خەلقئارا تەشكىلاتلار: «ياشار شۆھرەتنىڭ قىسمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ سىمۋولى!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.12.05
yashar-shohret-1920 خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياشار شۆھرەتنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۈلپەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ
Photo: RFA

ئۆتكەن ھەپتە «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى» نىڭ تور بېتىدە 2024-يىلى ئىيۇن ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىگە قامىغان ياش مۇزىكانت ياشار شۆھرەت ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتتا «Uigga» دېگەن سەھنە ئىسمى بىلەن تونۇلغان ۋە ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇرچە ناخشا تېكىستى يازغۇچىسى ياشار شۆھرەت دۇچ كەلگەن قىسمەتنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ سىمۋولى، دەپ كۆرسەتكەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، تالانتلىق ياش سەنئەتكار ياشار شۆھرەتنىڭ «جىنايىتى» مۇزىكا ئارقىلىق ئانا تىلىنى قوغداش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نازارەت ۋە زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئۆز يۆنىلىشىنى يوقاتقان. باياناتتا يەنە، 2022-يىلىدىكى «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» دىن كېيىن، ياشار شۆھرەتنىڭ قولغا ئېلىنىشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، خىتاي ئىنسانپەرۋەرلىك رەئىسى جوۋ فېڭسو (Zhou Fengsuo) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يازما ئىنكاسىدا ياشار شۆھرەت ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىق ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياشار شۆھرەتنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۈلپەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز پەقەت سەنئەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغدىغانلىقى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياش مۇزىكانتنىڭ قىسمىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇملارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاشۇ يىراق جايدىكى سىياسىي مەسىلىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ سىرتقى دۇنياغا يەتكۈزىمىز. بىزنىڭ ياشار ھەققىدىكى بۇ دوكلاتنى توردا كەڭ تارقىتىشىمىز يەنە، كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ۋە بۇ خىلدىكى زىيانكەشلىككە قارشى ئۇلارنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى، بىز غەرب دۇنياسىدىكى ئىجادىيەتچىلەر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قەدىرلەيدىغان ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا بۇ ئۇسۇلنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، دەپ قارايمىز. ياشارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۈلپەتلىرىنى داۋاملىق تارقىتىش ئارقىلىق، بىز يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشىنى ۋە جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ دوكلات ئەلۋەتتە پەقەت بىر ياش مۇزىكانتنىڭلا قاباھىتى بولماستىن، بەلكى ھەممەيلەننىڭ زىيانكەشلىكتىن قورقماي ئۆزىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى، بۇ خىل باستۇرۇشتا ئىتتىپاقلىقنىڭ ھەم ئەخلاق مەجبۇرىيىتى ھەم ئۆزگىرىشنىڭ كۈچلۈك قورالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتىغا يەنە «بىز» ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىلى 30-نويابىردا خىتاي يېزىقىدا ئېلان قىلىنغان «ياشار: چېڭدۇدىكى ‹ئاق قەغەزلىك ياش› ئىككىنچى قېتىم غايىب بولدى» ناملىق ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى خەتكۈچ قىلىنغان.

 «بىز» ژۇرنىلىنىڭ ئەدەبىي تەھرىرى يى چۈەن (Yi Chuan) بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ياشار شۆھرەتنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىنىڭ بۇ يىل ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنىپ توردا ئېلان قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

 «ئىشىنىمىزكى، ئەدلىيە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەن. شۇڭا، بىز نۇرغۇن مەھبۇسلارنىڭ دېلولىرىنى تاشقى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ۋاسىتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزدە ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە كىملىكى يوق، ئۇلار پەقەت بىر سانلىق مەلۇماتتىنلا ئىبارەت. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئاخبارات ئوبيېكتىپلىقىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەلىرى ئاساسىدا دوكلات يېزىشىمىز ئىنتايىن قىيىن. ئۇندىن باشقا ھازىر مۇخبىرلار قاتتىق باستۇرۇشقا دۇچ كەلمەكتە، ئەمما بىز سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىش يوللىرىنىڭ كەڭ بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. چۈنكى ئۇلار پەقەت بىزگىلا تايىنىپ قالماستىن، يەنە بىزنىڭ ۋاسىتىمىز ئارقىلىق ئاشۇ ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تېخىمۇ كۆپ باتۇر روھلارغا موھتاجدۇر.»

ئۇ يازمىسىدا يەنە خىتاي تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم تارىختا خاتىرىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ: «بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياشارنىڭ دوستلىرى ساقچىلارنىڭ بېسىملىرىدا بىزنى ‹شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى› مىزنى تەنقىد قىلدى ۋە بىزدىن ماقالىنى ئۆچۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەن بىر قىسىم سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بۇ ‹مۇقىملىقنى ساقلاش› روھىي ھالىتى بىلەن باغلانماسلىقىنى ۋە گەپ قىلىشتىن قورقماسلىقنى ئەسكەرتىمەن. چۈنكى، كۈچلۈك دۆلەت زوراۋانلىقى ئالدىدا بىزنى قوغدىيالايدىغان بىردىنبىر نەرسە ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق ئاشكارىلاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە دىققەتنى تارتىشتۇر. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىمىز چەكلىك، ئەمما بىز ياشارنىڭ خىتايدا ياشايدىغان ئادەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى ۋە سىياسىي زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇرمەنلەرنى ئىچكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مېڭە يۇيۇشىدىن ھالقىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەزكۇر باياناتتا ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان بۇ پاجىئە شى جىنپىڭنىڭ «نۆل كوۋىد» سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيلىقتىن چىققان نەتىجىسى بولۇپ، ئۇ سىياسەت ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنى كونترول قىلىشنى ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى» نىڭ ياشار شۆھرەت ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتى توغرىلىق ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

مەزكۇر باياناتتا ياش مۇزىكانت ياشار شۆھرەت ھەققىدە مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ: «يۇرتداشلىرى ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا ماتەم تۇتقان ۋە مۇزىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىلىشىغا جەڭ ئېلان قىلغان ياشار ئىككى قېتىم ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. ئۇ ئالدى بىلەن 2022-يىلى چېڭدۇدا تۇتۇلدى، 2023-يىلى بولسا ئاشقۇنلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئەيىبلەندى.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ بۇ جەھەتتە ياشارنىڭ تەقدىرىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى رادىيو زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆز ئەندىشىلىرىنى قىسقىچە ئىپادىلەپ ئۆتتى.

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى» باياناتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى ئېيتقان: «ياشار شۆھرەتنىڭ دېلوسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق قىلىپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە يالغاندىن قانۇنىي ئەيىبلەشلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى. بۇ ‹ئاق قەغەز ئىنقىلابى› خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، دىنىي ۋە تىل كىملىكىنى جىنايەتلەشتۈرۈش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ ياش مۇزىكانتنىڭ كەچۈرمىشلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگە سىستېمىلىق ۋە قەستەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. شۇڭا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق دىققەت قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.»

نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى باياناتلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ياشار دۇچ كەلگەن قاباھەتنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان ئەينەك بولۇۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.