نۆۋەتتىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگانىڭ ۋارىسى بولماقچى بولغان فۇمىئو كىشىدا ئەپەندىم ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«نىككېي ئاسىيا» تورىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان سۇگا ئەپەندىم، بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىدىن «چوڭقۇر ئەندىككەن» لىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، كىشىدا «نىككېي ئاسىيا» گېزىتىگە يېقىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق نېگىزلىك قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز ئامېرىكا، ياۋروپا، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق قىممەت قارىشى ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرىمىز»
نۆۋەتتىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا 3-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بايانىدا ئۆزىنىڭ قايتا سايلامغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بۇ يىل 29-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ.
سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە سالامەتلىك مەسىلىسى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان يوشىخىدې سۇگا باش ۋەزىرلىكنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.
سۇگا قايتا سايلامغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن فۇمىئو كىشىدا قاتارلىق تۆت نەپەر كاندىدات ئۆزلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.
سۇگا شىنزو ئابې دەۋرىدە تۆت يېرىم يىلدىن ئارتۇق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ تاشقى مۇناسىۋەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مول تەجرىبىسى سەۋەبلىك كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
ئۇ، ئىقتىسادنى ئاساس قىلىپ ياپونىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە، مۇداپىئە مەسىلىسىدىمۇ توختالغان ۋە دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىغا زەربە بېرىش ھەمدە ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن: «باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى تۇنجى ھۇجۇمنى توسىغان تەقدىردىمۇ، دۈشمەن بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغدىيالايدۇ. باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەن ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنى قوغداش ھەققىدىكى ئاشۇ رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچى.»
ياپونىيە باش ۋەزىر سايلىمى مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
