ياپونىيە پارلامېنتىدا «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ئۆتكۈزۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.11.14
yaponiye-parlamentide-korgezme-1 ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى، 2022-يىلى 12-نويابىر، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

11-ئاينىڭ 10-11-كۈنلىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت كۆرگەزمە ۋە دوكلات بېرىش  شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى مەخسۇس تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ناملىق بۇ پائالىيەت مۇنداق دېدى: «ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. بىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى  مەقسىتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانلىقى، ئىنسانىيەتكە زور تۆھپىلەرنى  قوشقانلىقى ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنى نامايەن قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياپونىيە خەلقى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ قوللىشىغا ئەرزىيدىغان بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئىدى. مەن ئىككى كۈنلۈك بۇ پائالىيەت نەتىجىسىدە بۇ مەقسىتىمىزگە يەتتۇق، دەپ ئويلايمەن. بۇ پائالىيەت جەريانىدا كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

پارلامېنت ئەزالىرى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلماقتا، 2022-يىلى نويابىر، توكيو.
پارلامېنت ئەزالىرى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلماقتا، 2022-يىلى نويابىر، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمە، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ۋە دوكلات بېرىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ پارلامېنت بىناسىنىڭ ئىچىدە خەلققە يېپىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، پارلامېنتتىكى 4 پارتىيەدىن بولغان كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا دېمەكچى بولغانلىرىنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ،  مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيىتىمىزگە كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپلا ھەيران قالدى. ئۆزىنى باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدەر گۈزەل، بۇ قەدەر مول، بۇ قەدەر كۆپ خىل ۋە رەڭدار، بۇ قەدەر نەپىس مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىخەۋەر قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار يەنە بۇ قەدەر گۈزەل بىر مەدەنىيەتنى يوق قىلىش ۋە رەت قىلىشنىڭ ئىنسانىيەت  ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش قايتىدىن تونۇغانلىقىنى تەكىتلەشتى. بىزمۇ دوكلاتلىرىمىز ۋە سۆھبەتلىرىمىزدە ياپونىيەنىڭ، بولۇپمۇ ياپونىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆز ئالدىدا قوشنىسى بولغان خىتاينىڭ مۇشۇنداق شانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشىگە قاراپ تۇرۇشىنىڭ بىر جىنايەت بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنى قايتىدىن ئويلىششىى ۋە تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ مەدەنىيەتنى ياراتقان ئۇيغۇر خەلقىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولدۇق. ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.»

كۆزگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار، 2022-يىلى نويابىر، توكيو.
كۆزگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار، 2022-يىلى نويابىر، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا 12-نويابىر كۈنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توكيودا بىر جايغا جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 89 يىللىقىنى، ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پائالىيەتكە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملاردىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى نويابىر، توكيو.
كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملاردىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى نويابىر، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت  ئۆتكەن ئاي ياپونىيەگە ئېلىپ بارغان  10 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، ياپونىيە پارلامېنتى بىلەن ياپونىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسىدە مۇھىم ئۇچىرىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.