خىتاي نېمە ئۈچۈن خوڭكوڭدىكى قارشىلىقلارنى دەرھال تىنجىتالمايدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ساقچىلارنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، رېزىنكە ئوقلارنى ئاتقان ۋە تۇتقۇن قىلغان. 2019-يىلى 13-ئاۋغۇست.
ساقچىلارنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، رېزىنكە ئوقلارنى ئاتقان ۋە تۇتقۇن قىلغان. 2019-يىلى 13-ئاۋغۇست.
AP

خەلقئارادىكى ئانالىزچىلار ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرسا، خىتاينىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 10-ئايدىكى راي سىناشتا خوڭكوڭ ئاھالىسىنىڭ ھەر يەتتىدىن تۆتى «خوڭكوڭ تارىخىدىكى ئەڭ لاياقەتسىز رەھبەر» دەپ باھالىغان، ئۈچتىن ئىككى ئادەم نۆل نومۇر بەرگەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باشلىقى لىن جېڭيۆ 4-نويابىر شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «2-نۆۋەتلىك ئىمپورت-ئېكىسپورت يەرمەنكىسى» جەريانىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن. بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا خوڭكوڭدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى باش كۆتەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي رەئىسى بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈپ، خوڭكوڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سۆھبەتتە شى جىنپىڭ لىن جېڭيۆ رەھبەرلىكىدىكى خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ خوڭكوڭنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە لىن جېڭيۆنى قوللايدىغانلىقىنى، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە، خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنجىتىشتا قەتئىي بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. 

ئەمما خوڭكوڭدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇ جىۋېينىڭ 7-نويابىر «ئالما گېزىتى» گە بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا خوڭكوڭ ھەققىدە بىرەر قارارنىڭ ئېلىنغانلىقى ياكى مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، «ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى باشقۇرۇش ئۇسلۇبىنى خوڭكوڭغا ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلسە، خەلقنىڭ تەلەپ-ئىستەكلىرىنى قوپاللىق بىلەن باستۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىسە، ئۇ ھالدا ‹بۈگۈنكى شىنجاڭ، ئەتىكى خوڭكوڭ› دېگەن گەپ قۇرۇق نەزەرىيە ئەمەس، بەلكى رېياللىق» بولۇپ قالىدىكەن. 

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى، شىۋېتسارىيەدە چىقىدىغان «يېڭى زۇرىخلىقلار» گېزىتى قاتارلىقلىقلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خوڭكوڭغا ئائىت پىكىرلەرگە ئاساسەن ئېلان قىلغان «خوڭكوڭ مەسىلىسى خىتاي ئۈچۈن بىر توزاقمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا بايان قىلىشىچە، غەرب ئانالىزچىلىرى نۆۋەتتە خوڭكوڭدىكى قارشىلىقنىڭ قانداق شەكىلدە تىنجىشى ياكى قانداق شەكىلدە باستۇرۇلۇش مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە ئىكەن. 

ماقالىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئانالىزچىلار خوڭكوڭدىكى قارشىلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 5 ئايدىن ئاشقان ۋە يەنە ئۇزۇن بىر مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت تۈسى بارغانسىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ بۇزۇپ-چېقىش، ئوت قويۇش، ئادەم ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ھادىسىلىرى كۈنسېرى ئەۋىج ئېلىۋاتقان تۇرۇغلۇق «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قارشىلىقلارنى تىنجىتالمايدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئوخشىمايدىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

ماقالىغا كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئېغىر قالايمىقانچىلىقلارنى ئەسكەر چىقىرىپ تىنجىتالماسلىقىنىڭ ھەر تۈرلىك رېيالنى سەۋەبلىرى بار ئىكەن. بۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن. 

