خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.07.01
خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىگە ھۆرمەت قىلىشنى، يەنى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەنگلىيەدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا خىتاي بايرىقىنى چىقىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 1997-يىلى 1-ئىيۇل، خوڭكوڭ.
AP

1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىگە توپ-توغرا 25 يىل تولغان كۈن. 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىگە ھۆرمەت قىلىشنى، يەنى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەنگىلىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا ۋە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىف مېركىلىي ئەپەندى (Jeff Merkley) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن (James McGovern) ئىككەيلەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«1997-يىلىدىكى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2047-يىلغىچە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بەرگەن، ئەمما خىتاي بۇ ۋەدىسىگە تەكرار-تەكرار خىلاپلىق قىلدى. ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىنى يولغا قويدى، خوڭكوڭدىكى سايلام تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، پەقەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە سادىق بولغانلارنىڭلا خوڭكونىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتىگە چىقالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى. ئۇ يەنە ‹ئالما گېزىتى› ۋە ‹ستاند خەۋەرلىرى› قاتارلىق ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن دەس تۇرۇپ كەلگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى مەجبۇرىي تاقىدى.»

يوقىرىقى ئىككى پالاتا ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ قوشما باياناتىدا 2019-يىلىدىن باشلاپ خوڭكوڭدا مەيدانغا كەلگەن كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش نامايىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېگەن:

«2019-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ كەم دېگەندە 10 مىڭ 500 خوڭكوڭلۇق ‹سىياسىي جىنايەت› بىلەن قارىلانغان ۋە ‹نامايىشقا چېتىشلىق› دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە، كەم دېگەندە 113 شەخس دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن جازالىنىش، مۇۋاپىق بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن سوتلىنىش ۋە ھەتتا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئېلىپ كېتىلىش خەۋپىدە تۇرماقتا. خىتاي 2022-يىلى 1-ئايغىچە، كەم دېگەندە 65 ئاممىۋى تەشكىلات خىتاينىڭ ‹دۆلەت خەۋپسزىلىكى قانۇنى» بويىچە ئەيىبلىنىشتىن ئەنسىرەپ، خوڭكوڭدىكى ئىشخانىلىرىنى تاقىدى ياكى خوڭكوڭدىن ئايرىلدى. بۇ يۈزلىنىش 2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تېخىمۇ تېزلەشتى.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە ۋەدە قىلىپ قانداق ئالدامچىلىق قىلغان بولسا، خوڭكوڭنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خوڭكوڭدا خىتاينىڭ ئالدامچىلىق تارىخى يەنە تەكرارلاندى. خىتاي كومپارتىيەسى 1947-يىلى ئالدى بىلەن جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە، 1955-يىلى ئۇيغۇرلارغا، ئاندىن تىبەتلەرگە ئاتالمىش مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ئاپتونومىيەنىڭ قۇرۇق ئاپتونومىيە ئىكەنلىكى بىرىنچى كۈنىدىن ئىتىبارەن نامايەن بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىمۇ ئاشۇنداق بىر ۋەدە بىلەن ئالغان ئىدى. دۇنيا خىتاينى ئۆزگىرىدۇ، 50 يىلدىن كېيىن خىتايمۇ خوڭكوڭدەك دېموكراتىيەلىشىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئەكسىچە، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دېموكراتىيەلەشمىدى، ھالبۇكى، خوڭكوڭ بارغانسېرى خىتايغا ئوخشاپ قالدى. دۇنيا يەنە بىر قېتىم خىتايغا ئالداندى.»

دەرۋەقە، دۇنيا جامائەتچىلىكى يېقىنقى يىللاردا خوڭكوڭلۇقلارنىڭمۇ خۇددى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە شۇنىڭدەك باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئوخشاشلا تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىغا، «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى تەھدىت قىلىش» دېگەندەك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن كېسىلگەنلىكىگە ھەمدە ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان بىر قىسىم خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارىمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىرى باياناتىدا، ئەينى ۋاقىتتا خوڭكوڭنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر شەھەرگە ئايلىنىشىدىكى سەۋەبنىڭ دەل ئۇنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خوڭكوڭ ئۈچۈن دېموكراتىيەنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار مۇنداق دېگەن: «خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىگە 25 يىل توشقان بۇ كۈندە، بىز خوڭكوڭنى دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە پۇقراۋى جەمئىيەت سېستىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. خوڭكوڭدىكى گۈللىنىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسى ئەسلىدە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك ‹ئاساسىي قانۇن› ۋە ‹خىتاي-ئەنگىلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى› دە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا زىچ باغلانغان ئىدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شەرتنامە ۋە باشقا خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەردىكى ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئۇلار باياناتىدا يەنە خوڭكوڭ ۋالىيسى جون لىنىڭ سىياسىي باستۇرۇشلارنى دەرھال ئاياقلاشتۇرۇشىنى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە سوت سىستېمىسىنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، دېموكراتىيەنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تىركىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ياكى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى يوقىتىش ھەرىكىتى بولسۇن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن نورمال ئالاقىنى داۋام قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇنىڭ تىبەت ۋە موڭغۇللارغا قاراتقان زۇلۇمى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئەمدى ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلسا بولمايدۇ. بۇنىڭغا چوقۇم كەسكىن ۋە بىر تۇتاش تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. دۇنيا ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن نورمال ئالاقىنى داۋام قىلماسلىقى كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىف مېركىلىي ئەپەندى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن ئىككەيلەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بىز خوڭكوڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى داۋاملىق ئاشكارا تەلەپ قىلىمىز. بىز خوڭكوڭنىڭ ۋەدە قىلىنغان كىشىلىك ھەق-ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ئەمەلدارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىمىز. شۇنداقلا باشقا ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.»

بۈگۈن، يەنى 1-ئىيۇل كۈنى يەنە ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ (NSC) مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خەلقئارا مەجبۇرىيەتلەر بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋالىيسى ۋە باشقا رەھبەرلەرنى خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.