خۇدسون ئىنستىتۇتى: «خىتاي خىرىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە كەلگۈسى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.12.01
خۇدسون ئىنستىتۇتى: «خىتاي خىرىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە كەلگۈسى» «خۇدسون ئىنستىتۇتى» نىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى تود لىندبېرگ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت لايىھىلەش ئىشخانىسى دىرېكتورى پېتېر بېركوۋىتز بىلەن سۆھبەتلەشتى. 2020-يىلى 30-نويابىر.
hudson.org

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا «خىتاي خىرىسلىرىدىكى ئامىللار» سەرلەۋھىلىك زور دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان دۇنياۋى تەرتىپنى يېڭىۋاشتىن تۈزۈپ چىقىش، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ دۇنياۋى تەرتىپنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىش، شۇ ئارقىلىق ھاكىممۇتلەقلىق ۋە زوراۋانلىق ئاساسىدىكى يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى يارىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ خىل يېڭى خىرىس ئالدىدا ئەركىنلىك دۇنياسىنى ھىمايە قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم» دەپ تەكىتلىگەنىدى.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بولغان «خۇدسون ئىنستىتۇتى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت لايىھىلەش ئىشخانىسى دىرېكتورى پېتېر بېركوۋىتزنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ دوكلات ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى تود لىندبېرگنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتكە «خىتاي خىرىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە كەلگۈسى» دەپ نام بېرىلگەن. رىياسەتچى ئالدى بىلەن پېتېر ئەپەندىدىن بۇ دوكلاتنىڭ يېزىلىشىدىكى سەۋەبنى سورىدى.

پىتىر ئەپەندى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ سىياسەت لايىھىلەش ئىشخانىسى دىرېكتورى بولغان كۈنۈمدىن ئېتىبارەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز پومپېيونىڭ خىتاي تەھدىتىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. پومپېيو ئەپەندىم دائىم ‹مەن ئەتىگەندە كۆزۈمنى ئېچىپلا ئويلايدىغىنىم خىتاي، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئويلايدىغىنىممۇ خىتاي› دەيدۇ. چۈنكى ئۇ خىتاينى دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ زور خەۋپى دەپ قارايدۇ. جۈملىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز مايك پومپېيو ئۆزىگە بىۋاسىتە قارايدىغان بۇ سىياسەت لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋەزىپىسىنىڭ خىتاي خەۋپىگە ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىگە مەركەزلىشىپ ئىشلەش ئىكەنلىكىنى بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ دېگەنلىك بىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى خىتاينى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىش، دېگەنلىكتۇر».

ئۇ يەنە بۇ دوكلاتنىڭ 1947-يىلى ئامېرىكا دىپلوماتى جورج كېننان ئەپەندى تەييارلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى قاماللاشنى مەركىزىي ئىدىيە قىلغان زور ھەجىملىك داڭلىق دوكلاتىدىن ئىلھام ئالغان ھالدا «خىتاي زادى نېمە قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ مەقسىتى نېمە ۋە ئۇنى قانداق كونترول قىلىش كېرەك؟» دېگەنلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېتېر ئەپەندى دوكلاتتا دېيىلىۋاتقان خىتاي خەۋپىگە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەۋپى دېگەن نېمە؟ بىز بىلگىنىمىزدەك ۋە تەكىتلىگىنىمىزدەك خىتاي بىر قۇدرەتلىك كۈچ. ئۇ بارلىق قۇدرەتلىك كۈچلەرگە ئوخشاش دۇنيادا ئۈستۈنلۈكنى تالىشىۋاتىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە، خىتاي دۇنيادا مەۋجۇت بولغان تەرتىپ ئۈستىدە ئۈستۈنلۈك قۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت تەرتىپنى بۇزۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ بېيجىڭنى مەركەز قىلغان ۋە مۇستەبىت تۈزۈملەرگە خىزمەت قىلىدىغان بىر يېڭى دۇنيا تەرتىپى ياراتماقچى بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان خىتاي خەۋپىدۇر. خىتاي بۇ مەقسەتنى كۆزلەپ ئىش قىلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى ۋە بىز ئۇنى كۆرمەي قالدۇق. بىز نېمىشقا ئۇنى كۆرمىدۇق؟ بىز ئۇنى ياخشى نىيىتىمىزدىن كۆرەلمىدۇق. چۈنكى بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدۇق، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئارقىلىق سىياسىي ئەركىنلەشتۈرۈش ئەپ كېلىشتەك خام خىياللارغا بېرىلدۇق. . .»

ئۇ يەنە يۇقىرىدىكى سەۋەبلەردىن باشقا يەنە، ئامېرىكادا ۋە دۇنيادا ئالغا سۈرۈلگەن ‹لىبېرال دېموكراتىيە مەيلى بالدۇر مەيلى كېيىن بولسۇن بەرىبىر دۇنيادا كەڭ يېيىلىدۇ› دەيدىغان كۆز قاراش، خىتاينىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ خىتايغا باھا بېرىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە سەل قارىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، كېيىنكى 10-15 يىلدا خىتاي ھەققىدىكى خاتا قاراشنى تۈزىتىدىغان بىر قانچە تەتقىقاتچىلار چىققان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ‹ئامېرىكا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك، ئۇنى خەلقئارالىق سىستېمىغا ئەكىرىشى ۋە ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇناسىۋەت ئارقىلىق سىياسىي ئەركىنلىك ئەكىرىش كېرەك› تىن ئىبارەت خاتا قاراشنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان بىر قانچە دوكلاتلارنىڭ مانا بۇ خىل ھاكىم كۆز قاراشنى بۇزۇش يولىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېتېر بېركوۋىتز دوكلاتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئورۇن ئالغان يەنى خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ھەرىكەتلىرى ئىزاھلانغان قىسىم ھەققىدىمۇ توختىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: «مەيلى سىز ھىندى-تىنچ ئوكيانغا قاراڭ ياكى ئوتتۇرا شەرققە قاراڭ ياكى ئوتتۇرا ئاسىياغا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا قاراڭ، قەيەرگە قارىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ ئاياق ئىزلىرىنى كۆرىسىز. بۇلار قانداق ئاياق ئىزلىرى دېسىڭىز، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆزىگە مۇنقەرز قىلىشتىن ئىبارەت نىشانىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن قەدەملەردۇر».

پېتېر بېركوۋىتز خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا زور كۆلەملىك ۋە زور سوممىلىق ئەقلىي مۈلك جاسۇسلۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى جاسۇسلۇقى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئوغرىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىن شىركەتلىرى قاتارلىق بارلىق شىركەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى شۇڭا بۇ شىركەتلەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 5-گ تېخنىكىسى قۇرۇشىغا يول قويۇش دېگەنلىكى بارلىق ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكلەرنىڭ خىتاينىڭ قولىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن باشقا يەنە ئۇ خىتاينىڭ ‹كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى› نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پىكىر ئېقىمىنى ئۆزگەرتىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسىنى تارقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەنە دۇنيادىكى چوڭ تەشكىلات ۋە ئورگانلارنى چىرىكلەشتۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئالەم تېخنىكىسىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكى قىسقىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ بېيجىڭنى مەركەز قىلغان ھاكىممۇتلەق، ئىمپېرىئالىست، مۇستەبىت تۈزۈمىنى دۇنياغا يېيىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ «پۈتۈن بۇ دېتاللارنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا خىتاي خەۋپىنىڭ سەل قارىغۇسىز دەرىجىدە خەتەرلىكلىكىنى ھېس قىلالايمىز» دەپ تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسەت لايىھىلەش ئىشخانىسى دىرېكتورى پېتېر بېركوۋىتز بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم مەسىلىسى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئېلىندى. ئۇ بىرىنچى قېتىم خىتاينىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدە توختالغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. مەسىلەن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماركسىزم-لېنىنىزمنى ئاساس قىلغان دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسلۇبى ھەققىدە توختالغاندا ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھازىر دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دەپسەندە قىلغۇچىسى، ئۇلارنىڭ خىتايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قاراڭلار، ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيە لاگېرلىرى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا جازا لاگېرلىرىغا قامىدى. خىتاي يەنە تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. 70 مىليون خرىستىئانغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. بۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ قىلىنىۋاتقان زۇلۇمدۇر» دېدى.

ئىككىنچى قېتىم بولسا يىغىن باشقۇرغۇچىسى يەنى خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى تود لىندبېرگ پېتىر ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە سوئال سورىغاندا يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى. ئۇ پېتېر ئەپەندىدىن «سىز يۇقىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈز بېرىۋاتقانلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىڭىز، سىزچە رايوندا بولۇۋاتقانلار زادى نېمە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ؟» دەپ سورىدى.

پېتىر ئەپەندى بۇنىڭغا «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلار ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق، يىرگىنچلىك بىر جىنايەت. ئۇلارنى بۇ جازا لاگېرلىرىغا قويۇشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى سەزگۈلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ياخشى خىتايلارغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ زالىملارچە ۋە يىرگىنچلىك ھەرىكەتلەر بولسا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئادىمىيلىكتىن چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان تاكتىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ماڭا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› تەك بىلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇنىڭ بىلەن يىغىن باشقۇرغۇچىسى قوشۇمچە قىلىپ: «سىز كۆرسەتكەن مىساللار ماڭا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدەك ئاڭلىنىۋاتىدۇ. بىراق ئەلۋەتتە مەن سىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى رەسمىي ۋەزىپىڭىز تۈپەيلى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنى خالىغانچە تىلغا ئالالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن» دېدى. بۇنىڭ بىلەن پىتىر ئەپەندى بۇ سۆزنى قوللاپ ئۆزىنىڭ خىزمىتى تۈپەيلى ئېنىق كاتېگورىيە بېكىتىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پېـتىر ئەپەندى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە يەنە دوكلاتتا خىتاي خەۋپىنىڭ ئېلېمېنتلىرىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ خىتايغا قارىتىلىدىغان سىياسەتلەرنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرىدىغان بىر سىياسەتلەر رامكىسى تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ: «ئامېرىكا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت سىستېمىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن رەھبەرلىك قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ئەركىنلىكنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە؛ «قۇدرەتلىك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇشىمىز، ئەركىن ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى، دىنىي ئەركىنلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز، كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە بولۇشىمىز، خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ دېموكراتىك سىستېمىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، كەڭ ئاممىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ھەم ئاممىنى خىتاي خەۋپى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، ئامېرىكانى دۇنياغا يەنىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. . .» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزى ئاخىرىدا گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى خىتاي ئىچىدە ۋە چەتئەللەردە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە يالغان، خاتا ئىدىيەلەرنى تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ بىراق خىتاينى تاللاشنىڭ زور خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تارىخىي پاكىتلار ئەينەكتەك ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدىكى، ماركسىزم-لېنىنىزمنى ئاساس قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى-زۇلۇم، بېسىم، ئىنسان غۇرۇرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىشى، خەلقلەرگە بىر خىل ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش يولىدا زۇلۇم قىلىش، ھەم شۇنداقلا بارلىق دۆلەتلەرنى بېيجىڭغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ» دېدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ دوكلاتنىڭ تولۇق ۋە تۈزىتىلگەن نۇسخىسى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىمىرىشكە زور رول ئوينىغان دوكلاتقا ئوخشىتىلىۋاتقان بۇ دوكلات كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.