخانىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ يەكۈن چىقارغانىدى. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ بىر يىل ئۆتكەندە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇنى توختىتىشقا جىددىي ھەرىكەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان «ب د ت نىڭ ئەيىبلەش خاراكتېرلىك شىنجاڭ دوكلاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى خىتايغا ھەرىكەت قوللىنىش سىگنالى بېرىشى كېرەك» ناملىق ئاخباراتىدا، ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان بىلەن ئۇ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش قىلمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى چوقۇم خىتايدىن ھېساب سورىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سارا بروكس (Sara Brooks) مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا جىددىي ھەرىكەت قوللانمىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ھەق-ئادالەتنى ياقلاش، ھەق-ناھەقنى ئايرىش ۋە تۆلەم تۆلىتىش ئۈچۈن زۆرۈر ۋە كەسكىن تەدبىر ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى» .

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ 31-ئاۋغۇست كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغىلى 1 يىل بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىدا ھېچقانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىتاينىڭ ئاغزىغا قارايدىغان تەشكىلات بولۇشتىن قۇتۇلدۇرمىغىچە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىش جەھەتتە تېگىشلىك رول ئوينىيالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان خىتاينىڭ تەسىرى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بارغانچە كۈچىيىپ كەتتى. بۇنداق كۈچلۈك ھۆكۈمەتتىن ھېساب سوراش مۈشكۈل. شۇڭا كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېغىر جىنايىتىدىن ھېساب سوراشنى جىددىي مەسىلە دەپ ئويلىمىدى. بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسەن سودا-ئىقتىسادقا مەركەزلەشكەن. مەنچە، بۈگۈنكى خىتايدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى دىپلوماتىيەدە يەنىلا تېگىشلىك ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ» .

2022-يىل 10-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش قارارىنى ئاۋازغا قويغاندا، خىتايغا يان باسىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ چىقىشى بىلەن بۇ قارار رەت قىلىنغانىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا، سارا بروكس يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ بۇ بىر يىللىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئارقىلىق مۇستەقىل بىر خەلقئارا ئۆمەك قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى خەلقئارا جىنايەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى جىددىي تەكشۈرۈشى كېرەك. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن ياكى قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇ ئىشتا خىتاي بىلەن مۇرەسسەلىشىش ياكى ئارقىغا سۆرەش ئەمەس، خىتايدىن جاۋاب ئېلىشقا ۋە ھېساب سوراشقا ھەقلىق بولۇشى كېرەك» .

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن مايا ۋاڭ خانىم خىتاينىڭ جىنايىتىدىن ھېساب سوراش جەھەتتە ب د ت بىلەن يەنىلا ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايغا يان باسىدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ توغرا ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز يېقىندا ئېلان قىلغان ئاخباراتتا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كىشىلىكى ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىدىكى يېڭى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇلارغا مەلۇم قىلىشقا چاقىردۇق. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدىن ھېساب سوراشقا دائىر پىلان ۋە تەكلىپىمىزنى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. شۇڭا دەيمەنكى، بۇ يەردە قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ» .

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن لويىزا گىرىۋا خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گەرچە ئاستا، ئۈنۈمسىز ئىش قىلسىمۇ، خەلقئارادا تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى داۋاملىق مۇزاكىرىگە قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق، بەك ئۇزۇن ساقلاپ كېتىمىز. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەپتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھەتچىلىكى» دېگەن ماۋزۇدا يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان خەلقئارا ساياھەتچىلىكنى ئەيىبلىدى. خىتايدىن مەنپەئەت ئالغان ياكى خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خاتىرىلىنىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قىلغان زۇلۇمىدىن غەزەپلىنىدىغان دۆلەتلەر كېلەر قېتىم جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ب د ت نىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قايتا بېلەت تاشلاپ، يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ» .

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتايغا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان بولۇپ، بۇلار: خىتاينىڭ ئۇيغۇر باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش؛ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش؛ خەلقئارا جەمئىيەتنى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش؛ ئۇيغۇر رايونىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەركەزلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەشەببۇس قىلىش؛ خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە دوكلات قىلىش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن قەرەللىك مەلۇمات بېرىش قاتارلىقلار ئىكەن.