مۇھاجىرەتتىكى پېشقەدەملەر ئاغزىدىن-خۇرشىدە ھەسەن خانىمدىن بىر ھېكايە (2)

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق 70 ياشتىن ئاشقان خۇرشىدە ھەسەن خانىم ھەققىدىكى پروگراممىمىزنىڭ 1-قىسمىدا ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ، ئافغانىستانغا سەپەر قىلىش جەريانىدىكى كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، خۇرشىدە خانىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن بىر مەزگىللىك مۇساپىرەت ھاياتى، ئۇ يەردىن ۋەتەنگە قايتىپ يۇرتى غۇلجادا ياشىغانلىقى، ئەمما 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئۇلارنىڭ قايتىدىن ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى قېتىم ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان خۇرشىدە خانىم بالا چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكاغا يەرلىشىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە.

خۇرشىدە خانىمنىڭ ھايات ھېكايىسى ھەققىدىكى بۇ سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ داۋامى، يەنى ئاخىرقى قىسمىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.