ياپونىيە ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئورگان ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى مۇراسىم بىلەن تونۇتۇلدى
2023.06.13

6-ئاينىڭ 10-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسىنىڭ مىتو شەھرىدە ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئورگان ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان.
مەزكۇر مۇراسىمغا ئاۋام پالاتاسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن فۇكۇشىما نوبويۇكى ئەپەندى، ئىباراكى ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسى تاچى شىزىما ئەپەندى، ساكۇراي نوبويۇكى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 10 نەپەر يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى، شۇنىڭدەك ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئىباراكى ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسى تاچى شىزىما ئەپەندى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە ئۆلكىلىك پارلامېنتتا قوبۇل قىلدۇرالمىغانلىقىدىن ئەپۇ سورىغاندىن كېيىن، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار مەزكۇر ژۇرنالغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى دوكتور مۇختار ئابدۇراخماننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، تارىخ، مەدىنىيەت، پەلسەپە ۋە ئەخلاق قىممەت قارىشى ساھەسىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئىكۇكو كانازاۋا خانىم ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر فىئولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىز ياپونلىقلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشىنىشىمىزدە مەكتەپلىك رولىنى ئويناۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن زىيالىيلار جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ. شۇڭا ژۇرنىلىمىزنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.»
دوكتور مۇختار ئابدۇراھمان ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلىنى قوللاش ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەلسەپە پەنلىرى دوكتورانتى مۇختار ئابدۇراخمان ئەپەندى ياپونىيەدە بۇنداق بىر ژۇرنالنى نەشر قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيەدە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىمۇ تەرەققىي قىلغان. لېكىن ياپونىيەدە ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ئاساسەن خىتايچە مەنبەلەرگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. شۇڭا بۇ يەردىكى خىتاي زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كىتاب ۋە ماقالىلارنى يېزىپ ئۇيغۇر تارىخىنى ياپونلارغا بۇرمىلاپ ئاڭلاتقان. شۇڭا بىز بۇ ژۇرنىلىمىزدا چاغاتايچە، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرلار يازغان مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان خاتا مەلۇماتلىرىنى رەت قىلماقچىمىز.»
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدا دوكتور مۇختار ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ كىرىش سۆزىگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇقەددەس نۇر خانىمنىڭ بېغىشلىمىسىغا، ئۇيغۇر زىيالىيسى خەيرىننىسا ياسىن خانىمنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا توغرىسىدا يازغان ماقالىسىغا ئورۇن بېرىلگەندىن سىرت ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ماقالىلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور مۇختار ئابدۇراخمان ئەپەندى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدا ئورۇن بېرىلگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
مۇراسىمغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر فىئولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورگان ژۇررنىلىنى نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى خەيرىنىسا ياسىن خانىم يىغىندا ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ياپونلارغا ئاڭلىتىشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر ۋە ياپون زىيالىيلاردىن بولۇپ 15 كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ئەزا سانى يىگىرمىدىن ئاشقان.