مۇتەخەسسىسلەر خەلقئارا جامائەتنى خوتەندە ئىشلەنگەن چاچ مەھسۇلاتلىرىدىن پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.05.15
yalghan-chach-wigs-China-1.jpg كورونا ۋىرۇسىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ماسكا تاقىۋالغان دۇكان ئىگىسى يالغان چاچ سېتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 31-يانۋار، خوڭكوڭ.
AP

خىتاي ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەنلىكى ئارقا-ئارقىدىن پاش بولۇشى ۋە ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىشى بىلەن، ئامېرىكادا خىتاي ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن ئاگاھ بولۇش كەيپىياتى يەنىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. ھالبۇكى خىتاي بۇ قانۇنسىز ماللىرىنى يەنىلا باشقا دۆلەتلەرگە داۋاملىق ئېكسپورت قىلماقتا. خىتاينىڭ قانۇنىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر بولسا ئۇيغۇر دىيارىدا چاچتىن ئىشلەنگەن بۇ بۇيۇملارنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېرغا باغلانغان پەخەس بولۇشقا تېگىشلىك مەسىلە دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

گۈلچېھرە بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەلۇماتلىرىنىڭ داۋامىنى يەتكۈزىدۇ.

خوتەن خاۋلىن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قوللانغانلىقى پاش بولۇپ بۇ ئايدىن باشلاپ ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەنىدى. لوپتا ئىككى يىلدا، ئادەم چېچىنى خام ئەشيا قىلىدىغان خاۋلىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 24 خىتاي-زاۋۇت كارخانىلىرى بىر سانائەت باغچىسى شەكىللەندۈرگەن. بۇ زاۋۇتلاردا 4 مىڭچە ئۇيغۇرلار ئىشلىمەكتە.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى چاچلارنىڭ خام ئەشيا مەنبەسىگە دائىر ئۇچۇرلارغا پۇختا توسقۇنلۇق ياراتقان بولسىمۇ، لاگېر شاھىتلىرى ۋە چاچ سودىگەرلىرى تەمىنلىگەن بەزى يىپ ئۇچلىرى، لوپتا ئىشلىنىۋاتقان چاچ بۇيۇملىرىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلاردىن مەجبۇرىي ئېلىنغان چاچلار بولۇش ئېھتىمالىنى قۇۋۋەتلىمەكتە.

لاگېرلار ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان «كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى» نىڭ ئەنگلىيەدىكى مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمەن ئەپەندى، يېقىنقى ئايلاردا ئوتتۇر ئاسىياغا بېرىپ لاگېر شاھىتلىرىدىن ئالغان ئىسپاتلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزىدە لاگېردىكىلەرنىڭ چاچلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن 10 ئايال لاگېر شاھىتىنىڭ لاگېردا چېچى مەجبۇرىي قىسقا قىلىپ كېسىۋېلىنغان، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار چېچىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپمۇ باقمىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ چېچىنى مەقسەتلىك كېسىۋالغانلىقىغا گۇمانىمنى قوزغىغان تەرىپى بولسا شاھىتلار ھەممىسى ئۇزۇن چاچلىرى كېسىۋېلىنغاندىن كېيىن قالايمىقان تاشلانمىغانلىقى، مەخسۇس خالتىلارغا سېلىپ ئېلىپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئۇلارغىمۇ نامەلۇم. ئىشىنىمەنكى چاچلار پىلانلىق، مەقسەتلىك ئېلىنغان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەييار چاچلارنى ئەخلەت ئورنىدا تاشلىۋەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.»

خەلقئارا مىقياسىدا راست چاچقا بولغان بازار ئېھتىياجى تېز يۇقىرىلاپ بارماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالاھىدە قىممەتلىكتۇر. گۇتمان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە لوندوندىكى چاچ دۇكانلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، لوندوندىكى چاچ دۇكانلىرىدىكى چاچلار ھەممىسى دېگۈدەك خىتايدا ئىشلەنگەن. تەبىئىي چاچتىن ياسالغان ئەرلەرنىڭ كەيمە چېچىنىڭ باھاسى 500 ئەنگلىيە فونتىدىن يۇقىرى ئىكەن.

گۇتمان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە لاگېردىكىلەرنىڭ چېچىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنغانلىقى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ھالقىپ، ھەتتا ئورگان مەجبۇرىي ئۆرگان يۆتكەشكە باغلىنىدىغان كۆپ قۇتۇپلۇق زور مەسىلە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىمىزدا كۆرسەتكىنىمىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرغا سولانغانلارنى بىر مىليون دەپ ھېسابلىغاندا يىلغا 25 مىڭ ئىنسان يوق قىلىنغان، 3 يىلدا 75 مىڭ ئىنساننىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن دەپ كۆرسىتىلدى. ئورگان يۆتكەشكە كەلسەك، خىتايدىكى يىللىق ئورگان يۆتكەش سانى 75 مىڭ قېتىم. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى لاگېردىن غايىب بولغان بۇ 25 مىڭ ئادەمنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەخمىنەن 3 ئورگىنىنى ئالالىغان تەقدىردە، خىتايدىكى 75 مىڭدىن ئىبارەت يىللىق ئورگان ئېھتىياجىنى يالغۇز لاگېردىكىلەر ئارقىلىقلار قامدىيالايدۇ. خىتاي بۇ ئادەملەرنىڭ يالغۇز ئىچكى ئورگانلىرىلا ئەمەس، تېرىسى ۋە مۈڭگۈز پەردىسى، چېچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇلمىلىرىدىنمۇ پايدىلانماي قالمايدۇ. ھازىرقى ئىسىتاتېستىكىغا قارىغاندا بىر مىليون تۇتقۇننىڭ ئاز دېگەندىمۇ 350 مىڭى ئايال دەپ قارالماقتا. بۇلار ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاياللار ئەلۋەتتە. ئويلاپ بېقىڭ 350 مىڭ ئادەمنىڭ ئۇزۇن چېچى بەك جىق چاچ. مەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پايدا ئالماي قالمايدۇ دەپ ئىشىنىمەن. شۇنداقلا ئادەم شالاڭ لوپتەك بۇ جايغا بۇنچە جىق خىتاي چاچ زاۋۇتلىرىنىڭ لاگېر قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا كۆچۈپ كېلىشى سەۋەبسىز ئەمەس.»

ھازىر خاۋلىن شىركىتىنىڭ ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىشى بىلەن بۇ جايدىكى زاۋۇتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىدەك قانۇنسىز تەرىپى ئايدىڭلاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە ئاياللار ئۇزۇن چاچ قويىدۇ، سەۋەبسىز كەسمەيدۇ، چاچ سېتىش ئادىتى يوق. ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسمۇ بۇنچە كۈپ چاچ زاۋۇتىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس كۆپلىگەن چاچ زاۋۇتىنى قۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار پەقەتلا ئەرزان ياكى قۇل ئورنىدىكى لاگېرلاردىكى ئەمگەك كۈچىمۇ؟ ئۇلارنى خام ئەشياغا نەدىن ئىگە بولماقتا؟ خىتاينىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ چاچلىرىنىڭ مەجبۇرىي كېسىۋېلىشى قانۇنسىزمۇ؟ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىچۇ؟

ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى، قانۇنشۇناس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تېڭ بىياۋ بۇ سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«خىتاينىڭ قانۇنىدا تۈرمە باشقۇرۇشتا تۇتقۇنلارنىڭ چېچىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىش ھەققىدە بەلگىلىمە يوق، ئەمما بەزى تۈرمە نىزاملىرىدا تۈرمىدىكىلەرنىڭ چېچىنى ۋاقتىدا ياسىتىپ تۇرۇشى ھەققىدە بەلگىلىمىلەر بار، ئەمما بۇمۇ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدۇ دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. لېكىن خىتايدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى تۈرمىلەرنىڭ بۇنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىنسانلارنىڭ چېچىنى مەجبۇرىي ئېلىش تېخىمۇ قانۇنغا خىلاپ چۈنكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىمۇ قانۇنسىز».

