10-ئاپرېل خوڭكوڭدا «خوڭكوڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان.
باش شتابى ئەنگلىيەدىكى «خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ خادىمى جوئېي سىيۇنىڭ تۋىتتېر ئۇچرىغان قارىغاندا مەزكۇر گۇرۇپپا، «خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دىققىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملىرىغا تارتىش» مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
تەشكىلاتنىڭ فەيسبۇك بېتىگە قارىغاندا، تەشكىلات قۇرۇلۇپ بىر كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلى پاختىلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خوڭكوڭ ئىشخانىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جونسون يېۇڭ بۇ ھەقتىكى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا بۇ تەشكىلات باشلىغان ئۇيغۇر رايونى تاختىلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن.
ئۇ مۇنداق يازغان: «خوڭكوڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ پاختىلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى ۋە مودا كىيىم ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولغۇچىلارنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەل قارىماسلىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا ھەسسە قوشماسلىقىمىز لازىم.»
ئۇ يەنە «زارا» قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنى بۇ مەسىلىدە مەۋقەسىنى بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە، پارىژ شەھەرلىك ئەدلىيە تارماقلىرى «زارا»، «ئۇنىكلو» ۋە «ساندرو» قاتارلىق شىركەتلەر ئۈستىدىن سۇنۇلغان شىكايەتكە قاراپ چىقىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ يىغىۋېلىنغان پاختىلارنى ئىشلىتىش قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئىكەن.
«ئۇنىكلو» شىركىتى ئالدىنقى كۈندىكى باياناتىدا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باشقا داڭلىق ماركىلار تېخى بۇ ھەقتە ئۆز مەۋقەسىنى ئىپادىلىمىگەن ئىدى.