ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خوڭكوڭغا مەدەت تىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.03
xongkong-qollash-paaliyettin-korunush.jpg ئۇيغۇرلار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 2019-يىلى 2-سېنتەبىر.
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ دۆلەتلىك بايراملىرىنىڭ بىرى بولغان «ئەمگەكچىلەر بايرىمى» كۈنى، يەنى 2-سېنتەبىر چۈشكە يېقىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى سىمۋوللۇق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بولغان «ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارى» ئەتراپىغا بىر توپ ياشلار بىر-بىرلەپ يىغىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۈگۈنكى يىغىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن كىيىپ كەلگەن بادام دوپپا ۋە ئەتلەس كۆڭلەكلەر بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، يول بويىغا قاتار تىزىلغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەر رامكىسى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى قوللاش چاقىرىقلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ جايغا ساياھەت ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.

بايرام بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ مۇنار ئەتراپىدا ساياھەتچىلەر پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىدى. چۈشكە يېقىن بۇ جايغا توپلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرنەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئۆتكەن كەچكەنلەرنى «ئۇيغۇرلار خوڭكوڭ بىلەن بىللە» تېمىسىدىكى ئىمزا قويۇش تاختىسىغا ئىمزا قويۇشقا چاقىرىشقا باشلىدى. كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى دەرھاللا رازىمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان رەڭلىك خاتىرە ۋاراقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللاش ئارزۇلىرىنى قىسقا ئىبارىلەر بىلەن يېزىپ ئىمزا تاختىسىغا چاپلىسا، يەنە بەزىلىرى خوڭكوڭدا نېمە ئىشنىڭ بولغانلىقىنى سورايتتى. ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ساختىپەزلىكى تۈپەيلىدىن خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ۋەدىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقى، بۇ ھالنىڭ خۇددى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ۋەدىسى بېرىلگەندەك بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق بولغانلىقى، بۇ ئالدامچىلىق سەۋەبىدىن ھازىر نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى چۈشەندۈرگەچ يول بويىغا تىزىپ قويۇلغان لاگېرلار ھەققىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرىنى كۆرسىتەتتى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تومارىس ئالماسنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى بولغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىرادە قەشقەرى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىمىغانلىقىنى، ئەكسىچە خوڭكوڭدىكى ۋەزىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك پۈتكۈل مىللەت ماتەمدار بولۇش ۋەزىيىتىنى «خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت ئورتاق دۈشمەن پەيدا قىلغان» دەپ قارىغانلىقتىن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارى» پايتەختتىكى ئەڭ سىمۋوللۇق ئورۇنلاردىن بىرى بولغانلىقى، شۇنداقلا ئاق ساراينىڭ ئۇدۇلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە كۆپ ئادەم بىراقلا توپلىنىۋېلىشقا، شۇنداقلا ئۈنلۈك شوئار توۋلاشقا بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر ياشلار تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ ئۆتكەن كەچكەنلەرنى ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلاتتى. چۈش بولغاندا ئىمزا تاختىسى ئاللىقاچان يۈزلىگەن ئىمزالار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

ياشلارنى قوللاش ئۈچۈن بۇ جايغا كەلگەنلەردىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ياشلارنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا ۋارىس بولغۇچى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە داۋام قىلدى. پائالىيەتتە ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاچان مۈشكۈلاتتا قالغانلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغان ۋە ھەققانىيەتنى كۆكرەك كېرىپ ھىمايە قىلىدىغان ئالىيجاناب خىسلىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كانادا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەت تىلەش نامايىشى بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.