ئۇ يەنە خىتاينىڭ قانۇنىدا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

«چاچ بەدەننىڭ ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا ئايرىم چاچ ھەققىدە ئالاھىدە ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلماسلىقى تەبىئىي. شۇڭا خىتاي قانۇنىدىكى ئادەمنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغداش قانۇنى بەلگىلىمىسى ئەلۋەتتە چاچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇقرالارنىڭ چېچى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنغاندا، قانۇن ئارقىلىق ئۆز بەدەن ئەزاسىنى قوغداش ھەققى بار. ئەمما خىتايدىكى سىستېمىدا تۇتقۇنلارنىڭ بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ سوتقا ئەرز سۇنغان تەقدىردىمۇ، خىتايدىكى سىستېمىدا سوتنىڭ ئەرز قىلغۇچىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئادىل قارار چىقىرىشى تەس. تۈرمىلەرنىڭ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرمىدىكىلەرنىڭ چېچىنى قانداق بېرە تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ بەلگىلىمە يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنغان چاچلاردىن قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشمۇ تەس. شۇڭا بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ يىغىۋېلىش لاگېردىكىلەردىن مەجبۇرىي يىغىۋالغان چاچلاردىن پايدا ئالىدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىشىغا شارائىت ياراتقان.»

تېڭ بياۋ ئۇ ئىلگىرى جۇڭگو سىياسىي پەن ۋە قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا زىيارەتچى مۇتەخەسسىس بولۇپ كەلگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىۋاتقان خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسى دوكتور ۋىرجىنىيە ۋاك گەرچە، خىتايدىن ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن خوتەن خاۋلىن چاچ بۇيۇملىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك چەكلەنگەن بولسىمۇ ئەمما خىتاي مال باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن خەلقئارا بازارنى ئىگىلىۋالغان بۇ ماللىرىنى يەنىلا ئامېرىكادىن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ داۋاملىق ئېكسپورت قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

دەرۋەقە بېيجىڭ يېڭى قۇرۇلما ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى ئانالىزلىرىغا قارىغاندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەنىڭ بازارلىرى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان بىر پەيتتە بېنىن، نىگېرىيە، گانا قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت يىلدىن-يىلغا ئاشماقتىكەن. بۇنىڭدا «ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئىستېمال كۈچىنىڭ ئېشىشىغا، رايونلۇق ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ كۈچىيىشى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» سىياسىتى ۋە ئامېرىكانىڭ چاچ ئۈچۈن يولغا قويغان يۇقىرى تاموژنا بېجىغا ئەگىشىپ ئافرىقا جۇڭگونىڭ چاچ ئېكسپورتى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارغا ئايلىنىدۇ،» دەپ كۆرسىتىلگەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قامىقىدىكى يېڭى قۇرۇلما ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، بېنىننىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى پاترىس تالون سودا ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنى باشلاپ 25-نويابىر چۈشتىن كېيىن، خوتەن لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچىسىغا يېتىپ بارغان، باغچىدىكى چاچ ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن. بۇ باغچىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياردەم قىلغان بولۇپ خۇاياڭ گۇرۇھىغا قارايدۇ.

خەۋەردە يەنە باغچىنىڭ 2017-يىلى ئېچىلغاندىن بۇيان، 23 زاۋۇت قۇرۇلغانلىقى، خۇاياڭ گۇرۇھى باغچىغا كىرگەن ئەڭ چوڭ كارخانا بولۇپ چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى، ئىشچىلارنىڭ 2000 دىن ئاشىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.

مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلگەنلىكى پاش بولۇپ ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەن خوتەن خاۋلىن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى شىركىتى دەل ھۆكۈمەت بىۋاسىتە قوللاۋاتقان خۇاياڭ گۇرۇھى تارمىقىدىكى لوپتا قۇرۇلغان كارخانىنىڭ بىرى. بېنىن خۇاياڭ گۇرۇھى بىلەن 2018-يىلى تۇنجى سودا كېلىشىمى ھازىرلىغانىكەن.

بېنىن غەربىي ئافرىقادىكى دېڭىزغا تايىنىدىغان دۆلەت، ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليون. خۇاياڭ گۇرۇھى ھازىرقى بېنىننىڭ پرېزىدېنتى پاترىس تالون ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇنداقتا لوپقا قۇرۇلغان بۇ كارخانىلاردا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بېنىن ھۆكۈمىتى خوتەندىكى بۇ چاچ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكچى ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىمىدىمۇ يوق؟

بۇنىڭغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى بېنىن ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دىپلومات بىزنىڭ بېنىن سودا زىيارەت ئۆمىكىنىڭ لوپتىكى زىيارىتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا قىزغىن جاۋاب بېرىپ: «ھە بىلىمەن، شىنجاڭ، توغرا، چاچ باغچىسىغا زىيارەتتە بولغان. ئادەم چېچىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىمىز» دېدى. لېكىن قايسى چاچ ياساش شىركەتلىرى بىلەن سودا ھەمكارلىقى بارلىقىنى تەپسىلىي بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز ئۇنىڭدىن ئۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك قوللىنىلغانلىقى پاش بولغانلىقىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ ھەتتا لاگېرلار ھەققىدىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ. «سىز دېگەن ئۇ يىغىۋېلىش لاگېرىدىن پەقەتلا خەۋىرىم يوق ئىكەن، بىز پەقەتلا خىتاي ۋە بېنىن خەۋەرلىرىگىلا دىققەت قىلىمىز، ئۇلاردىن سىز ئېيتقانلارنى كۆرمىدىم» دېدى.

بېنىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. بىز ئۇنىڭدىن دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىدىكى سودا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ نېمىلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بېنىننىڭ خەلقئارا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، «بېنىن ئەلچىخانىسى بېنىن سودا شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە سودا قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بولسىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىملىرىگە بىز ئارىلاشمايمىز»، دېدى.

خەلقئارالىق كارخانا باشقۇرۇش ۋە قانۇن خەۋەرلىرى تورى-11 ماي كۈنى فرېد روكافورت تەرىپىدىن يېزىلغان «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان خىتاي مەھسۇلاتلىرى ھازىر ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ ئۆتكىلىدە» ناملىق مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ئاپتور ماقالىسىدە-2020يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خوتەن خاۋلىننىڭ چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھازىر دۇنيادا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئەيىبلەشكە ھەمىشە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىر جاي بولسا، ئۇ شىنجاڭ.» دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ. فرېد سابىق دىپلومات بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ، ماركا قوغداش ۋە قانۇن ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى.

ئۇ ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن: «بىز ئەينى ۋاقىتتا دوكلاتىمىزدا ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن يۇقۇملىنىشى خىتاينىڭ بارلىق ئېكسپورت كەسپىگە يۆتكەلدى. ھېچقانداق چەتئەل شىركىتى بۇنىڭدىن بىخەتەر ئەمەس» دېگەن. ئۇ، ئامېرىكادىكى ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەر بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا تاموژنىسى تەلەپ قىلغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئاپتور ماقالىسىنى «سىز خىتايدىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكسىز ياسالغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟» دېگەن سوئال بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە پۈتكەن، خام ئەشيا مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەرزان چاچ بۇيۇملىرىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر، بۇ چاچلارنى سېتىۋېلىپ، چاچ ۋە كىرپىكلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈۋاتقان ئامېرىكادىن بېنىنغىچە بولغان خېرىدارلار، بۇ چاچ بۇيۇملىرىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېچى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلمىگەنلىكىگە ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.