ئۇيغۇرلار 2022-يىلنى دۇنيا خەلقىگە ئوخشاش، كونا يىلدا يۈز بەرگەن ۋە قىلغان ئىشلىرىنى خۇلاسىلەش، يېڭى يىل ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئىچىدە كۈتۈۋالدى.
بولۇپمۇ ئانا يۇرتى ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان «لاگېرلارغا قاماش»، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى «تۈرمىلەرگە قاماش» قا قارشى ئۆز پائالىيەتلىرىنى يېڭى يىل مەزگىلىدىمۇ ھەر خىل ئۇسۇللاردا داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
30-دېكابىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يازغۇچى يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى تۇمارىس يالقۇن ۋە دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ناماز ئوقۇدى دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان چەرچەندىكى ئوقۇتقۇچى رەناگۈل غېنىنىڭ ئامېرىكادىكى سىڭلىسى قەلبىنۇر غېنى تەرىپىدىن تۋىتتېر ۋە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان سىنتلىق چاقىرىق كەڭ تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.
يالقۇن روزىنىڭ قىزى تۇمارىس يالقۇن تەرىپىدىن، دادىسى يالقۇن روزىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ، 30-دېكابىر ئېلان قىلغان سىنتلىق چاقىرىقىنى يېڭى يىل مەزگىلىدە كۆرگۈچىلەر سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
تۇمارىس يالقۇن 4-يانۋار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
تۇمارىس يالقۇن، دادىسى ھەققىدە يېڭى يىل ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان سىنتلىق چاقىرىقنى ئېلان قىلىش جەريانىدىكى ئۆزىنىڭ ھېس تۇيغۇسى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ يەنە بۇ قېتىم تۋىتتېردا ئېلان قىلىنغان سىنتلىق چاقىرىقنىڭ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتايغا قارىتا مۇناسىپ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرى ھەققىدە توختىماي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان ئامىللاردىن ھېسابلىنىدىكەن.
2022-يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا تۋىتتېر ۋە فەيسبوك تورىدا ھەدىسى رەناگۈل غېنى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان قەلبىنۇر غېنىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
قەلبىنۇر غېنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ھەدىسى رەناگۈل غېنى چەرچەن ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ 17 يىل كېسىلگەنىكەن. ئۇ 15 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىغا ئىكەن. رەناگۈل غېنى 2018-يىلى مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدىلا تۇتقۇن قىلىنغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ، رەناگۈل غېنىگە «2013-يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندا ناماز ئوقۇغان، ئۆيىدە دىنىي كىتاب ساقلىغان» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ، 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە سانجىدىكى ئاياللار تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
قەلبىنۇر غېنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلدىن بۇيان ھەدىسى رەناگۈل غېنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلاپ، ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھەدىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان. شۇندىن كېيىن خىتاينىڭ چەرچەندىكى ساقچىلىرى ئۇنى ئىزدىگەن ۋە ئۇنىڭغا ھەدىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
قەلبىنۇر غېنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەدىسى رەناگۈل غېنى ۋە 2016-يىلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان 10 نەچچە تۇغقىنى ۋە لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇنى تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن ئاساسىي سەۋەب ئىكەن.
قەلبىنۇر غېنى يەنە، 2021-يىلى يىل ئاخىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگونى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن ما شىڭرۈي ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈينىڭ، چېن چۈەنگو ئىجرا قىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدا يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەندىشە قوزغىغان.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ خىل جىنايەتنى دۇنياغا داۋاملىق ئاڭلىتىش ۋە خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا مۇناسىپ جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ قوللىنىشىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرى ھەققىدە داۋاملىق ئىسپات بېرىشى ۋە مۇناسىپ پائالىيەتلەردە بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.