بىرىنچىسى، 1997-يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاي-ئەڭىلىيە ئورتاق باياناتى» دا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، 2048-يىلىغىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ باياناتنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپلىمە بىكار قىلىۋېتىشى ئەنگىلەيە ۋە خوڭكوڭغا مەبلەغ سالغان غەرب كارخانىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدىكەن. ئەگەر خىتاي خوڭكوڭدىكى قارشىلىقنى قوراللىق باستۇرسا، بۇ باياناتنى ئىنكار قىلغان بىلەن باراۋەر بولىدىكەن. نەتىجىدە، خۇددى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا قارىتا قورال-ياراق ۋە يۇقىرى تېخنىكا ئىمبارگوسىنى يولغا قويغانغا ئوخشاش، ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ خىتايغا يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىگە يول ئېچىپ بېرىدىكەن. بۇ خىتايغا نىسپەتەن «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق» بىلەن باراۋەر ھېسابلىنىدىكەن. ئىلگىرى «خوڭكوڭدىكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىدا غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر بار» دەپ ئېلان قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ «توزاق» قا چۈشمەسلىك ئۈچۈن «سەبىر» قىلماقتا ئىكەن.

ئىككىنچىسى، ئاسىيانىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان خوڭكوڭ خىتاينىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە دۇنياغا كېڭىيىشىنىڭ دەرۋازىسى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى خىتاي پۇلىنى دۇنياۋىي پۇللار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر چاغدا مۇبادا خوڭكوڭ خەلقىنى قوراللىق باستۇرۇشقا جۈرەت قىلسا، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ سىڭاپورغا يۆتكىلىپ كېتىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن بولىدىكەن. نەتىجىدە دۇنياۋىي چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشىنى كۆرىۋاتقان خىتاي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىدىكەن. ئەنگىلىيەنىڭ 150 يىلدىن ئارتۇق مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرغان سىڭاپور خوڭكوڭغا قارىغاندا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك كاپالەتكە ئىگە تىنچ بىر ماكان ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي بۇ «توزاق» قىمۇ چۈشۈشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن خوڭكوڭلۇقلارنى قوراللىق باستۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي كەلمەكتە ئىكەن. 

ئۈچىنچىسى، خوڭكوڭنى خوڭكوڭ قىلىۋاتقىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان كارخانىلارنىڭ مەبلىغى بولۇپ، ئۇلار خوڭكوڭ ئىقتىسادىغا ناھايىتى زور مىقتاردا دەسمايە سالغان. ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقىگە قارىتا قوراللىق مۇداخىلە ئېلىپ بارسا، بۇ دۆلەتلەر خوڭكوڭدىكى، ھەتتا خىتايدىكى مەبلەغلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە، بەلكى ھىندىستانغا يۆتكەيدىكەن. بۇ ھال خوڭكوڭدىكى ئىقتىسادنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە سىرتقا ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خوڭكوڭدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى تېخى بۇ سەۋىيىگە يەتمىگەن. غەرب ئەللىرى مەبلەغلىرىنى يۆتكەش-يۆتكىمەسلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىش ئىچىدا تۇرماقتىكەن. گېرمانىيە سودا گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى ۋولفگاڭ نىدەرمارك «گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتىنىڭمۇ چېكى بار» دېگەنگە ئوخشاش، خوڭكوڭغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەر خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى سەبىر-تاقەت بىلەن كۈتمەكتە ئىكەن. 

تۆتىنچىسى، خوڭكوڭدىكى قارشىلىقلارنىڭ ئوت پىلتىسى خىتاينىڭ بۇ رايوننىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مۇھىتىغا قىلغان دەخلى-تەرۇزلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولۇش چۈشىنى كۆرىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ئەگەر خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىك سادالىرىنى قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن تۇنجۇقتۇرماقچى بولسا، يەنى خوڭكوڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ «2-تيەنئەنمېن قىرغىچىلىقى» نى پەيدا قىلسا، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالىدىكەن ۋە بۇ شىرىن چۈشى ئاسانلا سۇغا چېلىشىدىكەن. خىتاي دۇنيادا يېتىم دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1997-يىلى خوڭكوڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن قانچە مىڭلىغان خىتاي بايلىرى خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاستىرتتىن قوللاۋاتقان بولۇپ، مۇبادا خىتاي خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر يولنى تۇتمىسا، بۇ كۈچلەرنىڭ تۈرتكىسىدە خوڭكوڭدا تىنچلىق ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئەمەلگە ئاشمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت