ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ياپونىيەدە كىشىلىك ھوقۇق دەرسلىك ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈلدى
2023.01.03

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق قارار، 5-دېكابىر كۈنى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ كۈندىن كېيىن ياپونىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 21-دېكابىردا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان يېڭى كارتون كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئىشلەنگەن 30 مىنۇتلۇق بىر دەرسلىك فىلىم يورۇقلۇققا چىققان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەلۇم بولغىنىدەك، 9-ئاينىڭ ئاخىرى 10-ئاينىڭ بېشىدا قەلبىنۇر سىدىق خانىم تۇنجى قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى. بىز مۇشۇ مەزگىلدە ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قانچە كارتون كىتابنى سىزىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان، جامائەت پىكرى پەيدا قىلغان داڭلىق رەسسام تومومى شىمىزۇ خانىم بىلەن قەلبىنۇر خانىمنى مەخسۇس ئۇچراشتۇرۇپ، مۇشۇ ھەقتە كارتون كىتاب يېزىپ تارقىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئىش ۋۇجۇتقا چىقتى.»

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى مەزكۇر رەسسامنىڭ بۇرۇنمۇ جازا لاگېرى شاھىتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كارتون كىتاب يېزىپ ياپونىيەدە زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى سىزغان تومومى شىمىزۇ خانىم ھازىرغىچە ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ، لاگېر شاھىتلىرىدىن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى مۇشۇنداق كارتون كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىم، گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە سايراگۈل ساۋۇتباي خانىملارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ھازىرغا قەدەر كارتون كىتاب ھالىدا تارقىتىلىپ ياپونىيە جەمئىيىتىدە ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىم قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ گۇۋاھلقلىرى قوشۇلغان بولدى.»
ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قانچە كارتون كىتابلارنى سىزغان داڭلىق رەسسام تومومى شىمىزۇ خانىم ئۆزىنىڭ يېڭىدىن نەشىردىن چىققان بۇ كىتابى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋەر تاپقان ۋاقتىمدا قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. لاگېرنىڭ ئىچىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ ئادەملەرگە بۇنى بىلدۈرۈش بەك مۇھىم، دەپ قارىدىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كارتون ئارقىلىق چۈشىنىشلىك قىلىپ سىزىپ چىقسام، بۇنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى بىلدۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ، دەپ ئويلىدىم. بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئوخشاش بىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسىلىدۇر. ئۇلارنى بۈگۈن تاشلىۋەتسەك، ئېنىقكى نۆۋەت بىزگىمۇ كېلىدۇ.»
ئۇ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىلىشنى ئويلاۋاتقان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر تېخى كىيىنكى قەدەمدىكى پىلانىمنى ئېنىق بېكىتمىدىم. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش ئۈچۈن كارتۇن قىلىپ سىزىشنى پىلانلاۋاتقان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بار. بۇنىڭدا گۇۋاھچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىسام بولمايدۇ. مەن يەنە ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۈزەل مەدەنىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ سىزىشنى ئويلاۋاتىمەن.»
كارتون كىتابغا 7 ياشتىن 70 ياشقىچە كىشىلەر ئوخشاش قىزىقىدىغان بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇنىڭغا زور ئەھمىيەت بەرگەن. قىسقا زامان ئىچىدە تەسىرىنى كۆرگەن. ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كارتون ياپونىيەدە كىچىك بالىلاردىن تارتىپ قېرى بوۋاي ۋە مومايلارغىچە ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان قىزىقىشىنى قوزغايدىغان، ھەممە ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىدۇر. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيەدە كەڭ تونۇتۇشتا مۇشۇ ۋاسىتىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە كارتوننى تاللاپ ھازىرغا قەدەر مەيلى ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، مەيلى لاگېر شاھىتلىرى بولسۇن بۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى كارتوندىن ئىبارەت ۋاسىتا ئارقىلىق تارقىتىشقا كۈچەپ كېلىۋاتىمىز. بۇ كارتون كىتابلار ياپونلار تەرىپىدىن زور ئالقىشقا ئېرىشىپ تاراتقۇلاردا كەڭ-كۆلەمدە تارقىتىلدى. بەلكى بىز مىليونلاپ پۇل خەجلەپ قىلالمايدىغان ئاخبارات ئۈنىمىنى مۇشۇ كارتون كىتابلار ياراتتى دەپ ئويلايمىز.»
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا نەشىر قىلىنغان كارتون كىتابلار 500 ئەتراپىدا مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قويۇلغان. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ياپونىيەنىڭ مائارىپ ساھەسىگە، مەكتەپلىرىگە قانداق قىلىپ ئېلىپ كىرىش؟ توغرىسىدا كۆپ ئىزلەنگەن بولساقمۇ بۇنداق بىر سىياسىي ۋەقەنى مائارىپ ساھەسىگە ئېلىپ كىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دەرىجە بولغان ئىدى. لېكىن بىز يېقىندا مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىقى بايان قىلىنغان كىتابنى 500 دىن ئارتۇق مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىغا قويغۇزدۇق.»
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قىسقا فىلىم ئىشلەنگەنلىكى بۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيە توئېي شىركىتى مائارىپ فىلىمى ئىشلەش بۆلۈمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا 30 مىنۇتلۇق بىر دەرسلىك فىلىمنى ئىشلەپ تۈگەتتى. ئالدىمىزدىكى ھەپتە رەسمىي تارقاتماقچى. ياپونىيەدە شىركەتلەر، ئىدارە-ئورگانلار، مەكتەپلەر، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرىنى قەرەللىك ھالدا كىشىلىك ھوقۇقى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى بولىدۇ. مەزكۇر فىلىمنى مۇشۇ تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا ئىشلىتىدىغان دەرسلىك ماتىرىيال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكچى. بۇلارنى قىلىشتىكى مەقسەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ ئاڭلىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئۈنىملىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.»

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشتا يېڭى قەدەم بېسىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئارقىلىق يېڭى قەدەمنى باستۇق. بۇ كىتابلار ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىنڭ كۈتۈپخانىلىرىدا داۋاملىق تۇرىدۇ. بۇ مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىق چېلىقىپ تۇرىدۇ دېگەن گەپ. بۇ فىلىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كادىرلارنى كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيەلەشتە دەرسلىك قىلىنغاچقا خالىسا خالىمىسا بۇنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، يېڭى بىر قەدەم باستۇق دەپ ئويلايمىز. ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ پائالىيەتلىرىمىزنى كېڭەيتىش، چوڭايتىش ۋە كۆلەملەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز.»
قەلبىنۇر سىدىق خانىم ياپونىيەدە ئۆزى توغرىسىدا نەشىردىن چىققان كارتون كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەيدۇللا ئونئۇيغۇر ئەپەندى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى كارتون ئارقىلىق ئاڭلىتىلغان كىتابلارنىڭ ياپونىيەدە باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.