خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيىسبوك، تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە كەڭ تارقاتقان جېسىكا ئىنگىخام خانىم خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى.

جېسىكا ئىنگىخام خانىم بۈگۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان نېمە ئۈچۈن خوڭكوڭدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە ئىككى ئايدىن بۇيان خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ، خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشنىڭ يەنىلا داۋاملىشىشىنىڭ سەۋەبى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن جېسىكا خانىم، ئاۋۋال ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىنى ئۆزى بىر سەپتىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىدىن رېۋ لاۋچيۇڭ(يەنى جىن جىشىيۇڭ) ئەپەندى قاتارلىقلار قوزغىغان بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جېسىكا خانىم مۇنداق دېدى: «‹شىنجاڭنى ساقلاپ قالايلى› نامىدىكى ھەرىكەتنى قوزغىغۇچىلار ئەسلى مەن بىلەن بىر سەپتىكى دوستلىرىم دېسەممۇ بولىدۇ. مەن پەقەت مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتىم ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈم. بۇ يىللاردا بىز خوڭكوڭدىكى دوستلار بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. دوستلىرىمىز قوزغىغان بۇ ھەرىكەت ئەمەلىيەتتە ئۆزلۈكىدىن قوزغالغان ھەرىكەت دېيىشكە بولىدۇ. ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› ھەققىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ئەھۋال كۆپچىلىكنى چۆچۈتتى. چۈنكى، بۇ مەسىلە مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسى بولماي قالغانىدى. بۇ مەسىلە يەنە مەلۇم بىر مۇسۇلمان توپلۇقىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئىدى. بۇنداق مەسىلە قەيەردە يۈز بەرمىسۇن ئىنسانىيلىقى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ھەتتا توسۇپ قېلىشى كېرەك بولغان مەسىلە دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا مەن ۋە ‹شىنجاڭنى ساقلاپ قالايلى› ھەرىكىتىگە قاتناشقان دوستلىرىمنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشى مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان دېيىشكە بولىدۇ».

جېسىكا خانىم ئۇنىڭدىن سورالغان: «سىزنىڭچە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن خەلقلىرى ھازىر ئوخشاش بىر قىسمەتكە يۈزلىنىۋاتقانلار دېيىشكە بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ قارىشىمچە، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇيغۇر دوستلار ۋە خوڭكوڭلۇق قېرىنداشلارلا ئەمەس، بەلكى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى تىبەت ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار ۋە چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي دوستلار بولسۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، چەتكە قېقىلىۋاتقان خەلقلەر بولسۇن ھەممىسىلا ھازىر ئوخشاشلا زالىم مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. دۇنيادىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقنى ئېزىۋاتىدۇ. بۇلار ھازىر مەدەنىيەت توقۇنۇشى، دىنىي توقۇنۇش دېگەن ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلىنىۋاتىدۇ، ئەمما مېنىڭچە بۇ خىل ئېزىش ۋە زۇلۇمنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا، يەنى ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مەقسىتىگە يېتىش. ھەتتا ئافرىقىدا ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقانلارمۇ بۇ زېمىندىكى بايلىق سەۋەبىدىن دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا مەن ھازىر ئۇيغۇرلار رايونى، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىكى خەقلەر ئوخشاش بىر قىسمەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا ئەلۋەتتە ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن.»

جېسىكا خانىمدىن: «ھازىر خوڭكوڭنى قوغداش نامىدا نارازىلىق نامايىشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ سىزنىڭچە خوڭكوڭلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە ئوخشاش قىسمەتكە يولۇقۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ھالەتتە دېيىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇنداق ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ‹قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى› خوڭكوڭدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىدە پەقەت بىر ئوت پىلتىسى بولۇشتەك رولنىلا ئوينىدى. بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى يەنە 20 يىلدىن كېيىن ئەگەر خوڭكوڭدا 50 يىلغىچە بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى مۆھلەت توشقاندا، ئۇ چاغدا بىز يەنى خوڭكوڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ بىر قىسمىغا سىڭىپ كېتىمىزمۇ؟ دېگەن مەسىلە. ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭ بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتى شىنجاڭ دەپ ئاتالغان بۇ رايون بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش ئەھۋالدا.»

جېسىكا خانىم يەنە ئۆز سۆزىگە ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەمىلى يەتتە ھازىر خوڭكوڭدا زور بىر تۈركۈم كىشىلەر شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى كۆرۈپ بەكلا قورقۇۋاتىدۇ، ئۇلار خوڭكوڭدىمۇ بۇ ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. شۇڭا مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى مەيلى خىتاي بىلەن شىنجاڭنىڭ مەسىلىسى بولسۇن، ياكى خوڭكوڭ بىلەن خىتاينىڭ مەسىلىسى بولسۇن، بىزگە ئوخشاش چەتلەشتۈرۈلگەن خەلقلەرنىڭ خىتايدىن پەرقلىنىدىغان قىممەت قارىشىمىز، مەدەنىيەت قارىشىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز دېگەنلەردە زور پەرقلەر مەۋجۇت. ھازىر 50 يىلغىچە بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن مۆھلەتكە يەنە 20 يىللا قالدى. بۇ دېگەنلىك ۋاقتى كەلگەندە بىز خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆزىمىزگە خاس قىممەت قارىشىمىز ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ مانا بۇ مەسىلە خوڭكوڭدىكى ياش ئەۋلادلارنى ئىنتايىن قورقۇتۇۋاتقان ئەھۋال. ھازىر خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ‹ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش› دەپ تەرىپلىنىشىدىكى سەۋەبمۇ مۇشۇ يەردە. شۇڭا خوڭكوڭدا ئالىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، كۈرەشنى توختاتماسلىق تەشەببۇسىنىڭ تەكىتلىنىشىدىكى سەۋەبمۇ مۇشۇ يەردە».

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن، خىتاي مەسىلىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى جېسسىكا خانىمغا ئوخشاش بىر تۈركۈم خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشىسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ھازىر بىر تۈركۈم خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەتتا ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشى ئىتتىپاقلاشقان بىر كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم ئاستىدىكى دۆلەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش ئارزۇسىغا يېتىشنى مەقسەت قىلغان.