«ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» : ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا سورۇنلاردا قانداق ئاڭلىتىش كېرەك؟

0:00 / 0:00

22- ۋە 23-ئىيۇن كۈنلىرى مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق كۇرستا ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيەلەر سۆزلەندى.

بۇ قېتىملىق كۇرسقا 4 دۆلەتتىن كەلگەن 30 دەك ئۇيغۇر ياش ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز بۈگۈنكى كۈندە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا ۋەتەن ۋە مىللىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى بىزگە قاچان نېسىپ بولىدۇ، بىلمەيمىز. لېكىن كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر چەت ئەللەردە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 50-60 ياشلار چاممىسىدىدۇر. شۇڭا كەلگۈسىدە بىزنىڭ بۇ دەۋايىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارغا ئېھتىياجى بار. شۇ سەۋەبتىن بىز ئىزچىل ھالدا بۇ خىل كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ قېتىم بىز ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن كۇرسنىمۇ مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئۇيۇشتۇردۇق.»

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» دا روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت باسبى (Scott Busby) ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 23-ئىيۇن، ئىستانبۇل.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» دا روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت باسبى (Scott Busby) ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 23-ئىيۇن، ئىستانبۇل. (RFA/Erkin Tarim)

ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئۇيغۇر ياشلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا، ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوتت باسبى (Scott Busby)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مەسىلىلەرگە مەسئۇل خادىمى ئېرىكا كۇئېننا (Erika Kuenna) خانىم، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئىشىق قۇشچۇ بوننەنفانت خانىم، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى قاتارلىقلار بولۇپ 10 كىشى لېكسىيە بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ئەھمىيەتىنىڭ ناھايىتى زور بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان، ۋەتەن-مىللەت غېمىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارمۇ كۆپ بولغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. شۇڭا بىز بۇ يەردىكى ياشلارغا قانۇن، كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى ۋە قانداق قىلغاندا ۋەتەن دەۋاسىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئاڭلاتقىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىلار بويىچە ئامېرىكادىن مۇھىم دىپلوماتلارنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس خادىملىرىنى، تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەرگۈزدۇق. بۇ كۇرسنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەتەن دەۋاسىغا ئېلىپ كىرىشتە زور ئەھمىيىتى بار دەپ ئويلايمەن.»

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» دا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىلىرىگە مەسئۇل خادىمى ئېرىكا كۇئېننا (Erika Kuennaا) خانىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-ئىيۇن، ئىستانبۇل.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» دا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىلىرىگە مەسئۇل خادىمى ئېرىكا كۇئېننا (Erika Kuennaا) خانىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-ئىيۇن، ئىستانبۇل. (RFA/Erkin Tarim)

كانادادىن كەلگەن تۇنىسا مەتسىدىق چىرا خانىم، 22- ۋە 23-ئىيۇن كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا «قانداق قىلغاندا باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا خىزمەت قىلدۇرالايمىز؟» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرگەن. ئۇ، بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن لېكسىيەمدە كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمدە قانداق قىلىپ ئۇيغۇر بولمىغان تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمنى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن بەزى ھەمكارلىقلارنى ئورناتقانلىقىمنى ئاڭلاتتىم. بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تەسىرلىك قىلىپ ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا لېكسىيە بەردىم. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولدۇم.»

تۇنىسا مەتسىدىق چىرا خانىم، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق. كۇرس ياخشى بولدى، كۆپچىلىكمۇ رازى بولدى. بۇ كۇرستا لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا ياشلارنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولدۇم. دەۋانى قىلىشنى بۇرۇنلا باشلىغان، دەۋانى ياخشى بىلىدىغان ياشلىرىمىز خېلى كۆپ ئىكەن. بىز ئۇيغۇر كىملىكىمىزنى ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىمىزنى يوقاتمىساقلا، ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قۇرالايدىكەنمىز دېگەن پىكىرگە كەلدىم.»

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» دا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىلىرىگە مەسئۇل خادىمى ئېرىكا كۇئېننا (Erika Kuennaا) خانىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-ئىيۇن، ئىستانبۇل.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» دا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىلىرىگە مەسئۇل خادىمى ئېرىكا كۇئېننا (Erika Kuennaا) خانىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-ئىيۇن، ئىستانبۇل. (RFA/Erkin Tarim)

بىز بۇ كۇرسقا گېرمانىيەدىن كېلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر ياش ئامىنە نۇرئەخمەت بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ مول مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكەنلىكىنى، كۆپلىگەن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھازىرغىچە ئاۋسترىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، گېرمانىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 11 دۆلەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزگەن.